20-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى بىرلىكتە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلىدى شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى، پارلامېنتىنى، تۈرك خەلق-ئاممىسىنى ھەر قايسى ئەل تەنھەرىكەتچىلىرىنى بېجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. ئەنقەرەدىكى بىر زالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئافېنانىڭ ئولىمپىك تېغىدا مەشئەل يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مەشئەلنى خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك ھەيئىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن بىر كۈن كېيىن چاقىرىلغان.
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ئاخبارات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى خىتايغا بەرگەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى18-ئۆكتەبىر ئافېنانىڭ ئولىمپىك تېغىدا مەشئەل يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 19-ئۆكتەبىر كۈنى مەشئەلنى خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك ھەيئىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ مەشئەل كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ، كۆزلىرىنى كۆر قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئولىمپىك روھىنى كۈل قىلدى. مەزكۇر قارار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز-يېشىنى توختىتىشنىڭ ئورنىغا زالىم خىتاينى ئىلھاملاندۇردى، شۇڭا بىز ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلەيمىز».

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغان بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىكقا ساھىبخانلىق قىلىشىنى بىكار قىلىش ياكى كېچىكتۈرۈش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلىپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
كېيىن، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك مۇخبىرلار، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەلۇم بولغىنىدەك قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى 2022-يىلى2-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايغا بۇ ھوقۇقنى بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىجابىي بىر جاۋاب قايتۇرماپتۇ. بىزنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشىمىزدىكى سەۋەب خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلاپ، ئىسكەنجە، تاجاۋۇز ۋە مېڭە يۇيۇش پائالىيەتلىرىگە داۋام قىلماقتا».
پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، باياناتىدا تۈرك پارلامېنتى ۋە تۈرك مىللىتى نامىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئىنساننىڭ ۋىجدانىنى رەنجىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيە پارلامېنتى ۋە تۈرك خەلقى نامىدىن شۇنى چاقىرىق قىلماقچىمەنكى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىكنى باشقا بىر دۆلەتكە يۆتكىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر بۇنى قىلالمىسا بارلىق دېموكراتىك ئەللەرگە خەت يېزىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايدا ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن چاقىرىق قىلىشى كېرەك. چۈنكى بىز تۈركلەرنىڭ قېرىندىشى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەدىن باشقا بىر تايانچىسى يوق. شۇڭا مەن 83 مىليون تۈرك خەلقى نامىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى قىلىمەن. ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايدا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىنى رەنجىتىدۇ».
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويىمىز. بىز ۋە بۇ يىغىنغا كەلگەن بىر قانچە پارتىيەنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش قېيىندەك تۇرىدۇ. شۇڭا بارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ، تۈرك خەلق ئاممىسىنىڭ خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى بۇ بىر مىللىي دەۋادۇر».
بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيەدىكى مەسئۇللىرىدىن باشقا كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي كېسەر ئەپەندى، ئىيى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە كۆپ ساندا مۇخبىر ئىشتىراك قىلدى.
20-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان، كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئولىمپىك كومىتېتى قانداقلارچە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتسا، بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە يول قويىدۇ؟، بۇنى پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەر ئولىمپىك كومىتېتىغا سورىشى ۋە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي كېسەر ئەپەندى سۆزلەپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروپونىمىزنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ، د ئۇ ق نىڭ تەلىپى بىلەن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى 2022 يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.