ئۇيغۇر ياش سەمەرجان سەئىدى باشچىلىقىدا ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا قۇرۇلغان «پالۋان ئۇيغۇر ياشلار مەركىزى» تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۈمىد، جاسارەت ۋە ئۆزىنى تەربىيەلەش پۇرسىتى ئاتا قىلماقتا.
ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن بىرى بولغان ئىستانبۇل سەفاكۆي رايونىدا ئۇيغۇر ياش سەمەرجان سەئىدى باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «پالۋان ئۇيغۇر ياشلار مەركىزى» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەنتەربىيە، رەسىم ۋە سەنئەت، تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپ، پروجېكت ئىشلەش، ئىنگلىزچە ئۆگىنىش، شۇنداقلا ماتېماتىكا قاتارلىق تەبىئىي پەنلەردىن تولۇقلىما كۇرس ئۇيۇشتۇرۇش، سۆھبەت ۋە دالا سەيلىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. «پالۋان ئۇيغۇر ياشلار مەركىزى» نىڭ بۇ بىر قاتار پائالىيەتلىرى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھاياتىغا يېڭىلىق ۋە گۈزەللىك قوشماقتا، دەردىگە دەرمان بولماقتا.

رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سەمەرجان سەئىدى سۆزىدە، 2019-يىلى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى بولغان بىر ئائىلە مۇھىتىنى يارىتىش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدىكى شارائىتى ناچارراق بىر ئۆينى ئۆزىنىڭ ۋە دوستلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كىرالاپ بىر بوكس كۇلۇبىنى ئاچقانلىقىنى، كېيىنچە ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى پروجېكتى» (Uyghur NextGen) نىڭ ياردىمى بىلەن شارائىتى ياخشى بولغان ھازىرقى «پالۋان ئۇيغۇر ياشلار مەركىزى» نى ئاچقانلىقىنى تىلغان ئالدى. ئۇ بۇ مەركەزنى ئېچىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ياشلارغا يول كۆرسىتىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە تالانتى بولغان ساھەلەرگە يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا پۇرسەت ۋە مۇھىت يارىتىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«پالۋان ئۇيغۇر ياشلار مەركىزى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئىدرىس ئاياسمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بوكس كۇلۇبىدا ياشلارنىڭ بىر تەرەپتىن بەدەن چېنىقتۇرۇپ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى كۈچلۈك قىلىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن دەرس كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ ئۇنىۋېرسىتېتقا تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئومۇمەن ئېيتقاندا بۇ مەركەزنىڭ ئۈمىد ۋە تەرەققىياتنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
«پالۋان ئۇيغۇر ياشلار مەركىزى» دە گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان زۈلەيخا ئابدۇل رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ مەركەزدە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ياشلارغا ياردەم قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا ئۇستازلاردىن ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«پالۋان ئۇيغۇر ياشلار مەركىزى» دە پىروگرامما ۋە پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىر بولغان مەدىنە مۇھەممەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە، بۇ مەركەزدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى سەۋىيەدە مىللىيچە رەسىملەرنى سىزىشنى ئۆگىنىپ، كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاخىردا، سەمەرجان سەئىدى «پالۋان ئۇيغۇر ياشلار مەركىزى» دە تەربىيەلىنىپ چىققان ياشلارنىڭ كەلگۈسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.