ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆلەملەشكەن لاگېر سىستېمىسى ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن غەرب دۇنياسىدىكى ئاخبارات ساھەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى نەق مەيدان تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى بىر مەھەل زور قىزغىنلىق پەيدا قىلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنى «قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىش» تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرىدە لاگېرلار ھەققىدىكى كۆپلىگەن سوئاللار جاۋابسىز قالدى. ئەنە شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ-كېلىپ تۇرۇۋاتقان فىرانسىيەلىك كەسپىي فوتوگراف پاترىك ۋاك لاگېرلارنى زىيارەت قىلىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشكە «ئەركىن»، ئەمما رېئاللىقتا «نازارەت» كە مەھكۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىۋىشسىز، شۇنىڭدەك سۈكۈتكە تولغان ھېس-تۇيغۇلىرىنى فوتو ئاپپاراتىنىڭ كۆزىدىن نامايان قىلىشنى تاللىدى. ئۇنىڭ بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى، جۈملىدىن بۇ جەرياندا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تارتقان فوتو سۈرەتلىرىنىڭ ئەڭ نادىر نۇسخىلىرى تاللىنىپ «چاڭ-توزان» ماۋزۇسىدا نەشر قىلىندى. 2021-يىلى 7-ئۆكتەبىردە رەسمىي تارقىتىلىدىغان بۇ توپلامغا پاترىك ۋاك ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان سەھىپىلىرىدىن تارتقان 71 پارچە فوتو سۈرەت كىرگۈزۈلگەن. توپلامدا فوتو سۈرەتلەر ھەمدە ئاپتورنىڭ شەخسىي ساياھەت مۇساپىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ماددىي جەھەتتىكى كۆزگە چېلىقارلىق ئۆزگىرىشلىرى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىلىدۇ. يەنە كېلىپ تېخى يېقىنقى يىللارغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ قېتىم بىۋاسىتە ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن ئامېرىكادىكى پومونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى درۇ گلادنېي (Dru C. Gladney) ۋە فىرانسىيەدىكى بوردو مونتېين ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رېمى كاستېتس (Rémi Castets) بۇ سۈرەتلەر ئۈچۈن ئومۇمى ئۇچۇر ئورنىدا بېرىلگەن تېكىستكە قەلەم تەۋرەتكەنىدى. توپلامنىڭ ئىنگلىز، فىرانسۇز ۋە گېرمان تىللىرىدا نەشر قىلىنىشى بولسا تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۈرەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىنى تونۇپ يېتىشىگە قۇلايلىق ياراتقان ئىدى.
دەرۋەقە پاترىك ۋاكنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشلانغان سەپىرى ئۇنىڭغا ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنجىلگەن روھىيەت دۇنياسىنى قىسمەن بولسىمۇ ھېس قىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، بۇنىڭ ئالاھىدە بىر قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان «ئۆزگىچە بايقاش» بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«مەن ئەمەلىيەتتە بۇ تېما ئۈچۈن ئىشلەشنى 2016-يىلى باشلىغانىدىم. شۇ ۋاقىتتا خىتايدا تۇرۇۋاتقىنىمغا ئاللىقاچان ئون يىل بولۇپ قالغانىدى. مەن شاڭخەيدە تۇرىدىغان بولۇپ، خىتاينى ۋە ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى كېزىپ چىققانىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۆزىم خىتايدا بولساممۇ خىتايغا ئوخشىمايدىغان جايلار ھەققىدىكى بىر ئەسەر ھەققىدە ئىشلەۋاتقانىدىم. ئاڭغىچە مەن چوڭچىڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارغا باردىم. ئەمما مەن ھەممىدىنمۇ بەكرەك ئۇيغۇر رايونىغا قىزىقىپ قالدىم. چۈنكى بۇ ۋاقىتلاردا ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى يېڭىدىن باشلىنىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ جايدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ھاياتى ماڭا بەك قىزىقارلىق تۇيۇلدى. مېنىڭ بىر دوستۇم شۇ ۋاقىتتا ‹ئامېرىكانىڭ غەربىي قىسمىنى ئېچىش› ھەرىكىتى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن مەندە بۇ ھالنى ‹خىتاينىڭ غەربى قىسىمنى ئېچىشى› بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. ئەمما مېنىڭ سېلىشتۇرماقچى بولغانلىرىم 2018-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر رايونىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور تۇتقۇن بىلەن ئورۇن ئالماشتى. نەتىجىدە مەن ‹غەربى قىسىمنى ئېچىش›نىڭ نەتىجىسىنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقاي، دەپ ئويلاپ 2019-يىلى بۇ جايدا بىر ئاي تۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتىكى ئىككىنچى تېما سۈپىتىدە ‹بىتاب بولغان تۈنلەر›نى تاماملىدىم. بۇ ئىككى تېما بىرلىشىپ قولىمىزدىكى ‹چاڭ-توزان› ناملىق بۇ توپلامنىڭ ئاساسى بولدى. بۇ توپلامدا بولسا ئاشۇ رايوننىڭ ئۆتكەن تۆت يىللىق ئۆزگىرىش ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىندى.»
پاترىك ۋاكنىڭ قولىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىزمەت ۋىزا» سى ئۇنىڭغا كۆپ قىسىم چەتئەللىك مۇخبىرلار بارالمىغان ئۇيغۇر شەھەرلىرىگە ۋە ناھىيەلىرىگە بېرىش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل، ئالتاي، غۇلجا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، تاشقورغان قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىگىلا بارغان. ئەمما ئۇنىڭ ھەر بىر جايدا كۆرگەنلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن نامايان قىلىپ، ئۇنىڭ كۆز ئۆڭىدە تەدرىجىي ھالدا بىر پۈتۈن مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەڭ ئاخىرقى سەپىرىمدە شۇنداق لاگېرلارنى كۆردۈم. ئەمما مەن لاگېرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاپپاراتىمنى توغرىلاپ سۈرەتكە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس ئىدىم. چۈنكى بۇنىڭدا مەن قولغا ئېلىنىشىم ھەمدە قايتا بۇ رايونغا كېلەلمەس بولۇپ قېلىشىم ئېنىق ئىدى. بىر قېتىم ئۈرۈمچىدە بىر تاكسى شوپۇرى ئۇقۇشماستىن مېنى نەق شۇنداق بىر لاگېرنىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ‹خاتا› جايغا كېلىپ قالغانلىقىمنى بايقاپ بۇ يەردىن كېتەي، دەپ ئارقامغا بۇرۇلدۇم. ئەمما پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تېزلا مېنى قورشىۋېلىپ بىر ئىشخانىغا ئېلىپ كىردى ھەمدە ئىككى سائەتچە توختىماستىن سوراققا تارتتى. نەدىن كەلگەنلىكىم، بۇ جايدا ئاپپارات كۆتۈرۈپ نېمە قىلىۋاتقانلىقىم دېگەنلەرنى قايتا-قايتا سورىدى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئاشۇ لاگېرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن كىشىلەرنى لاگېردىن ئېلىپ چىقىۋاتقان مەنزىرىنى كۆردۈم. ئەمما مېنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغانلىرىم لاگېرلارنىڭ ئېگىز قورشاۋ تاملىرى ياكى كۆزىتىش مۇنارلىرى دېگەنلەر ئەمەس، ئەكسىچە ئۆتكەن بىرنەچچە يىللىق سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەنزىرىنى قايسى دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئىدى. ئەنە شۇ تەرىقىدە 2019-يىلى بۇ رايونغا قايتا كەلگىنىمدە ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە رايوندىكى ئومۇمى مەنزىرە قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى بايقىدىم: ئاياللارنىڭ بېشىدىكى ياغلىق پۈتۈنلەي غايىب بولغان، مەسچىتلەر پۈتۈنلەي تاقالغان، مىللىي مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى بارلىق دىنىي ۋە مىللىي ئىمارەتلەر پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردىكى بىر قارىماققا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرقانداق نەرسە يوقىتىۋېتىلگەنىدى. ھەتتا دىنىي مۇئەسسەسە بولمىغان بازارلار ۋە سودا سارايلىرىنىڭ گۈمبەزسىمان ئۆگزىلىرىمۇ پۈتۈنلەي قومۇرۇپ تاشلىنىپ تۈزلىۋېتىلگەن، يەنە كېلىپ غايەت زور تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ‹بېشىنى سىلاۋاتقان› كۆرۈنۈشى ھەممىلا جايدا كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىكەن. قىسقىسى، پۈتكۈل رايوننىڭ تاشقى قىياپىتى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ ئىچكىرىدىكى خىتاي شەھەرلىرىگە ئوخشىتىپ قويۇلغانىدى».
