خىتاي-پەلەستىن مۇناسىۋىتى: مەنپەئەتلەر ۋە تەھدىتلەر

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندىنىڭ خىتاي زىيارىتى باشلىنىش ھارپىسىدا پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا كېلىشى ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىنىڭ زور دەرىجىدىكى دىققىتىنى قوزغىغان ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تېخىمۇ مۇھىمى مەھمۇد ئابباسنىڭ 12-ئىيۇندا ئاخىرلاشقان «ئەرەب-خىتاي مۇنبىرى» گە قاتناشقاندىن كېيىنلا ئىز بېسىپ بېيجىڭغا كېلىشى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرققە بولغان تەسىرىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس ئالدىنقى ئايدا نيۇ-يورك شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان. شۇڭا مەھمۇد ئابباسنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى ماھىيەتتە خەلقئاراغا «خىتاي بىزنىڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە قوللىغۇچىمىز» دېگەن ئۇچۇرنى يوللاشقا باراۋەر ھېساپلىنىدۇ.

بېيجىڭدا مەھمۇد ئابباس خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغاندا شى جىنپىڭ ئۇنىڭ زىيارىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى تېزرەك ئاخىرلاشتۇرۇشتا كېلىشتۈرگۈچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا تولۇق ئەزا بولۇشىغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بۇ يىل خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى ئەرەب دۆلىتىنىڭ رەھبىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ؛ «خىتاي بىلەن پەلەستىن قەدىناس دوستلاردىن ھېساپلىنىدۇ. بىز ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا بۇ دوستلۇقىمىزنى تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە ئېلىپ چىقىمىز. شۇنداقلا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىز بۈگۈن خىتاي-پەلەستىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ رەسمىي ئورنىتىلغانلىقىنى جاكارلايمىز» دېگەن. .

پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسمۇ شۇ قاتاردا سۆز ئېلىپ شى جىنپىڭنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ تاتلىق ئىبارىلەر بىلەن مەدھىيىلىگەن. ئۇ سۆزىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ «پەلەستىن ھەرقاچان خىتايغا ئىشىنىدۇ. شۇنداقلا خىتاينى ھەرقاچان ئادالەتنى جارى قىلدۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ» دېگەن.

پەلەستىن مەسىلىسى پەيدا بولغان زامانلاردىن تارتىپ خىتاي ئىزچىل تۈردە پەلەستىننى قوللاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھال يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ كۈچىيىشكە يۈزلەنگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «قولتۇق دۆلەتلىرى ئانالىزى» (GSA) سىياسى-جۇغراپىيەلىك خەتەر مەسىلىلىرىگە مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى گيورگىيو كافىرو (Giorgio Cafiero) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۆپ قىرلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، شۇنچە زور پەرقلىق ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىماستىن خىتاينىڭ پەلەستىننى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىشى ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى ھېساپلىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى.

«خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل مارت ئېيىدا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىنى باغلاشتا مۇھىم ئامىل بولدى. بېيجىڭ دائىرىلىرى ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق دىپلوماتىيەسىدىكى ئۈستۈنلۈك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە زېھىن قويۇۋاتىدۇ. پەلەستىن بولسا دەل مۇشۇ نىشانلارنىڭ بىرى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھاكىملىق نوپۇزى ئاجىزلىشىشقا ئەگىشىپ بۇ يېڭىدىن پەيدا بولغان بوشلۇقنى خىتاي ھۆكۈمىتى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يۈزلىنىشنى شۇ رايوندىكى باشقا شېرىك دۆلەتلەردىن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، ئىران قاتارلىقلارغا ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن خىتاي ھازىر ئۆتمۈشتىكى نەچچە ئون يىللارغا ئوخشاش پەلەستىن كوزىرىنى ئويناۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي بۇ مەسىلىدە مۇئەييەن ئۇتۇق قازانسا ئۇ ھالدا ئاشۇ رايوندىكى سىياسىي ئارتىستلارغا كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى يوللاشقا يول ئاچىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلارنى ئامېرىكا بىلەن ئەمەس، بەلكى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلالايدۇ. ئەمما ئامېرىكا ئىزچىل ئوتتۇرا شەرقتىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغۇچى كۈچ بولۇپ، خىتاي بۇ رولنى ئالالمايدۇ، دەپ قارايمەن. ئەمما ئامېرىكا ئويناپ كېلىۋاتقان مەبلەغ سېلىش، ئىقتىساد، يۇمشاق كۈچ ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى يېتەكچىلىك رولنى قولغا ئېلىۋېلىشى مۇمكىن.»

