پاكىستانلىق سودىگەر: ئۇيغۇرلار قۇل قىلىنىش بەدىلىگە كەلگەن بۇ ياڭاق قانداقمۇ سىڭسۇن؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.12.23
پاكىستانلىق سودىگەر: ئۇيغۇرلار قۇل قىلىنىش بەدىلىگە كەلگەن بۇ ياڭاق قانداقمۇ سىڭسۇن؟ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بېغىشلاپ ئىشلەنگەن كارتون.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا لاگېرغا قامالغان زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرى، باغ-ۋارانلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەقسىم قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىش پۇرسىتى نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكىلىۋاتقانلىقىدىن باشقا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار «دېھقانلارغا ئىشىكتىن چىقسا ئىشلەيدىغان جاي بولۇش» دېگەندەك سىياسەتلەر بىلەن، ھازىر ھەر يېزا-ھەر كەنتكە قۇرۇلغان خىتاي خوجايىنلىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانا-شىركەتلەردە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلەشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىمۇ ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر دىيارى بىلەن پاكىستان ئارىسىدا سودا قىلىپ كېلىۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پاكىستانلىق سودىگەر، يىللاردىن بۇيان خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسىدىكى «كېرەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى» دىن ياڭاق سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىغا يىلدا بىر قېتىم بېرىپ-كېلىپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ نۆۋەت بارغىنىدا ئۇ بۇ شىركەتكە بىر خىتاي شېرىكنىڭ ئىگە بولغانلىقىنى، شىركەت دىرېكتورى كېرەم ئەبەيدۇللانىڭ ئىسمى شىركت ۋىۋىسكىسىدىن ئېلىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ ئەمما باشقۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە شۇ خىتاينىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. دىرېكتور كېرەم ئەبەيدۇللا بۇ ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلاشقۇچى پاكىستانلىق سودىگەر بىلەن پاراڭلىشىشقىمۇ پېتىنالمىغان.

بۇ پاكىستانلىق سودىگەر ئۇ جايدا، بىر توپ ئىشلەمچىلەرنىڭ شىركەتكە ساقچى ماشىنىسىدا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىگە شاھىت بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى تېلېفون ئارقىلىق تارتىۋالغانىكەن. ئۇ بىر قىسىم سۈرەت ۋە ۋىدىيولىرىنى رادىئومىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇلاردا، خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشىدا، ئېغىرلىقى 40-50 كىلولۇق ياڭاق تاغارلىرىنى ئىسكىلاتتىن ماشىنىلارغا، ئېغىر قەدەملىرى بىلەن توختىماي توشۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بار.

بۇ پاكىستانلىق سودىگەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئىشلەمچىلەر يەرلىك دېھقانلار بولۇپ كۈنىگە 10 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەيدىكەن، ئايدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 يۈەن مائاش ئالالايدىكەن ھەتتا بەزىلىرىگە مائاش بېرىلمەيدىكەن. پاكىستانلىق سودىگەر بۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ ساقچى ماشىنىسىدا ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ ئاجىزلىقى، روھىنىڭ تۆۋەنلىكىگە ئوخشاش نورمال ئادەملەردىن پەرقلىق تەرەپلىرىگە قاراپ ئۇلارنى لاگېردىن ئېلىپ كەلگەنلەر بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

خوتەن ناھىيەسىدىكى «كېرەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» ھەققىدىكى ئوچۇق مەنبەلەردىن دەرۋەقە، مەزكۇر شىركەتنىڭ-2012 يىلى-1ئاينىڭ-9 كۈنى خوتەن ناھىيە، لايقا يېزا، داكۇي كەنتىگە قۇرۇلغانلىقىنى، «قانۇنىي باش ۋەكىلى-ئىمىن كېرم ئەبەيدۇللا» دەپ يېزىلغانلىقىنى، سودا دائىرىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە سېتىش ئىكەنلىكىدەك ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيمىز.

پاكىستانلىق سودىگەرنىڭ ئېيتىشىچە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسى داكۈي كەنتىدىكى ياڭاق سودىگىرى كېرەم تەدرىجىي تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ياڭاقلارنى ئىلغاپ تاللايدىغان، يۇيۇپ تازىلايدىغان ئەسلىھەلەرنى كىرگۈزگەن، دېھقانلاردىن سېتىپ ئالغان ياڭاقلار پىششىقلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى، خىتاي، ھەتتا پاكىستان ۋە باشقا مەملىكەت بازارلىرىدا سېتىلىدىغان دەرىجىگە ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلغانىكەن.

