پاترىك ۋاك: «مەن سۈرەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پىغانىنى تەسۋىرلىدىم!» (2)

0:00 / 0:00

فرانسىيەلىك فوتوگراف پاترىك ۋاك ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرنەچچە قېتىملىق ساياھىتى جەريانىدا تارتقان فوتو سۈرەتلىرىنىڭ ئەڭ نادىرلىرىنى تاللاپ «چاڭ-توزان» ناملىق توپلام شەكلىدە نەشر قىلدۇردى. مەزكۇر توپلام 7-ئۆكتەبىر رەسمىي ھالدا تارقىتىلغاندىن كېيىن مەزكۇر توپلامدىكى سۈرەتلەردە ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۈچ يىلدىكى ئۆزگىرىشى يەنە بىر قېتىم چوڭ مۇھاكىمە تېمىسى بولدى. بولۇپمۇ مەزكۇر توپلام تارقىتىلىشتىن ئىلگىرىكى مۇشتىرى توپلاش پائالىيىتى جەريانىدىلا شۇنچە قىممەت باھادا نەشر قىلىنغان بۇ توپلامنىڭ ئالدىن سېتىلىپ بولۇنغانلىقى، بۇ سۈرەتلەرگە قىزىققۇچىلارنىڭ بەكمۇ كۆپلۈكىنى ۋاستىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.

ئەمەلىيەتتە پاترىك ۋاكنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى سۈرەتلىرىنىڭ بىر قىسىمى بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا «كوداك» شىركىتىنىڭ «ئىنستىگرام» (Instagram) بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يامغۇردەك ياغقان نارازىلىق يازمىلىرى ھەممىلا يەرنى قاپلىدى. «كوداك» شىركىتى شۇنىڭ بىلەن تېزدىن بۇ سۈرەتلەرنى تور بەتتىن ئۆچۈرۈپ خىتاي پۇقرالىرىدىن ئەپۇ سورىدى. سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ مەسىلە توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم گەپ تېشىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەس، بەلكى خىتاي تورداشلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ سۈرەتلەرگە بۇنچىۋالا ئاچچىقلىنىپ كېتىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پاترىك ۋاك بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە مېڭىسى پۈتۈنلەي يۇيۇلۇپ بولغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ مىللەتچىلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان «ئەسەبىيلىكى» دىن باشقا نەرسە ئ‍ەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«مېنىڭچە بۇ پۈتۈنلەي تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا ئۇلار بۇنى ‹يالغانچىلىق› دەپ قارىغان. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى بولغاچقا ئۆزلىرىچە ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئاۋاز چىقارماقچى بولغان. چۈنكى خىتايدا ھازىر بەكمۇ ئەۋج ئالغان بىر ھادىسە بارلىق ئىنتېرنېت (تور) يازمىلىرىنىڭ مىللەتچىلىك تۈسىنى ئېلىۋاتقانلىقىدۇر. يەنە كېلىپ بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا بولغاچقا، ئۇلار ھەرقاچان مىللەتچىلىك مەزمۇنىدىكى نەرسىلەرنى كۆپلەپ بازارغا سالىدۇ. خەلق بولسا بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ھەمدە شۇنىڭغا ماس ھەركەتتە بولىدۇ. بولۇپمۇ مېنىڭ سۈرەتلىرىمدىكى رېئاللىقنى يالغانغا چىقىرىش، مېنى ئاشۇ سۈرەتلەرنى نەشر قىلدۇرۇش ئارقىلىق پۇل تاپماقچى بولغان، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش بۇ كىشىلەرنىڭ قېنىنى قىزىتقان. دەل مۇشۇ كىشىلەر ئاشۇ خىلدىكى مىللەتچىلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان تەشۋىقاتلارغا ئىشەنگەن ھەمدە بۇنى غەرپ دۇنياسىنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىنىڭ ئىسپاتى قىلىۋالغان.»

شۇ قېتىمدا «كوداك» شىركىتىنىڭ تور بېتىدە چاپلانغان پاترىك ۋاكقا قارشى بەزى يازمىلاردا «غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ گۇماشتىلىرى غەرەزلىك ھالدا شىنجاڭدىكى تېرورچى ئۇنسۇرلارنى ۋە ئاشقۇن ئۇنسۇرلارنى ھېمايە قىلغان» دېگەندەك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن پاترىك ۋاكنىڭ فوتو سۈرەتكە تارتىشى سىياسىيلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي ھەۋىسىدىكى مۇددىئا پۈتۈنلەي باشقىچە شەرھىلەنگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇ بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلدى.

«ياق، ياق! مەن قانداقتۇر تېررورچىلارنى ياكى سەلبىي ئىنسانلارنى قوللاۋاتقىنىم يوق. ئەكسىچە، بىر كەسپىي فوتوگراف بولۇش سۈپىتىدە مەن ئەسلىدە سىياسىيدىن خالىي ھالدا ئۇيغۇر رايونىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى، شۇنىڭدەك بۇ رايوننىڭ سىياسىي جۇغراپىيەلىك ۋەزىيىتىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلارنى ھۆججەتلىك بايان شەكلىدە تەسۋىرلەشكە، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ رېئال ھاياتىنى سۈرەتلەر شەكلىدە باشقىلارغا تەقدىم ئېتىشكە بارغان ئىدىم. مېنىڭ پىلانىمدا قانداقتۇر بىرەر تەرەپنى ھېمايە قىلىش دېگەن مۇددىئا بولغان ئەمەس. مېنىڭ بۇ قېتىم نەشىر قىلىنغان توپلامىمدا ھەقىقەتنى چىقىش قىلغان ھالدا سەمىمىيلىك بىلەن بۇ جايدا نېمىلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىش ئاساسىي مەقسەد بولدى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى رېئاللىق بىز ھازىر بىلگەن سەۋىيىگە كۆتىرىلىپ يىغىۋېلىش لاگىرلىرى كۆپلەپ قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن پەقەت نورمال ھايات كەچۈرۈشتىن باشقىنى ئويلاپ كۆرمىگەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىنى ۋە مەدەنىيىتىنى داۋام قىلدۇرىۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا قاماققا ئېلىندى. بۇ جايدا ئۇلار ئېغىر تەھدىتلەرگە ۋە قىيناقلارغا دۇچار بولدى. بۇنىڭ بىلەن مەۋجۇت رېئاللىقنى ھۆججەتلىك بايان شەكلىدە تەسۋىرلەش ئۆزلۈكىدىنلا ناھايىتى مۇھىم بولغان ‹سىياسىي› ھادىسە بولۇپ قالدى. چۈنكى بۇنىڭدا خىتاي دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ، شۇنداقلا خىتاي ‹سىياسىيون› لىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى بەكمۇ ئۆزگىچە شەكىلدە ئېيتىپ بېرىلىدۇ.»

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق ھادىسىسىگە نىسبەتەن ھۆكۈمەتنى پۈتۈنلەي قوللاش مەۋقەسىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ مەسىلە ھەققىدە گەپ بولغاندا پاترىك ۋاك ئۆزى تونۇيدىغان خىتايلارنىڭ بىر بولسا بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، چەت ئەلدىكى خىتايلار ئارىسىدا بولسا بۇ ھەقتە كەسكىنلىك بىلەن ئادالەتنى ياقلىغانلارنى كۆرمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ ھېلىھەم بۇ خەۋەرلەرنى «يالغان» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بولۇپمۇ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭ ساياھىتى» ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەتكە كەلگەن خىتايلار ھازىر بەس-بەستە «شىنجاڭ ھازىر بەكمۇ بىخەتەر ۋە گۈزەل ئىكەن» دېگەن ئۇچۇرنى كۆپلەپ تارقاتماقتا ئىكەن.

«بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارنى كۆپ قىرلىق بولدى، دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ئىشلار توغرىسىدا خىتاي دوستلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ باققانمەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتايدا، يەنە بەزىلىرى غەرپ دۇنياسىدا. قارىسام، ئۇلارنىڭ خىتايدىكىلىرى بۇ ئىشلارنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيدىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ ‹قايتا قۇرۇش› بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇلار چۈشىنىپ كەتمەيدىكەن. مېنىڭچە، ئۇلار ئاساسلىقى غەرب دۇنياسىنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلايدىغان بولغاچقا، بۇ ھال شۇنداق بولغان. غەرب دۇنياسىدىكى خىتاي دوستلىرىم بولسا بۇ ئىشلارنى ئاساسەن ئاڭلىغان ئىكەن. ئەمما قارىسام، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ خەۋەرلەرگە ئىشەنمەيدىكەن. يەنە بەزىلەر بولسا بۇنى ‹غەرپ دۇنياسىنىڭ تەشۋىقات ئۇرۇشى› دەپ قارايدىكەن. ئەمما ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار. 2021-يىلىدىكى ئەھۋال بەلكىم بىراز پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھازىر غەرب دۇنياسىنى تەنقىدلەش تۈپەيلىدىن غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرى خىتايدا تارقالدى. ئەمما دۇنيا ھازىر كۆپ قۇتۇپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقتىن يەنىلا خىتايدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىكەن. شۇڭا بۇ ھال ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بولىدىكەن. يەنە بەزىلەر بۇنى بىلسىمۇ بۇ ھەقتە گەپ قىلشتىن قورقىدۇ. چۈنكى بۇ ھەقتە سۆزلىشىش ھەرقاچان بۇ كىشىنى بالاغا تىقىدۇ.»

