خىتاينىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى شورلۇقلارنى تېرىلغۇ يەرگە ۋە ئوتلاققا ئايلاندۇرۇش تۈرىنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟

0:00 / 0:00

مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن دۇچ كېلىۋاتقان گېئو-سىياسىي قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش، خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىدىكى پايانسىز شورلۇقلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىلغۇ يەرگە ياكى ئوتلاققا ئايلاندۇرۇش - خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى جىددىي ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىرى بولماقتا ئىكەن.

خىتاي ئاخباراتى ۋە تاراتقۇلىرىدا دېيىلىشىچە، نۆۋەتتىكى گېئو-سىياسىي داۋالغۇشلار ۋە پەۋقۇلئاددە جىددىي ۋەزىيەت ئالدىدا خىتاي تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە، يېمەكلىك ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇۋاتقان شورلۇق تۇپراقلارنى تېرىلغۇ يەرگە ياكى ئوتلاقلارغا ئايلاندۇرۇش تۈرىنى جىددىي ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى- «خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان تاجىك ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تەخمىنەن 1300 گېكتار (19500 مو) شورلۇق چۆلنى سۈنئىي ئوتلاققا ئۆزگەرتكەن. خەۋەردە بۇ تۈرنىڭ خىتاينىڭ ئاشلىق ۋە يەم-خەشەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە باشلاتقان شورلۇقلارنى تېرىلغۇ يەرگە ياكى ئوتلاققا ئايلاندۇرۇش تۈرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدا يېڭىچە بۆز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈرىنى، يەنى شورلۇقلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويدى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قازاق قاتارلىق خىتاي بولمىغان يەرلىك مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلىرىگە قارىتا كەڭ كۆلەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزگەن ۋە ئۇنى ناھايىتى تېزلەشتۈرگەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. خىتاينىڭ بۇ تۈرنى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى ھەققىدە بىزگە مەلۇم يىپ ئۇچى بېرىدۇ. خىتاينىڭ يېڭىچە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەت كىشىلىرى كىملىكنىڭ بارلىق ئىزلىرىنى يوقىتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئاھالىلەرنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىشتۇر. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەممۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ، خىتاينىڭ گېئو-سىياسىي ئېھتىياجى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پىلانى ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا ئىچكى خىتايدىن كۆچمە نوپۇس يۆتكەپ خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۇيغۇر ئېلىدە پايانسىز شورلۇقلارنى ئۆزگەرتىپ تېرىلغۇ يەرگە ياكى ئوتلاققا ئايلاندۇرۇش تۈرىنى يولغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە بىڭتۈەن قارمىقىدىكى تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شى لىنچياۋنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ بۆسۈش، يۇقىرى ئېگىزلىك رايونلىرىدىكى مال-چارۋىلارنىڭ يەم-خەشەككە بولغان ئېھتىياج بېسىمىنى ئازايتىپ، تەبىئىي ئوتلاقلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك ئۈچۈن بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت يارىتىپ بېرىدۇ».

ھالبۇكى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان بۇ ئالاھىدە تۈرىنىڭ خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىملىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە تېرىلغۇ يەر ھەم تەبىئىي ئوتلاقلىرىدىن مەھرۇم قېلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى:

«خىتاي نوپۇسى ناھايىتى كۆپ بولغان بىر دۆلەت، ئەمما خىتاينىڭ بۇنچىلىك كۆپ ئاھالىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان دېھقانچىلىق يەرلىرى يوق. شۇڭا خىتايدا ئاشلىق ئىمپورت قىلىش ئۇلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. گېئو-سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، يەنى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چەت ئەل بازىرىغا ئازراق تايىنىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئەلۋەتتە كىلىمات ئۆزگىرىشىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. خىتايدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىقمۇ ئەلۋەتتە خىتايدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تەسىر قىلىۋاتقان ئامىللاردۇر. يەنى بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتايدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىتاي يولغا قويغان شورلۇق تۇپراقلارنى تېرىپ ئۆستۈرگىلى بولىدىغان تېرىلغۇ يەرگە ياكى ئوتلاققا ئايلاندۇرۇش تۈرى خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بەك مۇھىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھاياتلىق مەنبەسىنى تارايتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ يەرلىك چارۋىچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋال. خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان بۇ تۈر ئەمەلىيەتتە چارۋىچىلارنىڭ تەبىئىي ئوتلاق ئېھتىياجىغا ۋە ھاياتلىق مەنبەسىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە خىتاينىڭ بۇرمىلانغان تەشۋىقاتلىرى كۆپ، لېكىن بۇ توغرا ئەمەس».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى» ۋە «خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەندەك ناملاردا تاشقورغاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان يەرلىك ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ، تۈزلەڭلىكلەردىكى يېڭى ئاھالىلەر نۇقتىلىرىغا يۆتكىگەنلىكى مەلۇم.

«خەلق گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ گۇاڭجۇنىڭ ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «خىتايدا تەخمىنەن 36 مىليون 700 مىڭ گېكتار شورلۇق يەر بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 12 مىليون 300 مىڭ گېكتار يەرنى ئۆزگەرتىپ دېھقانچىلىق ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار. 6 مىليون 670 مىڭ گېكتار يەرنى تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. شورلۇق يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ».

«شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاشلىق ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىليون 372 مىڭ موغا يېتىپ، خىتايدىكى ئومۇمى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 61.4 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 20 مىليون توننادىن ئېشىپ، خىتايدىكى ئاشلىق ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورنى، تۆت پەسلى روشەن بولغان ئىقلىمى، كەڭ كەتكەن مۇنبەت تۇپرىقى ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، شۇنىڭدەك «بەش چوڭ چارۋىچىلىق بازىسى» نىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقى مەلۇم.