پاترىك ۋاك ئۆزىنىڭ كۆپ قېتىملىق ساياھەت سەپىرىدە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بىر ھادىسە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە خىتايلارغا قارىتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاشكارا ئايرىمىچىلىق سىياسەتلىرى بولغان. بۇ ئاچچىق رېئاللىقمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يەرلىك تەدبىرلەر» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنىڭ قوشۇمچە چارىلىرى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى تولۇق ھېس قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.
«شىنجاڭدا كەڭ ئومۇملاشقان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئايرىمىچىلىق ھادىسىسىنى ھەممىلا جايدا كۆرۈۋېلىش مۇمكىن، دېسەكمۇ بولىدۇ. مىسال ئالساق، بۇ رايوندىكى نېفىت قېزىش خىزمىتى بايلىق يارىتىۋاتقان بىر چوڭ ساھە ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئالساق ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى بولغان يول ياساشمۇ بۇ رايوندىكى غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىنغان بىر تۈر. ئەمما مەن بۇ ساھەلەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا خىتاي ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى بايلىق يارىتىدىغان ئاساسلىق تۈرلەرگە يېقىن كېلەلمەيدىغانلىقىنى كۆردۈم. ئەمما كېۋەزلىكلەردە پاختا تېرىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇرلار ئىكەن. بۇ خىلدىكى ئاشكارا ئايرىمىچىلىق سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى بۇ خىلدىكى زور سوممىلىق قىممەت يارىتىدىغان ساھەلەرنىڭ دائىرىسىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەن. بۇ ھال بىزگە ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى (1861-1865) دىن ئىلگىرى قارا تەنلىك قۇللار ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كېۋەزلىكلەردە ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە پاختا تېرىش بىلەن مەشغۇل بولغان تارىخنى ئەسلىتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاشۇ قارا تەنلىك قۇللارمۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي غول سىستېمىسىدىن چەتتە قالدۇرۇلغان. 2016-يىللىرىلا باشلىنىپ بولغان ھەربىي ھالەت شەكلىدىكى نازارەت 2019-يىلىغا كەلگەندە قارىسام يۇقىرى پەللىگە يېتىپ پۈتكۈل رايون ھەقىقىي يوسۇندىكى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىپتۇ. كۆزىتىش كامېرالىرى ۋە ساقچى پونكىتلىرى ئورنىتىلمىغان ھېچنە قالماپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارغا تەۋە نۇرغۇن قورو-جايلارنىڭ چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەكشۈرۈلمەيدىغان ھېچنەرسىسى قالمىغانلىقىنى، رەستە-ماگىزىنلارغا كىرىدىغان ئۇيغۇرلارنى ھەر قېتىمدا خۇددى ئايرۇدرۇمدىكىگە ئوخشاش تەكشۈرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھېچقايسى خىتايلارغا قوللىنىلمايدىغانلىقىنى كۆردۈم.»
بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگرامىمىزدا بولسۇن.