ئۇيغۇربىز تورىنىڭ يېزىق تەھرىرى پەرھات خالمۇرات قويۇپ بېرىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.09.30
ilham-toxti-nazaret-astida.jpg ئىلھام توختى ئامېرىكا سەپىرىدىن توسۇۋېلىنىپ ئۆيىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنى نازارەت قىلىۋاتقانلار. 2013-يىلى فېۋرال، بېيجىڭ.
RFA


ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ 28 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە تور بېكىتىنىڭ يېزىق تەھرىرى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ماگېستىر ئاسپرانتى پەرھات خالمۇراتنىڭ 28 - سېنتەبىر كۈنى سەھەر سائەت 12 دە، ئىستانبۇلغا مېڭىش سەپىرىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇپ كىتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئەتىسى 29 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇربىز تورىدا يەنە پەرھات خالمۇراتنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن 16 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدىكى كەچمىشلىرى ئېلان قىلىندى.

ئۇنداقتا پەرھات خالمۇرات كىملەرنىڭ تەلىپى بىلەن قولغا ئېلىندى ۋە قانداق شارائىت ئاستىدا دائىرىلەر ئۇنى قويۇپ بەردى؟ بۈگۈن ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ساھىبى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە پەرھات خالمۇرات رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭدىكى ئەي ۋېيۋېي، ۋوئېسېر، ۋاڭ لىشۇڭ قاتارلىق زىيالىيلار ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، دائىرىلەرنىڭ 16 سائەتتىن كېيىن، پەرھات خالمۇراتنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شەنبە كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلىپ، 16 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇربىز تورىنىڭ يېزىق تەھرىرى پەرھات خالمۇرات ۋە يېقىندىن بۇيان يەنە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىلەر 30 - سېنتەبىر كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

پەرھات خالمۇرات تۇتقۇن قىلىنغان 16 سائەت ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

پەرھات خالمۇرات بايانىدا، دائىرىلەردىن نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى سورىغىنىدا، دائىرىلەرنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىش سەۋەبىنى ئىزاھلىمىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقىدا «قېچىشقا ئۇرۇنغان» دېگەن خەت يېزىلغانلىقىنى كۆرگىنىدە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

پەرھات خالمۇرات:«مەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ساقچىلارغا ئۆزۈمنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىمنى، گۇناھسىز ئىكەنلىكىمنى قايتا - قايتا ئەسكەرتتىم. ئەمما بېيجىڭ ساقچىلىرى مېنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىمنى ئىزاھلاپ بېرەلمىدى. مېنى تۇتقۇن قىلىش بۇيرۇقىدا تامغا يوق ئىكەن ھەم ئۇنىڭدا تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى «قېچىشقا ئۇرۇنغان» دەپ يېزىلىپتۇ. مەن بۇ ئىشقا ئېتىراز بىلدۈردىم.»

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىلھام توختى، ئەي ۋېي ۋېي قاتارلىق زىيالىيلارغا ۋە بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

پەرھات خالمۇرات:«ساقچىلار مېنى ئېلىپ ماڭغان چاغدا مەن قىز دوستۇم ئارقىلىق بۇ ئىشنى ئىلھام توختى مۇئەللىمگە خەۋەر قىلغۇزدۇم. ئىلھام توختى مۇئەللىم ۋە بېيجىڭدىكى ئەي ۋېيۋېي،ۋاڭ لىشۇڭ قاتارلىق كۆپلىگەن زىيالىيلار، ئادۋوكاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە چاقىرىقى بىلەن 16 سائەتتىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشتىم. ئالدى بىلەن مېنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان ۋە بۇ يولدا تىرىشقان بارلىق دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمەن!» دېدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى، پەرھات خالمۇراتنىڭ بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن 16 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلمەي قويۇپ بېرىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالدى.

ئىلھام توختى: «شىنجاڭدىن كەلگەن ساقچىلار پەرھات خالمۇراتنى نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى دېمەپتۇ، پەقەت ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراش ئۈچۈن، ئۇنى ئىستانبۇل سەپىرىدىن توسۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. مېنىڭچە، بېيجىڭ ساقچىلىرى پەرھات خالمۇراتنى شىنجاڭنىڭ تەلىپى بىلەن تۇتۇپ قالغان، ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ پەرھاتنى شىنجاڭ ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرمەي قويۇپ بېرىشى، بەلكىم شىنجاڭنىڭ خالىغانچە ئادەم تۇتۇشىنى خالىمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. لېكىن بىز بۇ ئىشنىڭ قانداق بولغانلىقىنى (يەنى پەرھاتنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىنى ۋە يەنە نبمە سەۋەبتىن قويۇپ بېرىلگەنلىگىنى) ئۇقمىدۇق» دېدى.