مەھمۇد ئابباسنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى جەريانىدا خىتاينىڭ قانداق زور خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھال ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قولتۇق رايونىدىن چېكىنىپ چىققاندىن بۇيان خىتاي بۇ رايوندا قولغا كەلتۈرگەن بىر تۈرلۈك دىپلوماتىيە غەلىبىسى، دەپ قارالغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا تۈركىيەدىكى ھاجىتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى نەچچە ئون يىللاپ «ئامېرىكا دۈشمەنلىكى» ھەققىدىكى چۈشەنچە ناھايىتى كەڭ تارقالغان ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئوتتۇرا شەرق رايونىدا خىتايدەك ئېنېرگىيە بايلىقىغا جىددىي ئېھتىياجى بولغان بىر دۆلەتنىڭ پەلەستىن بىلەن بۇ قەدەر «قويۇق دوستلۇق» ئورنىتىشىنىڭ ئاسانغا چۈشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن كۆپلىگەن مەنپەئەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. .

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن مەھمۇد ئابباس بېيجىڭدا سۆھبەتلەشكەندە مەھمۇد ئابباس ئۆزلىرىنىڭ بىر خىتاي پىرىنسىپىنى ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ھازىر بەزىلەر كۆتىرىپ چىققان شىنجاڭ مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس. ئەكسىچە تېرورلۇققا، ئاشقۇنلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش. پەلەستىن ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مەسىلىسىنى دەپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن. ئۇيغۇرلار نەچچە ئون يىلدىن بۇيان قىزغىنلىق بىلەن ھېمايە قىلىپ كەلگەن پەلەستىننىڭ ئىزچىل تۈردە ئىسلام دۇنياسىغا ئوخشاش مەۋقەدە بولۇشى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ھېمايە قىلىشى توغرىسىدا سۆز بولغاندا گيورگىيو كافىرو (Giorgio Cafiero) مۇنداق دېدى.

«شۇنداق. بۇ باياناتلار ماھىيەتتە كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ باياناتلىرى بىلەن بىر قېلىپتىن چىققان سۆزلەردۇر. چۈنكى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە پەلەستىن ئوخشاشلا ئۆزلىرىنى بېيجىڭ بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر مۇناسىۋەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇھتاج، دەپ قارايدۇ. يەنە بىرياقتىن ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەش ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىشىغا تېگىش بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. مادامىكى بىرەر دۆلەت خىتاينىڭ چىشىغا تەگكەن ھامان خىتاي ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى تەنقىدلەشتىن ئۆزلىرىنى تارتىپلا قالماستىن يەنە غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە قارىمۇ-قارشى ھالدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھېمايە قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇ ھالنىڭ ئۇلار ئۈچۈن زور قىممەت يارىتىدىغانلىقىدا. بۇ مەسىلىدە ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش مەۋقەدە بولۇۋاتقان پەلەستىنمۇ بۇ سەۋەبتىن زور مەنپەئەت قازىنىدۇ. شۈبھىسىزكى ئۇيغۇرلار ئابباسنىڭ بۇ باياناتىدىن بەكمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئەمما پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى رېئاللىقنى چىقىش قىلغان ئاساستا تاشقى كۈچلەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمىز، دەپ قارايدۇ. شۇڭا بۇنى بىلىپ تۇرۇپ تۆلىگەن بەدەل قاتارىدا كۆرىدۇ.»

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە پەلەستىن دۆلىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا ئېغىر دەرىجىدە بېقىنىپ قالغان. بۇنداق ئەھۋالدا پەلەستىن ھۆكۈمىتى «پەلەستىن دۆلىتىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلىشتىن ئەلا» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىشى مۇمكىن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ خىل ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشى نۆۋەتتە يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنى ئامېرىكا بىلەن پۇت تېپىشىشىدىكى يەنە بىر ۋاستە، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.