ئىستانبۇلدا پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ قىسمىتى مۇھاكىمە قىلىندى
2024.07.01
ئىستانبۇلدىكى پروفېل نەشرىياتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 29-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدىكى دۆلەتلىك «رامى كۇتۇپخانىسى» دا «ئارقا كوچىدا پەرھات تۇرسۇن ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يوقالغان ئاۋازلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى ۋە پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلار توغرىسىدا پىكىر-ئانالىز يۈرگۈزۈلدى.
يىغىندا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پىروفېسسور ئەركىن ئەمەت، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈرك شىۋېلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى, دوتسېنت راھىلە قەشقەرلى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سۆز قىلدى ۋە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋە يوقاپ كەتكەن يازغۇچى شائىرلار توغرىسىدا توختالدى.
بۇ يىغىن ئەسلىدە ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق كىتابىنىڭ تۈركچە نەشر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر كىتابنى نەشر قىلغان پروفېل نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، سۆز قىلغۇچىلار، يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «چوڭ شەھەر» توغرىسىدا ئالاھىدە توختالدى.
يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈرك شىۋېلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى راھىلە قەشقەرلى خانىم، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يوقالغان ئاۋازلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق يۈزلەرچە ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدا ئۆزلىرىنى پىدا قىلغان يۈزلەرچە بەلكى مىڭلارچە ئۇيغۇر زىيالىيلار مەۋجۇت»، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان زىيالىيلىرىمىز تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامالدى، ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى، بەزىلىرىنىڭ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ بەزىلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ، بۇلاردىن 435 كىشىنىڭ ئىسىملىرى ئىسپاتلاندى. چۈنكى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خەلق ئارىسىدا تونۇلغان مەشھۇر شەخسلەر بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە تونۇلمىغان ۋە ئىسىملىرى يېزىلمىغان نۇرغۇنلىغان ماگىستىر ۋە دوكتورانتلار ۋە مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان نۇرغۇن زىيالىيلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئېلىنمىدى.»
دوكتور راھىلە قەشقەرلى يەنە مۇنداق دېدى: «پەرھات تۇرسۇن دوكتور ئۇنۋانى ئالغان بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى يازغۇچى ئىدى، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئالدىن ھېس قىلغان ۋە بۇنى ‹چوڭ شەھەر› ناملىق ئەسىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر شەكىلدە بايان قىلغان».
پەرھات تۇرسۇن 22 يېشىدا يېزىپ چىققان «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانىدىكى نامسىز باش قەھرىمان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ بىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ياشلىق دەۋرىدە بولسا خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغا ئوقۇشقا بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى شۇ جايدا ئۆتكۈزگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «ئىدارىدىن ئولتۇراق ئۆي تەقسىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىق» شەرتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى تولىمۇ زېرىكىشلىك بىر ئىدارىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. بۇ روماندا نامسىز قەھرىمان 1990-يىللىرىنىڭ بىر ئاخشىمى سۆرۈن تەلەت چوڭ شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ يۈرىدۇ. شۇ جەرياندا خىزمەت ئورنىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار، بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن خىلۋەتتىكى سەھرا ھاياتى ۋە بۇ ھەقتىكى سېغىنىشلار بىردىنلا ئۇنىڭ يۈرەك-باغرىنى لەختە-لەختە قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېچىنى تاڭغا ئۇلاش ئۈچۈن، بىر خاتىرجەم ماكان ئىزدەپ ئاخىرى ئەقلىدىن ئېزىپ قالىدۇ.
ئىنگلىز ۋە گوللاندىيە تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان بۇ كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت يىغىندا، بۇ كىتاب توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ روماننى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى خۇددى شۇ روماندىكى نامسىز باش قەھرىمانغا ئوخشاش ھېس قىلدىم، چۈنكى ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى مېنىڭ بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان يىللاردا، كېيىن بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان يىللاردا ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتۇم قەشقەرگە قايتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە بېشىمدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرگە ئوخشاش ئىدى. شەھەرگە كىرىپلا ئۆزۈمنى خۇددى ھېچ كىمىم يوقتەك يالغۇزلۇق ھېس قىلاتتىم، ياتسىرايتتىم، چۈنكى ئۇ يەردە خىتايلارنىڭ نوپۇسى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتاتتى ۋە ئۈرۈمچى ئۇيغۇرنىڭ شەھىرىدىن ئۆزگىرىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم، ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدا چەتكە قېقىلىپ ئىككىنچى سىنىپ مۇئامىلىسىگە ئۇچرايتتى، مۇنداقچە ئېيتقاندا پەرھات تۇرسۇننىڭ بۇ رومانى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق تۈرك خەلقلىرىنىڭ تەرجىمانى بولغانىدى».
«ئارقا كوچىلار» دەپ ئاتالغان بۇ كىتابنى نەشر قىلغان ئىستانبۇلدىكى پروفېل نەشرىياتىنىڭ تور بېتىدىكى بۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇشتا 2017-يىلىدىن بۇيان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا شۈبھىلىك بىر شەكىلدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان يازغۇچى پەرھات تۇرسۇنمۇ ئەنە شۇلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 2018-يىلى يوقاپ كېتىپ كېيىن ئۇنىڭغا ھېچ قانداق بىر جىنايەت ئارتىلماستىن 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن».
كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇشىدا مۇنداق يېزىلغان: «پەرھات تۇرسۇننىڭ 1990-يىلى يېزىشقا باشلىغان ‹ئارقا كوچىلار› ناملىق ئەسىرى ھەم تارىخىي پاكىت، ھەم ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغان مىللەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەدەبىي ھېكايىسى. ئۆز يۇرتىدا چەتكە قېقىلىش، ئىجتىمائىي زوراۋانلىق، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچراش، شەھەردىكى يالغۇزلۇق ۋە ياتسىراش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىلغان روماندا پەرھات تۇرسۇن ياش باش پېرسوناژ كوتزېنىڭ سۆزى بىلەن بىزگە، زۇلۇمغا تولغان دۇنيانى ھېس قىلىش تۇيغۇسىنىڭ قاراڭغۇ ۋە شېئىرىي خاتىرىسىنى سۇندى».
يىغىندا پروفېل نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى مەرۋە كار خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇچۇر-ئاخبارات تەرەققىي قىلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئالاقە قىلىش تېزلەشكەن بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمەسلىكى، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھاياتنىڭ داۋاملىشىشى بىزنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىنسانلارنى بۇ ھەقتە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ ئەدەبىيات ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. بىز ئاۋازى قىسىلغانلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بىر نەشرىيات ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەرھات تۇرسۇننىڭ‹ئارقا كوچىلار› ناملىق ئەسىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردۇق. مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىگە بۇ ئەھۋالنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق. شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئۇيغۇر خەلقى تۈركىيە بىلەن قېرىنداشلىق باغلىنىشى بولغان بىر خەلق، كېلىپ چىقىشى ئوخشاش بىر مىللەت شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى داغلىغان بىر يارىدۇر. ھەر كىم ئۆز كەسپى ساھەسىدە بۇ مەسىلە ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشى كېرەك، بىز بىر نەشرىيات ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يازغۇچىلىرىغا ئورۇن بېرىمىز، ئۇلارنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمىز، بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىشنى خالىغانلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە تىرىشىمىز، بۇ كىچىك بىر قەدەم، ئەمما بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇشتا تەسىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەسىرىنى نەشر قىلىش بىز ئۈچۈن قىممەتلىك دەپ قارايمەن».