ئىلھام توختى، پەرھاتنىڭ بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇلغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، بييجىڭدىكى زىيالىيلاردىن ئەي ۋېيۋېي، ۋوئېسېر، ۋاڭ لىشۇڭ قاتارلىقلارنىڭ تۋىتېر قاتارلىق ئاممىۋى ئالاقە تورىدا چاقىرىق قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى نەتىجىسىدە شۇنداقلا سېستىما ئىچىدىمۇ بۇ خىل تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى جۇڭگوغا پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلار بولغىنى ئۈچۈن پەرھاتنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 28 - سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، پەرھات خالمۇراتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ تۆۋەندىكىدەك بايانلار بېرىلگەن ئېدى:

«9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كېچە سائەت 12:00 دە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتىنىڭ 2013 - يىللىق ئىنسانشۇناسلىق كەسپى ماگېستىر ئاسپىرانتى، ئۇىغۇربىز تورىنىڭ يېزىق تەھرىرى پەرھات خالمۇرات تۈركىيەگە ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا، بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومى ت 3 - ئاۋىئاتسىيە زالىدا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پەرھاتنىڭ يۈرگەن قىزى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىغا تېلېفون بىرىپ، پەرھاتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان. پايتەخت ئايرودرومىغا پەرھاتنى ئۇزىتىش ئۈچۈن چىققان قىز دوستى، سىڭلىسى ۋە ئاتىسى يېقىن ئارىلىقتىن ئۇنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان ھالدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ مېڭىلغانلىقىغا شاھىد بولغان، ساقچىلار چۈشەنچە بىرىشنى رەت قىلغان، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتمۇ ئوتىمىگەن.»

ئىلھام توختى ئەپەندى پەرھات خالمۇراتنىڭ بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، پەرھات بۇندىن ئىلگىرى خوڭكوڭ ۋە مالايشىيا قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەرگە بارغىنىدا ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر بلوگ يازغۇچىلىرى، تور بەت مۇھەررىرلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ چاقىرتىلغانلىقى ياكى «غايىپ بولغان» لىقىنى، ئەمما پەرھاتنىڭ بىردىنبىر «نەق مەيداندىلا تۇتۇپ كىتىلگەن، غايىپ قىلىنغۇچى» ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ، ئۇيغۇربىز تورىغا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دائىرىلەرنىڭ نۇقتىلىق باستۇرۇش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۇردى.

ئىلھام توختى:«پەرھاتنىڭ قولغا ئېلىنىشى، مۇتەللىپنىڭ غايىپ قىلىۋېتىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودا كىچىككىنە پىكىر قىلىش بوشلۇقىغا ئېرىشىشىنىڭمۇ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. دائىرىلەرنىڭ قىلمىشى قانۇنى تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ھۆكۈمەت ۋە خەنزۇ جەمئىيىتى بىلەن پىكىرلىشىشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلدى. مەن شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات خادىملىرى، بلوگ يازغۇچىلىرى ۋە تىنچ يوللار بىلەن ئۆز تەلەپلىرىنى ئىپادىلەۋاتقان كىشىلەرنى سېستىمىلىق ھالدا باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەيمەن»دېدى.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 28 - سېنتەبىر كۈنى پەرھات خالمۇراتنىڭ بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىدە يەنە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.

«مۇتەللىپ ئىمىن غايىب قىلىنغاندىن كېيىن، پەرھات خالمۇراتنىڭ رەسمىيەتسىزلا قولغا ئېلىنىشى، ئۇيغۇربىز پىدائىيسى شۆھرەتنىڭ قانۇنسىز 28 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ۋە يالغان ئىقرار ۋە ئىسپات بىرىشكە مەجبۇرلانغانلىقى، ئۇيغۇر بلوگ يازغۇچىسى، خۇسۇسى مائارىپچى ئابدۇۋەلى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق رەسمىيەتسىزلا ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، ئاتىكەم روزى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئىلتىماسىنىڭمۇ سەۋەبسىزلا رەت قىلىنغانلىقى، جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ كۇنسېرى يامانلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر.»

پەرھات خالمۇرات غۇلجا توققۇزتارا ناھىيەسىدىن بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئالغان. 2012 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مىللەتشۇناسلىق كەسپى بويىچە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن. بۇ يىل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2013 - يىللىق ئىنسانشۇناسلىق كەسپى بويىچە ماگېستىر ئاسپرانتلىق ئوقۇشىغا قئوبۇل قىلىنغان. پەرھاتنىڭ بۈگۈ؟گىچە ھېچقانداق جىنايى قىلمىشى يوق بولۇپ، ساقچىلار ئۇنى ئەزەلدىن ئىزدەپ باقمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.