شىركەتنىڭ نومۇرىغا تېلېفون ئۇلاندى. شىركەت دىرېكتورى كېرەم تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ ئەمما سوئاللىرىمىزغا ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بىزنىڭ خىتاي دىرېكتور بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى ئۆتۈنۈپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

كېرەم دىرېكتور ئېيتىپ بەرگەن ئۇنىڭ خىتاي شېرىكىنىڭ تېلېفون نومۇرى ئۇلاندى. ئەمما ئۇ بەلكى چەتئەلدىن كەلگەن نومۇر ئىكەنلىكىنى سەزگەن بولۇشى مۇمكىن، تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرمەي قويۇۋەتتى ۋە ئىزچىل ئۇلانمىدى.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سودىگەر چاقىرىش ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە لايقا يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك، ياڭاق قاتارلىقلاردىن كىرىدۇ. خوتەن ناھىيەسىنىڭ يىللىق باغۋەنچىلىك مەھسۇلات مىقدارى 6000 توننىدىن ئاشىدۇ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ يەرلىك نېپىز پوستىلىق ياڭىقى مەززىلىك ۋە مايلىق، ياڭاق مېغىزى ئوزۇقلۇققا باي بولۇپلا قالماي، يەنە ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمىگىمۇ ئىگە بولۇپ، خوتەن ناھىيەسى

2002-يىلى خىتاينىڭ داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك ۋە ئالاھىدە ياڭاق تاۋار بازىسى ناھىيەسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. خوتەن ناھىيەسىنىڭ قەغەز پوستىلىق ياڭىقىنىڭ خىتاي ئىچىگە سېتىلىپلا قالماي، يەنە گېرمانىيە، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋغا ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىمۇ تونۇشتۇرۇلغان.

خىتايلار «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مېۋىسى» دەپ تەرىپلەيدىغان نېپىز پوستىلىق ياڭاق، خوتەن لايقادىكى دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىدۇر. بۇ يەرلىك بايلىىنىڭ تالان-تاراج قىلىنغانلىقى، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2019-يىلى-9 يانۋار تارقاتقان «خوتەن ۋىلايىتى ‹ئۈچ كىچىك› قۇرۇلۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى» تېمىلىق خەۋىرىدىن ئاشكارىلاندى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە-2018يىلىدىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ۋىلايىتىدە «يېزىدا كۆلەملىك كارخانا بولۇش، كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش سېخى بولۇش، ئائىلىدە ئون كىچىك قۇرۇلۇش بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش نامىدا، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىدىن 659 نى كىرگۈزگەن. خەۋەردە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغان 173 مىڭ مو ھويلا-ئارام يېرىگە، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا يەنە تۈرلۈك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 8600 دىن كۆپرەكى قۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە خىتاي دائىرىلىرى «شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى» نى قۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە بارلىق يەككە مېۋە سودا بازارلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئارقىلىق، دېھقانلاردىن سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، ئامباردا زاپاس ساقلاش، سېتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرماقچى ئىكەن.

خوتەن ناھىيە لايقا يېزا داكوي كەنتىدىكى 8 يىل ئىلگىرىلا يەرلىك دېھقانلارنىڭ ھويلا-ئارام باغۋەنچىلىكىنىڭ ياڭاق مەھسۇلاتلىرىنى قەرەللىك سېتىۋېلىپ، خەلقئارالاشقان ياڭاق سودا بازىرىنى ئاچالىغان شىركەت دىرېكتورى كېرەمنىڭ شىرىكىتى-2019 يىلى خىتاي سودىگەر بىلەن شېرىكلەشكەندىن كېيىن باشتىن كەچۈرگەن ئۆزگىرىشلەر، ئاتالمىش دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ خىل قېلىپلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى بىر ئۆمۈر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇل ئورنىدا ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىدىغان سىياسەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

پاكىستانلىق سودىگەر ئۆزىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدىكى كېرەم شىركىتىدىن باشقا يەنە، ياڭاق ساتىدىغان 10 دىن ئارتۇق يەرلىك شىركەتلەرنى ئارىلاش جەريانىدا، بۇ شىركەتلەرنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ خىتاي بىلەن شېرىكلەشكەن شىركەتلەرگە ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ تونۇشلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئۆزى سودا قىلىپ كەلگەن يەنە نۇرغۇن پۇلدار باققال ۋە كارخانىچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى، مال بىساتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى بىلگەن.

