ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ خۇسۇسىي ھەربىي مەقسەتلىرى ھەققىدە خەۋەر ۋە ئانالىزلار تارقالماقتا

0:00 / 0:00

مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەبلەغلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە خىتاينىڭ ئۆز خۇسۇسىي ھەربىي بىرلەشمىلىرىنى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا خەۋەرلەرنىڭ تارقالغانلىقى مەلۇم. شۇ چاغدا «ئازادلىق» رادىيوسى «خىتاينىڭ خۇسۇسىي بىرلەشمىلىرى ۋە قازاقىستاندىكى سىياسىي ھالاكەتلەر» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا قازاقىستاندىكى ۋەزىيەت تىلغا ئېلىنغانىدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرى قازاقىستاننى تۇراقسىز ئىقتىساد، سىياسىي تۇراقسىزلىق ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى پارىخورلۇق خەۋپىنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە قارىغانىكەن. ماقالىدا دېيىلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە ئەنە شۇ خۇسۇسىي ھەربىي بىرلەشمىلىرىنىڭ ياردىمىگە تايانماقچىكەن.

ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ مەسىلە تېخىلا كۈن تەرتىپىدىن چۈشكەن ئەمەس. 6-ئۆكتەبىردە رۇسىيەنىڭ «رېگنۇم» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئا ق ش ئافغانىستاندىن كەتكەندىن كېيىن تۈركىستاندا خىتاينىڭ خۇسۇسىي ھەربىي بىرلەشمىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، تاجىكىستاننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىداش رايونىدىكى تاغلىق-بەداخشان ئاپتونوم ئوبلاستىدا چېگرا پونكىتلىرى قۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەرگە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يا بولمىسا خىتاي قوراللىق ساقچى قوشۇنلىرى كىرىپ تۇرىدىكەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىدىغان بارلىق يوللارنى كونترول قىلىپ تۇرىدىكەن. بۇنىڭ بارلىقى خىتاي، تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان باش شتابلىرى باشلىقلىرى ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن. بۈگۈنكى كۈنگىچە خىتاي ئۆزىنىڭ قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي لايىھەلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزاكىرىلەرنى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئاخىرىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى قىسىملىرىنىڭ قۇدرىتى ئىلگىرىكى دەرىجىدە بولمىسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ خېلى كۈچەيگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان. بولۇپمۇ خىتاي ئافغانىستان ھاكىمىيىتى بېشىغا تالىپلار كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي كۈچلىرىنى قايتا قوراللاندۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان ۋە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ھەربىي قۇدرىتىدىن قېلىشمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. شۇنداقلا خىتاي ئۆزىنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا بۇ ئەللەردىكى خىتاي خەۋپىگە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ، ئاساسىي جەھەتتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ كاشىلا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دېمەك، خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خۇسۇسىي ھەربىي بىرلەشمىلىرىنى قۇرۇش پىلانلىرى بۇ ئەللەردىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە ئېلىپ كېلەمدۇ؟ قانۇن جەھەتتىن خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ ئەللەردىكى ئىقتىسادىي لايىھەلىرىنى، بىرلەشكەن شىركەتلىرىنى، بانكىلىرىنى، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ قوغداش ھوقۇقىغا ئىگىمۇ؟

قازاقىستانلىق خىتايشۇناس، قازاقىستاننىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى فوندى قارمىقىدىكى «ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتلىرى» ئورنىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى پروگراممىسىنىڭ رەھبىرى، «سىنوپسىس» ناملىق مەركىزىي ئاسىياغا جايلاشقان خىتاينى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى رۇسلان ھېزىموف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ھەقىقەتەنمۇ قازاقىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا بىر نەچچە ئامىللار سەۋەب بولماقتىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، ھەقىقەتەنمۇ بۇنىڭغا قوشنا شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىيەت سەۋەب بولماقتا. ئۇ يەردە تۈركىي مىللەتلەر تەقىبلەشلەرگە، بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇنى دۇنيانىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلىرى ئېتىراپ قىلدى. شۇنداقلا خىتايغا قارشى كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرىدىكى سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىگە تارىخىي پاكىتلارمۇ سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. خۇسۇسەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىشى، ئەينى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ سابىق سوۋېت تېررىتورىيەلىرىگە داۋا قىلىشى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ قارشىلىقنىڭ ئاساسىي سەۋەبى خىتاينىڭ پەقەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى سىياسىتىدىمۇ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنى، بىرىنچى نۆۋەتتە قازاقىستاننى ئىقتىسادىي بېقىندىلىق گىرۋىكىگە ئىتتىرىشى، يەنى ئۇنى قەرزدار قىلىپ قويۇشى خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، خىتاي ئەتە يا ئۆگۈن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ مەملىكەتلەردىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە بېرىشى مۇمكىنكەن».

