پارىژدىكى ئۇيغۇرنىڭ قەلبى-پارىژ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش ۋە مىللىي كىملىك يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە. فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆز مىللىي تىل-يېزىقىنى ئۆگىتىپ، ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، پارىژ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

بۇ ھەپتە پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق مائارىپ پروگراممىسى تاماملانغان بولۇپ، كېلەر ھەپتىدىن ئېتىبارەن پارىژدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى يازلىق تەتىل مەۋسۇمىغا قەدەم باسىدىكەن.

پارىژ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى بىر مائارىپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2017-يىلى قۇرۇلغان. پارىژ ئانا تىل مەكتىپى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل مائارىپى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دەرسلىرى بېرىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان بولۇپ، فىرانسىيە شەرقشۇناسلىق ئۇنىۋېرسىتېتى پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپىنى كېرەكلىك سىنىپ ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىگەن.

پارىژ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى. 2022-يىلى 26-ئىيۇن، فىرانسىيە.

كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئىككى يىلدىن بۇيان تاقىلىپ قالغان پارىژ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئۆتكەن يىلى كارانتىن تەدبىرلىرى تۈگىگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن.

نۆۋەتتە پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئۈچ سىنىپ بولۇپ، بالىلارغا تىل دەرسى بېرىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان مەدەنىيەت دەرسلىرىمۇ بېرىلىدىكەن. ھازىر 25 ئۇيغۇر بالىسى دەرس ئالماقتىكەن.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم ئۇيغۇر تىلى كۇرسلىرى ۋە مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە پەرزەنتلەردە مىللىي كىملىك يېتىشتۈرۈشتىكى رولى، مەقسىتى ۋە نىشانى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىگە ئېغىر تەھدىت سالماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ ۋە مەمۇرىي ئورگانلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتاي تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشقا ۋە ئۆز تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا مەجبۇرلانماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. پارىژدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى ئەنە شۇ ئارزۇلارنىڭ ئىپادىسىدۇر.

پارىژ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى. 2022-يىلى 26-ئىيۇن، فىرانسىيە.

پارىژ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مەھمۇت ئەھمەد زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش خەۋپىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يېتىلدۈرگەندىلا بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى ساقلاپ قالغىنى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«تىل بىلەن مەدەنىيەت ئوخشاشلا مۇھىم نۇقتا. بالىلارغا تىل ئۆگىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلۇق پەخىرلىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەدەنىيەت بالىلاردا ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يېتىلدۈرىدۇ».

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان خىتاينىڭ سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدە مىللىي كىملىك يېتىلدۈرۈشنىڭ، مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى پارىژ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ توپلىنىدىغان، ۋەتەن سېغىنىشلىرىنى قاندۇرىدىغان بىر مىللىي سورۇننىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. ھەر ھەپتە پارىژدىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ۋە ئۆسمۈرلەر توپلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىدا ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە مائارىپ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ تىل ئوقۇتقۇچىسى، تونۇلغان شائىر مەردان ئەھەتئەلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە مەزكۇر مەكتەپنىڭ فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن پارىژ شەھىرى ئىچىدىن مۇۋاپىق بىر يەر ئاجرىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئىلتىماس ئۆتكەن يىلى 9-مارت كۈنى پارىژ شەھەرلىك مەجلىسىدە تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. تەقسىملەنگەن يەر پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئىنستىتۇت مەمۇرىيىتى بۇنىڭ فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.