پاترىك ۋاك بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئەڭ نادىر فوتو سۈرەتلىرى «چاڭ-توزان» ناملىق توپلامدا نەشر قىلىنغانلىقتىن ئۆزىنى راۋرۇس يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلغان. چۈنكى بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۇ ئاشۇ نادىر سۈرەتلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ئالدىن ئېلان قىلغاندا شۇنچە شۆھرەتلىك «كوداك» شىركىتى خىتاي تورداشلىرىنىڭ تەنقىدىدىن ئىككى پۈكلىنىپ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاھىشىغا ھۆرمەت قىلىمىز»، «ئۆزىمىزنى تەكشۈرىمىز» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان ئىكەن. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا، ئۇ «كوداك» شىركىتىگە ئوخشاش نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ھازىر خىتايدىكى غايەت زور بازارغا دۈم چۈشۈپ ئۇ جايدا سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى «كۆرمەس» ۋە «ئاڭلىماس» بولۇپ قالغانلىقىدىن بەكمۇ بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

«مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندىم. مېنىڭچە، فوتوگرافىيە ساھەسىدىكى نۇرغۇن كىشى ماڭا ئوخشاش ئويلىدى. نېمىشقا دېگەندە ‹كوداك› شىركىتىنىڭ سۈرەت لېنتىلىرى ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرى دۇنيا مىقياسىدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان زور شۆھرەت قازانغان ھەمدە كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ فوتو سۈرەتلەرگە سۈزگۈچ قويۇشى، شۇنىڭدەك خىتاي بازىرىنىڭ مېھرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش كۆرۈشى ئۇلارنىڭ شىركەت ئ‍ەخلاقىغا پۈتۈنلەي خىلاپ قىلمىشتۇر. ئۇلارنىڭ پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن بۇ قەدەر نومۇسسىزلارچە بىر ئىشنى قىلىشى پۈتۈنلەي بازار ئۈچۈنلا بولۇۋاتىدۇ. ھازىر بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە باشقا شىركەتلەرمۇ پۇل ئۈچۈن خىتايغا ئېگىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇملار كۆرۈنمەس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق بىر قىسىم غەرپ ھۆكۈمەتلىرى بۇنداق ئەھۋالغا خاتىمە بېرىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمما بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ماددىي جەھەتتىكى ئاچكۆزلۈكى سەۋەبىدىن بۇنىڭ دەردىنى بەك كۆپ كىشىلەر تارتىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلىنىڭ بىرى دەل مۇشۇ ھادىسىدۇر.»

سۆھبىتىمىز جەريانىدا پاترىك ۋاك 7-ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىي تارقىتىلغان «چاڭ-توزان» ناملىق توپلامدىكى سۈرەتلەرنىڭ ئ‍ۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى «ئاممىۋى سىماسى» سۈپىتىدە ھەمدە ھۆججەت سۈپىتىدە ساقلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا بۇ سۈرەتلەر ئەمىلىيەتتە بۇ رايوندىكى مەۋجۇت رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئارىدىن ئون يىل، يىگىرمە يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندە بۇ سۈرەتلەرنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. چۈنكى پاترىك ۋاك ئۈچ يىل بۇرۇن كۆرگەن، بېشىدا ياغلىق ۋە دوپپا بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچ يىلنىڭ ئىچىدە پۈتۈنلەي كۆزدىن يۈتكەن. شۇڭا ئۇ كۆرگەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غايەت زور تەسۋىرىنى نەچچە ئون يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى دۇنيامۇ كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغان تەكلىماكاننىڭ قەدىمىي توپا-چاڭلىرىغا نۆۋەتتە داۋاملىق بۇزۇلۇپ ۋەيران قىلىنىۋاتقان مەدەنىيەت ئىزنالىرىمۇ يېڭىدىن چاڭ-توزان بولۇپ قوشۇلماقتا ئىكەن.