ئامېرىكادىكى «كوداك» شىركىتى ئۆتكەن بىر ئەسىر مابەينىدە فوتو سۈرەتكە دائىر مەھسۇلاتلار بازىرىدا ئەڭ داڭلىق ۋە ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمما ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ مەزكۇر شىركەت ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر سەھىپىلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئېلىپ، كۆپلىگەن تەنقىد سادالىرىغا نىشان بولدى.
مەلۇم بولۇشىچە، «كوداك» شىركىتى فىرانسىيەلىك فوتوگراف پاترىك ۋاكنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇزۇن يىللىق ساياھەت جەريانىدا تارتقان بىرقىسىم سۈرەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ Instagram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتايلار «دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرگەن» دەپ بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن نارازى بولغان. شۇنىڭ بىلەن «كوداك» شىركىتى خىتاي خەلقىنى نارازى قىلماسلىق ئۈچۈن بۇ فوتو سۈرەتلەرنى تېزدىن ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن ھەمدە خىتايلاردىن كەچۈرۈم سورىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2006-يىلىدىن تارتىپ خىتايغا بېرىپ-كېلىپ تۇرۇۋاتقان پاترىك ۋاك ئېلان قىلغان بۇ سۈرەتلەرنىڭ بىرقىسمى 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تارتىلغان. ئۇنىڭدا ۋاسىتىلىك قىلىپ چۆلدەرەپ قالغان، ئەمما قىزىل بايراقلار ۋە كامېرالارغا لىق تولغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋە بازارلار، قاتار كەتكەن «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»، خىتايچە شەكىل ئېلىشقا يۈز تۇتقان ئۇيغۇر شەھەرلىرى، روھىيەت دۇنياسى يانجىپ تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەبەسسۈم يۇتكەن چىراي ئىپادىلىرى، سوغۇق كوچىلاردا خىتايچە ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار، قاتمۇ-قات تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى، چېقىۋېتىلگەن مەسچىت خارابىلىرى دېگەنلەر فوتو سۈرەتلەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن خىتايلار بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن بەكمۇ بىئارام بولغان.
«كوداك» شىركىتىنىڭ بۇ خىلدىكى خىتايغا ياخشىچاق بولۇش خاھىشى خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ھەمدە بۇنىڭغا قارشى تۈرلۈك بايقۇت قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش چاقىرىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا نامايان بولغانلىقتىن ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. «نيو-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سۇزىي ۋېيس ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا پاترىك ۋاك بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەتتە پاترىك ۋاك ئۆزىنىڭ خىتايدا ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىغا قىزىقىپ قالغانلىقى ھەمدە لاگېر سىستېمىسى بەرپا بولغاندا بۇ جايغا كۆپ قېتىم بارغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. .

پاترىك ۋاكنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ 2016-يىلىدىن كېيىنكى بىرنەچچە قېتىملىق ساياھىتى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ بېقىشنى مۇھىم مەقسەت قىلغان. ئۇ ئالدى بىلەن كۆرگەن ھادىسە نېفىت، تەبىئىي گاز ساھەسىدە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكى، كېۋەزلىكلەردە تولىمۇ ئەرزان باھادا پاختا تېرىۋاتقانلارنىڭ بولسا يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، بۇ رايوننىڭ شۇنچە زور بايلىق ماكانى بولسىمۇ يەرلىك خەلقنىڭ ئۇنىڭدىن قىلچىلىكمۇ نېسىۋىسى بولمايدىغانلىقى بولغان.
پاترىك ۋاك بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ساقچىلار قوشۇنىنىڭ بىردىنلا زورايغانلىقىنى، نازارەت مېخانىزمى، جۈملىدىن كامېرا ۋە تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ ھەممىلا يەرگە يېيىلغانلىقىنى، 2019-يىلى يەنە بىر قېتىم بارغاندا بولسا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ساقچىلارغا لىق تولغان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەتتا بازارلارغا كىرىش ئۈچۈنمۇ ئايرودروملاردىلا بولىدىغان بەدەن ۋە كىملىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغانلىقى ئۇنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. بولۇپمۇ ئۇ «ئىككىنچى قېتىملىق زور ئۆزگىرىش دولقۇنى» دەپ تەسۋىرلىگەن ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئىسلام مەدەنىيىتىگە باغلىنىشلىق بولغانلىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ يوق قىلىۋېتىلگەنلىكى بولغان. بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىن ھالدا مەسچىتكە بارغانلىقىنىمۇ كۆرمىگەن. مەسچىتلەر پۈتۈنلەي چېقىلىپ، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن بىر قىسىم مەسچىتلەر ئېچىپ قويۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىسىدىن ئىسلام دىنىغا دائىر مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈشتەك بۇ ھەرىكەت جەريانىدا «قۇرئان» ياكى جايناماز ساقلىغانلار ھەمدە ھاراق ئىچمەيدىغانلار لاگېرلارغا يوللانغان. ھەممىدىنمۇ مۇھىمى ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇ بىردىنلا ياشلار ئارىسىدا ئوغۇللارنىڭ بەكمۇ ئاز قېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تىۋىشسىز ھالدا ئاشۇ سانسىزلىغان لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ئۇ بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا زور كۈچ بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا كۆرگەن. .