بۇ پاكىستانلىق سودىگەر، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار قۇل قىلىنىۋاتقان بۇ شىركەتلەرنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن تولىمۇ بىئارام بولغانلىقى، شۇڭا بۇ پاجىئەلىك ئەھۋالنى بىزگە يەتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خوتەننىڭ داڭلىق ياڭاقلىرى يالغۇز پاكىستانلا ئەمەس يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بارىدۇ، ئۇيغۇرلار قۇل قىلىنىش بەدىلىگە كەلگەن بۇ ياڭاق قانداقمۇ سىڭسۇن؟» دېدى.

چۈنكى ئۇ خوتەندىن ياڭاق سېتىۋېلىش جەريانىدا، يالغۇز ئەرلەرلا ئەمەس بەلكى ئايال ھەتتا كىچىك بالىلارنىڭمۇ، ياڭاق تازىلاش، ئاقلاش، توشۇشقا ئوخشاش ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىكەن.

دەرۋەقە يېقىنقى مەزگىلدە، تىك توك قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا خوتەن، قاغىلىق، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ياڭاق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا تەييار بولغانلىقى ھەققىدە خېرىدار چاقىرىۋاتقانلار ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلەر، ياڭاق ئاقلاش ۋە توشۇشقا ئوخشاش ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنىڭ بولسا ئۇيغۇر دېھقانلار، ھەتتا قۇچىقىدا يېشىغا توشمىغان بالىسى بار ئاياللار، قۇرامىغا يەتمىگەن 8-10 ياشلىق بالىلار ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى خەلقئارا، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ كۈچلۈك ئىنكاسنى قوزغاپ، ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان جوۋەن شىركىتى، خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى خىتاي چاچ زاۋۇتى، ئاقسۇدىكى خۇئافۇ كىيىم-كېچەك شىركىتىدەك خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى يېقىندا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى بىردەك چەكلىگەنىدى.

ھالبۇكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەپ، خەلقئارا مال تەمىنات زەنجىرىنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى-ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوخشاش «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» چىقىرىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەر تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىپلەپچىقىرىلىشىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقى، پاكىستانلىق سودىگەرنىڭ بوغۇزىدىن ئۆتمىگەن ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان خوتەن ياڭىقىنىڭ ھەتتا ئامېرىكاغا قەدەر كىرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكادىكى پاكىستانلىق ۋە باشقا ئوتتۇرا پەرق ئەللىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ئاچقان دۇكانلارنى تەكشۈرۈشىمىز داۋامىدا كۆپىنچە دۇكانلارغا كىرگۈزۈلگەن ياڭاق، بادام، قاق، قۇرۇق ئۈزۈمگە ئوخشاش قۇرۇق مېۋىلەرنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئامېرىكا ۋىرجىنىيەدىكى بىر پاكستانلىق ئاچقان ھالال تاللا بازىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئۆزلىرىنىڭ ماراكەشلىك بىر سودىگەر ئارقىلىق كىرگۈزۈپ كېلىۋاتقان «قەغەز پوستىلىق شىنجاڭ ياڭىقى غا 7 دوللار دەپ باھا قويۇلغانلىقى، ئايدا بىر قېتىم مال كىرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ياڭاقنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، خېرىدارلارنىڭ ياخشى كۈرىشىگە ئېرىشىپ بالدۇرلا تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ سودا تورلىرىدا خوتەن ناھىيەسىدىن چىقىدىغان قەغەز پوستىلىق ياڭاقنىڭ ھەر كىلوسىنىڭ باھاسى 70 يۈەندىن 100يۈەنگە قەدەر بولۇپ، ئەمما يەرلىكتىن ئۇلار نەچچە ھەسسە تۆۋەن باھادا، يەنى 10يۈەندىن 14 يۈەن ئارىلىقىدا سېتىۋالىدىكەن.

پاكىستانلىق سودىگەر خوتەن ياڭاقلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئېسىللىقىغا قارىماي باھاسىنىڭ ئەرزان بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ، ئۇنىڭ ئەمگەك تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىكى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇڭا خوتەن ياڭاق سودىسىدىن سودىگەرلەر ئىنتايىن كۆپ پايدا ئالالايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.