رۇسلان ھېزىموف خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە ئەنە شۇ خۇسۇسىي ھەربىي بىرلەشمىلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە موھتاج بولغانلىقىنى ئۇنىڭ ئافرىقادىكى ئىقتىسادىي لايىھەلىرى مىسالىدا كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئافغانىستاندا ئۆز مەبلەغلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە خۇسۇسىي ھەربىي بىرلەشمىلىرىگە مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسلان ھېزىموفنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىلگىرى مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە ئۆزىنىڭ بۇ ئەللەردىكى مەبلەغلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خۇسۇسىي ھەربىي بىرلەشمىلىرى خىزمىتىنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە رەسمىي ھۆججەتلەرنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشى شۇنىڭغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنكى، خىتاي ئاخىر مەركىزىي ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرىنى يا بولمىسا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پەقەت ئۆز كۈچىگە ئىشىنىشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ھەربىي كۈچلىرىنى ئارىلاشتۇرۇشى بەك ئېھتىمال. ئەمما بۇ مەسىلىنى تەپسىلىي ۋە چوڭقۇر قاراش مۇمكىن ئەمەس، سەۋەبى بۇنىڭغا ئاساسلىق پاكىتلار ھازىرچە يېتىشمەيدۇ. ئەپسۇسكى، خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادا خۇسۇسىي ھەربىي كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىشى ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولغانىكەن. ئەمما شۇنداقتىمۇ كەچ بولسىمۇ، خىتاي كۆچمەنلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى كۆتىرىشىپ، كىرىپ كېلىدۇ. كېلەچەكتە خىتاينىڭ خۇسۇسىي ھەربىي كۈچلىرىنىڭ قازاقىستانغا كىرىپ كېلىشى بەك مۇمكىن. بۇنىڭغا مۇنداق ئامىللار قارشى تۇرۇشى مۇمكىن. بىرىنچى، يەرلىك ئاھالە بۇنى قوبۇل قىلماي، ئەكسىچە بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىقلارنىڭ ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن. ئىككىنچى، بۇ رۇسىيە. رۇسىيە ئۆزىنىڭ ھەر قانداق كۈچىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. ئاخىرى، رۇسىيە خىتاينىڭ خۇسۇسىي ھەربىي بىرلەشمىسىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا بولۇشىغا مەنپەئەتدار ئەمەس ھەم بۇنى ھەرگىز خالىمايدۇ».

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ رايونغا ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي ھەربىي بىرلەشمىلىرىنى كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن.

رەھىم ھاپىزوف ئەپەندى خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى قارشىلىقلارنى بېسىش ئۈچۈن كۆزلىگەن مەقسەتلىرىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىلدىن-يىلغا كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش كېرەك. مەن ئويلايمەنكى، خۇسۇسىي ھەربىي بىرلەشمىنىڭ 90 پىرسەنتى خىتاي تەرەپتىن تەييارلانغان دىپلومات، رازۋېتچىكلار. خىتاي ئۆز شىركەتلىرىنى ھىمايە قىلىشنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ساقچى قاتارىدا ئېلىپ كىرمەكچى. خىتاي ھازىر رۇسىيەنىڭ تۇتقان سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، رۇسىيەنىڭ سوقۇش بولۇۋاتقان يەرلەردە خۇسۇسىي ھەربىي قىسىملىرى بار. رۇسىيە ‹بىز ئۇلارنى ئەۋەتمىدۇق، ئۇلار يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپى بىلەن بارغان› دەپ مۈرىسىنى چىقىرىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ پىلانى بىر. خىتاي شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى. خىتاينىڭ خۇسۇسىي ھەربىيلىرى، ساقچىلىرى كېلىپ، قازاقىستاندا، قىرغىزىستاندا كۆپەيسە، خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرايدۇ».

رەھىم ھاپىزوف خىتاينىڭ خۇسۇسىي ھەربىي بىرلەشمىلىرىنى مەركىزىي ئاسىياغا ئېلىپ كىرىشىنىڭ ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بەلگىلىگەن ئىستراتېگىيەلىك سىياسىتىنىڭ بىر تەرىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىقتىسادىي لايىھىسىنىڭ ئەنە شۇ سىياسەتكە بىۋاسىتە باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. رەھىم ھاپىزوف شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي لايىھىلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيانى بېقىندۇرىۋېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.