پاكىستاننىڭ پاناھلىق ئىزدەپ چىققان ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021.05.23
omer-ugyhur-wexpi-omerjan-duq-wekili-1.jpg ئۇرۇش رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ۋە تېگىشلىك ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن ئافغانىستانغا كەلگەن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەرجان. 2015-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA

پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ، مەزكۇر دۆلەتكە پاناھلىق ئىزدەپ چىققان ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«ۋايس» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىم يىللاردىن بۇيان خىتايدىن قاچقان ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ پاكىستانغا كېلىپ پاناھلىنىشىغا ياردەمدە بولغان.

ئۇ مۇندا دېگەن: «ئەگەر مەن ئۇلارغا ياردەم قىلمىسام، كىم ياردەم قىلىدۇ؟ مەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلدىم. خۇدا خالىسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن.»

ھالبۇكى، نۆۋەتتە ھازىر پاكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ناچارلاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا پاكىستان ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، پاكىستاننى ئەمدى بۇ دۆلەتكە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەر پاناھگاھى، دەپ قاراشقا بولمايدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، پاكىستان دائىرىلىرى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتايدىن ئالغان 60 مىليارد دوللارلىق قەرز مەبلىغى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن بىرى بولغان نىياز غوپۇر: «پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بۇيرۇغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ‹خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى› سەۋەبىدىن قاتتىق ئىزتىراپ چېكىۋاتىدۇ،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پاسپورتلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشى قېيىنلاشقاندىن كېيىن «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» ئۇلارغا 3-بىر دۆلەتتىن پاناھگاھ ئىزدەشكە باشلىغان. ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پاسپورتى بار ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندىن ئايرىلىشىنى ھەسسىلەپ تەسلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۆمەر ئۇيغۇر ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشقا باشلىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە پاكىستان دائىرىلىرى پاكىستاندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا باشلىغان.

ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغان بىر جەدۋەلدىن مىسال ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، «دىنىي ئېتىقادى»، «ئائىلە تارىخى» قاتارلىق سوئاللار مەزكۇر جەدۋەلدىن ئورۇن ئالغان ئىكەن.

2019-يىلى، خىتاينىڭ 1. 8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.