ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا-ساناەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات نامان قاتارلىق 3 نەپەر ئەمەلدارنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى» ئۈچۈن ئۇلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ كونكرېت قايسى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاسقا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا پەرھات ناماننىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي تاراتقۇلىرى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى كەڭ-كۆلەمدە تارقاتقان بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدا ناھىيە ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 3 نەپەر ئەمەلدارنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى» ئۈچۈن ئۇلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. خەۋەردە بۇلاردىن بىر نەپىرى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئەمما خەۋەرلەردە ئۇلارنىڭ كونكرېت قايسى تۈردىكى خاتالىق گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن. بۇ ھەقتە رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا پەرھات ناماننىڭ 2015-يىلى كۈزدە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەگە بارغانلىقى ۋە گېرمانىيەدىكى ۋاقتىدا قىلغان تېلېفون ئالاقە خاتىرىسىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىز ئاقسۇدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، ئالدى بىلەن بىلەن ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ياكى ئائىلىسىدە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىر خادىمى بۇ ئىدارىدە نۆۋەتتە بۇنداق بىر كىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، پەرھات ناماننىڭ 2015-يىلى گېرمانىيە سەپىرىدىكى بىر تېلېفون ئالاقە خاتىرىسى دائىرىلەر تەرىپىدىن «شەرقى تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى» بىلەن بىلەن كۆرۈشۈش دەپ قارالغان. پەرھات نامان شۇ چاغدىكى تەكشۈرۈشتە ئۆزىنىڭ گېرمانىيەدىكى چېغىدا پەقەت تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆتكەلدىن ئۆتكەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سودا-ساناەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىر خادىمى پەرھات ناماننىڭ گېرمانىيە سەپىرىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتسا، يەنە بىر مەسئۇل خادىم ئۇنىڭ گېرمانىيە سەپىرىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، پەرھات نامان 2019-يىلى كادىرلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مەسىلە تاپشۇرۇش دولقۇنىدا گېرمانىيەدىكى تېلېفون ئالاقىسى سەۋەبلىك يەنە بىر قېتىم سوئال-سوراققا دۇچ كەلگەن. بۇ يىل 5-ئايغا كەلگەندە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتكەن ۋە بۇ تەكشۈرۈش ھەققىدە مەخسۇس ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ ئىدارىسى خادىمى پەرھات نامان دېلوسىنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاقسۇلۇق مۇھاجىرلاردىن بىرى پەرھات ناماننىڭ ئىككى پەرزەنتىنىڭ تۈركىيەنىڭ چەت بىر ۋىلايىتىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، پەرھات نامان 1990-يىلى شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا-سانائەت بىرلەشمىسىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇنىڭ ئايكۈل ۋە توقاي يېزىسىدا يېزا باشلىقى، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكومدا دائىمىي ھەيئەت، توقسۇ ناھىيەسىگە مۇئاۋىن سېكرېتار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇدىرى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى ۋە قىزىلبايراق دېھقانچىلىق مەيدانىدا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئۇ 2015-يىلى قىزىلبايارق دېھقانچىلىق مەيدانىدا سېكرېتار بولغان مەزگىلىدە يېزا-ئىگىلىك نازاىرتىنىڭ نازىرى ئەكبەر غوپۇر قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغان. «جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى پېنسىيەگە چىققان نازىر ئەكبەر غوپۇرنىڭ 2019-يىلى تۇتۇلغانلىقى ۋە بۇ يىل 4-ئايدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇدىكى بىر ئالاقىدار خادىم پەرھات ناماننىڭ بىرلا سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى ئاتالمىش «جىنايەتچىلەرگە ھېسداشلىق قىلىش»، «دۆلەت مائارىپىنى كۆزگە ئىلماسلىق» قاتارلىق 5-6 خىل خاتالىق بىلەن تۇتۇلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ جىددىيەكىنىڭ ئۇنىڭ گېرمانىيە سەپىرىدىكى تېلېفون ئالاقىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ پەرھات ناماننىڭ پارتىيە يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش «يامان نىيەتلىك كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ خادىم سۆزلىرىدە پەرھات ناماننىڭ پارتىيەگە خىيانەت قىلغانلىقىنى ئىشارەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن ئەيىبلىمىنى تىلغا ئالمىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەمەلدالىرىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ جازالىشى بىر قىسىم خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن ھەم تەنقىدكە ھەم مەسخىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئىلگىرى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان سابىق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى مەمەت ئابدۇللانىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلكىك» بىلەن ئەمەس، بەلكى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئەسلىدە ئىككى يىل ئاۋۋالقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر نازارەتتتىكى بىر خادىم مەمەت ئابدۇللانىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
پەرھات نامان ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئۇنىڭ ئاتالمىش «جىنايىتى» نىڭ بېكىتىلىپ بولغانلىقى مەلۇم، ئەمما تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئاشكارىلاشقا توغرا كەلسە بۇ ئاتالمىش «جىنايەت» كە قانداق نام بېرىلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
0:00 / 0:00