«ئىستانبۇل تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ، بىئو-خىمىيە ماتېرىياللار تەتقىقاتچىسى دوكتور تۇردى مۇھەممەد ئابدۇللا، 14-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا پاتېنت ئىدارىسىدىن، ئۆز تەتقىقات تۈرىدىكى يەنە بىر كەشپىياتىنىڭ پاتېنتى ھەققىدە خوش خەۋەر تاپشۇرۇۋالغان.
دوكتور تۇردى مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ 15-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇنىڭ 2020-يىلى 6-ئايدىن بۇيان تېببىي داۋالاشتا ئىشلىنىدىغان بىئوخىمىيەلىك ماتېرىياللار تەتقىقاتىدا ئېرىشكەن 7-قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسى ئىكەن.
دوكتور تۇردى مۇھەممەت ئەپەندى ئامېرىكا پاتېنت ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان 7 قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى تېببىي داۋالاشتا، يەنى ئوپېراتسىيەدە ئادەم بەدىنىگە ئىشلىتىلىدىغان بىئوخىمىيەلىك ماتېرىياللار تەتقىقاتىغا تەۋە ئىكەن.

دوكتور تۇردى مۇھەممەت ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم پاتېنتقا ئېرىشكەن تەتقىقاتىنى ئۇ 2016-يىلى باشلىغانىكەن.
دوكتور تۇردى مۇھەممەد 2011-يىلى «شاڭخەي تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ خىمىيە ئىنژېنېرىلىقى كەسپىنى تۈگەتكەن. 2011-يىلى يىل ئاخىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «ئابدۇل ئەزىز خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتى» دا خىمىيە ئىنژېنېرىلىقىدا ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى باشلىغان. 2015-يىلى يەنە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر 7 قېتىم پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بىئوخىمىيەلىك ماتېرىياللار تەتقىقاتى ئۇنىڭ 2016-يىلى باشلىغان دوكتورلۇق تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى «پوستدوك»، يەنى دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ داۋامى ئىكەن. ئۇ 2019-يىلدىن باشلاپ، ئۇستازلىرى ۋە بۇ ساھەدىكى ئادۋوكاتنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىرقانچە تۈر بويىچە، ئامېرىكا پاتېنت ئىدارىسىگە يوللىغانىكەن.
تۇردى مۇھەممەت ئەپەندى يەنە «ئابدۇل ئەزىز خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتى» دا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، تەتقىقاتىدا يېتەكچى بولغان ئۇستازلىرىدىن، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ نانۇ تېخنىكا مەركىزىدىكى پروفېسسور ئاننان مېمىك ئەپەندىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ 1986-يىلى خوتەن شەھىرى لاسكوي بازىرىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىنى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى نەچچە ئەۋلاد مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىنىپ، ۋەيران قىلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زور يوقىتىش ئېلىپ كەلگەن.