بۇ ئىشلار ھەققىدە سۆز بولغاندا پاترىك ۋاك ئۆزىنى «مۇخبىرلاردىن تەلەيلىك» دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا چۈشمەستىنلا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان ساقچىلار ھەممىلا جايغا ئورۇنلىشىپ بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنى بىر قەدەممۇ كۆزدىن نېرى قىلماي ئىز قوغلايدۇ. ئەمما ئۇ خىزمەت ۋىزىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغانلىقى ئۈچۈن مۇخبىرلار بارالمىغان كۆپ قىسىم جايلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان. ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇ 2019-يىلىدىكى سەپىرىدە خىتاي پايلاقچىلارنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىۋالغانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن. شۇنداق بولغاچقا ئۇ يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا پاراڭ ئارىلىقىدا ھەتتا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ئاشكارا سۆز قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت «پالانى كىشى ئوقۇشقا كەتتى» دېيىش ئارقىلىق لاگېرنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن. «نەچچە مىليون ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىپ كەتتى» دېگەندەك خەۋەرلەر چەتئەلدە ھەممىلا كىشىگە مەلۇملۇق بولغان بىلەن خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قاراپ «ھۆكۈمىتىمىز قالاق ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەپ مەدەنىيەتلىك قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقى بولسا ئۇنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان.
سۆھبەت جەريانىدا ئۇ خىتاي تورداشلىرىنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان سۈرەتلەر ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى ئارىسىدا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا يەرلىك ئىندىئانلارنى قىرغىن قىلغان. سەن نېمە دەپ ئۆزۈڭنى ئېرىغدىماي بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى ئەيىبلەيسەن؟» دېگەندەك سوئاللىرىنى ياكى ئۆزىنى «بۇ دېگەن مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسۇسى» دېگەندەك باھالارنى كۆرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا خىتايلارنىڭ «بۇ قىرغىنچىلىقنى غەرب دۇنياسى ئىلگىرى قىلغان. ئەمدى بىز قىلساق نېمە بوپتۇ؟» دەيدىغان مەنتىقىسىنى كەسكىن تەنقىدلەيدۇ. شۇنداقلا نەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى تارىخىي خاتالىق ئارقىلىق ھازىرقى زاماندىكى قىرغىنچىلىقنى ئاقلاشنىڭ زادىلا ئاقمايدىغان مەنتەقە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
پاترىك ۋاكنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۇنيانىڭ ئەڭ زور ئىقتىسادىي مەنپەئەت مەنبەلىرىدىن بىرى بولغاچقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئىپادىسى ئۇلارنى خىتاي ھەققىدە سۆز قىلىشتىن توسۇپ قويماقتىكەن. خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ياكى ئۇلارنى باشقا بىر خەلق قىلىپ قايتا قۇرۇپ چىقىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندا ئۇ ئۆزىنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنىڭ ئازراق بولسىمۇ بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنى پاش قىلىش رولىنى ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. چۈنكى شى جىنپىڭ «باش لايىھەلىگۈچى» بولغان بۇ زور قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيەتتە تارىخنىڭ ئۆزىنى تەكرارلىشى، دېيىشكە بولىدىكەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ۋەدىسى، خوڭكوڭغا بېرىلگەن يۈكسەك ئاپتونومىيە ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكى تولۇق ئىسپاتلىنىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناتسىستلارغا ئوخشاش ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولۇشى دۇنيانى ئويغىتىشى لازىم ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پاترىك ۋاكنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى فوتو سۈرەتلىرى «كوداك» شىركىتىنىڭ تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇ بۇلارنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي تور بەتلىرىدە تولۇقى بىلەن ئېلان قىلغان.