2023-يىلى 7-يانۋاردىن باشلاپ نەنسىي پېلوسى (Nancy Pelosi) خانىمنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان كېۋىن ماككارتىي (Kevin McCarthy) سايلامدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان «خىتاي ھەققىدىكى مەخسۇس كومىتېت قۇرۇش» ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى ئالدى. 10-يانۋار كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» رەسمىي قۇرۇلدى. 65 كە قارشى 365 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان قارار مەزكۇر كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشىغا، شۇنىڭدەك ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher)نىڭ بۇ كومىتېتقا رەئىسلىك قىلىشىغا يول ئاچتى. كېۋىن ماككارتىي بۇ قېتىمقى ئاۋاز بېرىشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ «خىتاي كومپارتىيەسىگە ئىشەنچ باغلاشنىڭ دەۋرى كەلمەسكە كەتتى» دېدى.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا كېۋىن ماككارتىي بۇ كومىتېتنىڭ ھەر ئىككى پارتىيە ئورتاق قاتناشقان بىر كومىتېت بولىدىغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسىدىن كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى تەھدىتنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن بەكمۇ ئەجەللىك بولۇۋاتقانلىقى، بۇنداق ئەھۋالدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ نۆۋەتتە ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىدە خىتايدىكى ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنى ئامېرىكا تەۋەسىگە يۆتكەپ كېلىپ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئامېرىكا تەۋەسىدە بەرپا قىلىش، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش، ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن دورا ۋە باشقا ئىستىمال بۇيۇملىرىدا خىتايغا تايىنىپ قېلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش، خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئامېرىكا مائارىپ ساھەسى ۋە باشقا جايلاردا يامرىشىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كومىتېت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ: «بىز دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە خىتايغا تايىنىپ قېلىش ۋەزىيىتىنى ئۆگەرتىشىمىز، نەچچە ترىللىيون ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خىتايغا ئېقىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا سەرپ بولۇشىنى توسۇپ قېلىشىمىز لازىم. چۈنكى بىز ئىقتىسادىي جەھەتتە قانچە قۇدرەتلىك بولساق ھەرقايسى جەھەتتە شۇنچە بىخەتەر بولىمىز» دەپ كۆرسىتىلدى.
«سىياسىيون» گېزىتىنىڭ 10-يانۋاردىكى ئوبزور ماقالىسىدا بۇ يېڭى ئىلگىرىلەشنىڭ ئەمىلىيەتتە بايدېن ھۆكۈمىتى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «خىتاي ئەمىلىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم تەھدىتلەرنىڭ بىرى» دېگەن قاراشنىڭ رېئاللىقتىكى ئىنكاسلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە شەرھىلىنىدۇ. بولۇپمۇ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى زور ئىقتىسادىي گەۋدە، دەپ قارىلىۋاتقان خىتاينىڭ ھەر جەھەتتىن ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە تېگىشلىك تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقى، شۇ قاتاردا خىتاينىڭ تېزدىن ئارمىيىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرىۋاتقانلىقى، بۇ خىل تىرىشچانلىقنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنكاسى دەل مۇشۇ كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكى ئوبزوردا ئالاھىدە يەر ئالىدۇ. ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، كومىتېت رەئىسى مايك گاللاگېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ھازىربىز دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇپ يېتىدىغان پەيت كەلدى. بەزى ئاچقۇچلۇق ساھەدە خىتايغا تايىنىپ قېلىشىمىزغا خاتىمە بېرىشنىڭمۇ ۋاقتى كەلدى» دېگەن.
كېۋىن ماككارتىينىڭ بۇ سۆزلىرىدە قانداق قىلىپ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك مەملىكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىكى بىر قاتار ئىستراتېگىيەلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك «فوكس خەۋەرلىرى تورى» دا ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا تېخىمۇ تەپسىلى بايان قىلىنغانىدى. كېۋىن ماككارتىي بىلەن مايك گاللاگېرنىڭ ئورتاق ئىمزاسىدا 2022-يىلى 8-دېكابىردا ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا خىتايغا ئىقتىساد ۋە ھەربىي ساھەلەر بويىچە تاقابىل تۇرۇش نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسى بىر قوللۇق رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت ئىكەنلىكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىشىنىپ كەلگەن «خىتاينى خەلقئارا سىستېمىغا ئېلىپ كىرگەندە ئۇلار خەلقئارادىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلىدۇ» دەيدىغان قاراشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى، ھازىر خىتاينىڭ خەلقئارادا ھاكىممۇتلەقلىق، زوراۋانلىق ۋە ئىدىئولوگىيەلىك كونترول قىلىشنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەل مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە كومىتېت قۇرۇش لازىملىقى شەرھىلەنگەن. ئوبزوردا ئۇلار ئېنىق قىلىپ «بۇ بىر مەيدان يېڭى سوغۇق ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇشتا يېڭىمىز دېسەك بىز جەزمەن خىتايغا قارشى قاتتىق سىياسەت قوللىنىشىمىز لازىم» دېيىلگەنىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ قۇرۇلۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى خۇرسەن قىلغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى مەلۇم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۇنىڭ ئاددىيلا بىر كومىتېت قۇرۇش ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئاق ساراي ئىجرا قىلىۋاتقان تاشقى سىياسەت ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن بىر قېتىملىق تارىخىي بۇرۇلۇشنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. .
مەلۇم بولۇشىچە، «ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر، يېقىنقى مەزگىللەردە دورىگەرلىك ساھەسىدىكى مونوپوللۇقنى خىتايدىن قايتۇرۇپ كېلىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنىدى.