فرانسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى 9-ئىيۇل كۈنى «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بىتىدە ئېلان قىلىنغان.
يىغىنغا خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خادىملىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن خوشال-خورام ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت مەلۇماتلارنىڭ پۈتۈنلەي «يالغان ئىكەنلىكى» نى ئېيتىشقان.
مەزكۇر يىغىنغا يەنە پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى شەمسىدىن ھافىز قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر مەسىلە فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.
ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان ئىجتىمائىي تارتقۇ ۋاستىلىرىدا مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، فرانسىيىدىكى مۇسۇلمانلارنى پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرىدىن ھېساب سوراشقا چاقىرغان. دوكتۇر دىلنۇر رەيھاننىڭ چاقىرىقى فرانسىيىدىكى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن كەڭ تارقىتىلغان.
دوكتۇر دىلنۇر رەيھان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەپسىلىي ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە فرانسىيىدە پارىژ چوڭ مەسچىتىگە ئوخشاش چوڭ ئىسلام ئورگانلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ كونتروللىقىدا ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ بۇيرىقى بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەپلىك كۆپ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
دىلنۇر رەيھان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان چاقىرىقتىن كىيىن مۇسۇلمانلار ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ دەرھال ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
فىرانسىيە مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنگەن پارىژ چوڭ مەسچىتى ئاخىرى بۇ توغرىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
پارىژ چوڭ مەسچىتنىڭ مۇدىرى بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىغان ۋە ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان.
دوكتور دىلنۇر رەيھان مەزكۇر باياناتقا قارىتا توردا ئىپادە بىلدۈرۈپ، فرانسىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ باياناتقا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەزكۇر باياناتتىن قەتئىي رازى بولمىغانلىقىنى، پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلغان بولسا، قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان جىنايەتچىلەر بىلەن ئەمەس، شۇ جىنايەتنىڭ قۇربانى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
دىلنۇر رەيھان يەنە پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان گۈلباھار جېلىلوۋا بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېولوۋا پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋىدېيو ئېلان قىلغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدىن قۇتۇلغان ئاز ساندىكى شاھىتلاردىن بىرى گۈلباھار جېلولوۋا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. گۈلباھار خانىم پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭغا لاگېرلاردا بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى ئۆز ئاغزى بىلەن يەتكۈزۈش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى ۋە پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرىغا رادىيومىز ئارقىلىق كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئەۋەتتى.
دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ بايانات ئېلان قىلىشى چوڭ بىر غەلىبە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئىنكاس بىلدۈرگەن فرانسىيىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ «مەسچىت ئەزەلدىن بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلمىگەن، بۇلار بىزنىڭ ۋەكىلىمىز ئەمەس، بۇلار ئەزەلدىن مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقىپ باقمىغان،» دىگەندەك ئىنكاسلارنى يوللىغان.
پارىژ چوڭ مەسچىتى بۈگۈنگىچە بىر قانچە قېتىم بۇ خىل سەتچىلىككە چېتىلىپ قالغان بولسىمۇ، بۇ فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ھالدا پارىژ چوڭ مەسچىتىدىن ھېساب سورىشى ۋە جاۋاپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىشى ئىكەن.