شائىر پەرھات تۇرسۇن بىلەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ شېئىرلىرى شۋېت ۋە ئەزەربەيجان تىللىرىدا نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

تۈرمىدىكى شائىر پەرھات تۇرسۇننىڭ 15 پارچە شېئىرى بىلەن شىۋېتسىيەدىكى شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن «مېنىڭ ئىسمىم ۋە قارا ئوت» ناملىق شېئىرلار توپلىمى يېقىندا شىۋېت تىلىدا نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ «ئىچىمدىكى مەن» ناملىق شېئىرلار توپلىمى يېقىندا ئەزەربەيجاندا نەشىر قىلىنغان؛ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا شىۋېتسىيە شېئىرلار فېستىۋالىغا يوللىغان 3 پارچە شېئىرى شىۋېت تىلىدا تەييارلانغان بىر شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى، 2024-يىلىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مول-ھوسۇللۇق بىر يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «2024-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ‹ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى› نامىدا پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. شۇ پائالىيەتتە شىۋېتسىيەدىكى ‹نارىن› نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹مېنىڭ ئىسمىم ۋە قارا ئوت› ناملىق شىۋېدچە شېئىرلار توپلىمى تارقىتىلدى. بۇ شېئىرلار توپلىمىغا مېنىڭ 40 پارچا شېئىرىم بىلەن پەرھات تۇرسۇننىڭ 15 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلدى. بۇ كىتابنى نەشرىياتنىڭ تەلىپى بويىچە مەن بىلەن قىزىم بىرلىكتە شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ باستۇرغان ئىدۇق. بۇ شىۋېتسىيەدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدىكى ئىككىنچى كىتاب ھېسابلىنىدۇ.»

شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ 2015-يىلىدىن تارتىپ يازغان 75 شېئىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن شېئىرلار توپلىمى ئامىنە ۋاھىت خانىم تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، ئومجا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىدى. «جىمجىتلىقنىڭ ھېكايىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى يېقىندا ئەزەربەيجان تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. بۇ شېئىرلاردا ئاساسلىقى ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملەر ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى تەشۋىشلىك تۇيغۇلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئاپتور بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەزەربەيجان دۆلەتلىك پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېنىڭ ‹ئىچىمدىكى مەن› ناملىق شېئىرلار توپلىمىمنى تۈركچىدىن ئەزەربەيجان تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلىش مۇراسىمى بولدى. بۇمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھازىرغىچە ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇرچە شېئىرلار تونۇشتۇرۇلغان بىرەر كىتاب نەشر قىلىنىپ باقمىغان ئىكەن. بۇنىڭمۇ تەسىرى زور بولدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ ۋەتەندىكى ۋاقتىدا «تارىم» «تەڭرىتاغ»، «خىتاي مۇسۇلمانلىرى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 350 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ۋە 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان ئىكەن. بۇلاردىن سىرت چەت ئەلدىكى ژۇرناللاردىمۇ بەزى شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئەڭ مۇھىمى يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن شىۋېدچە شېئىرلار توپلىمىدا ئۇنىڭ 3 پارچە شېئىرى بېسىلغان. ئۇ، بۇ توغرىلىق مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلى شىۋېتسىيەدىكى بىر ئەدەبىيات ئورگىنىدىن 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى شىۋېتسىيەدە بىر ئەدەبىيات فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپنامە تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 3 پارچە شېئىرىمنى يوللىدىم. شۇ فېستىۋال بولغان 6-ئاينىڭ 29-كۈنى فېستىۋالغا يوللانغان شېئىرلار ئاساسىدا تۈزۈلگەن بىر شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى. بۇ كىتابقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابقا يەنە ئانا تىلدا يېزىلغان شېئىرلارمۇ كىرگۈزۈلگەن. مېنىڭ شېئىرىمنىڭمۇ 2 پارچىسىنى شىۋېدچە، بىر پارچىسىنى ئۇيغۇرچە بېرىپتۇ. بۇ شېئىرلار توپلامىنىڭ ‹جۈمەك› ئىكەن.»

«جىمجىتلىقنىڭ ھېكايىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ئامىنە ۋاھىت خانىم، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىشىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھەرخىللىرىنىڭ ئىچىدە بەزىلەرنىڭ سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ خىل ئەدەبىي ئىجادىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرىدىن مەخمۇتجان ياسىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پەرھات تۇرسۇننىڭ شېئىرلىرىنىڭ باشقا تىللاغا تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.