تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شائىر ئابدۇرېھىم پاراچ، 1997 -يىلى پەيزىۋاتتا يۈز بەرگەن بىر ئاتالمىش ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەتكە باغلىنىپ 3 يىللىق كېسىۋېتىلگەن، 2009 -يىلى، «ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دەپ ئەيىبلىنىپ 30 كۈنلۈك مەمۇرى جازاغا ئۇچرىغان. بۇ چاغدا ئۇ، تونۇش بىر ساقچى باشلىقىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن پەيزىۋاتتىكى ئالمىلىق جازا لاگېرىدا، ئاتالمىش يەڭگىل ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تۆۋەندە ئابدۇرېھىم پاراچنىڭ ئەنە شۇ «ئەتىۋارلىق» كۈنلىرىدە باشتىن كەچۈرگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.

سوئال: ئەسلى تېمىمىزغا قايتىپ كېلەيلى، شۇ ئالمىلىق جازا لاگېرىغا سىزنى كىم ئېلىپ باردى؟
جاۋاب: ئابلىكىم دەپ ئاكتىپ بىر سوجاڭ كەلگەنىكەن، شۇ كىشى مېنى ئۆزىگە تارتماقچى بولدى ۋە ئالمىلىق لاگېرىغا ماشىنىسىدا ئۆزى ئېلىپ باردى....
سوئال: ئۇ كىشى سىزنى ئۆزىگە تارتماقچى بولغاندا قايسى خىل شەكىلدە ھەرىكەت قىلدى؟
جاۋاب: ئۇ يەرنىڭ باشلىقى بىر خىتايكەن، مېنى شۇنىڭغا «بۇ بىزنىڭ ئادەم، بۇنى ئېغىر ئىشلارغا سالما» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مېنى قورۇنىڭ سىرتىدىكى قوتانغا ئورۇنلاشتۇردى.
سوئال: تۇرغان يېرىڭىزنى نېمە ئۈچۈن قوتان دەيسىز؟
جاۋاب: ئۇ يەردە 20 دەك بۇغا، 4-5 كېيىك، 200 چە قوي ۋە 100 دەك كالا بار ئىدى، ھەر كۈنى سەھەردە سىرتتىن ئوت چۆپ ئوراپ ياكى يۇلۇپ ئەكېلىپ بۇغا ۋە كىيىكلەرگە تاشلاپ بېرىمەن، ئاندىن قوي ۋە كالىلارنى ھەيدەپ چىقىپ ئەتراپتىكى ئوتلاقتا باقىمەن.
سوئال: ئۇ چارۋا ماللار قاماقخانىنىڭ چىقىمى ياكى ئاشخانىسىغا ئىشلىتىلەمدۇ ياكى باشقا ئالاھىدە ئىشلىتىدىغان يېرى بارمىكەن؟ بۇنىڭدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ؟
جاۋاب: بۇ پەقەت پەيزىۋات ساقچى ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئالمىلىق باغقا كېلىپ زىياپەت قىلىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ گۆش ئېھتىياجى ئۈچۈن بېقىلىدىكەن.
سوئال: قوتاندا قوي-كالىلار بىلەن بىللە ياتتىڭىزمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، شۇ قوتاننىڭ ئىچىدە ئايرىم كىچىك بىر قورشالغان يەر بار، شۇ يەردە ياتتىم.
سوئال: بۇ سىزنىڭ ئەتىۋارلانغان چاغدىكى ئورنىڭىز شۇنداقمۇ؟
جاۋاب:. شۇنداق، قوتاندىكى ۋاقتىمدا ساقچىلار پەقەت ئارىلاپ مېنى تەكشۈرۈپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ، قالغان ۋاقىتلاردا ساقچىلار بېشىمدا يوق.
سوئال: شۇ قوي-كالىلار بىلەن بىللە ئۆتكەن ۋاقتىڭىزدا ساقچىلار يېنىڭىزدا تۇرغان ۋاقىتقا قارىغاندا ئۆزىڭىزنى راھەت ھېس قىلدىڭىز، شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: ھەئە. ئۇزۇن ئۆتمەي كۆزىگە شۇ يەردىكى بىر خىتاينىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالدىممۇ، مېنى يەنە قورۇنىڭ ئىچىگە ئەكىرىۋەتتى، ئۇ يەردە 4 كۈن تۇردۇم. ئىككىنچى كۈنى يوقلىما ئۈچۈن سەپكە تۇرغىنىمىزدا، قاماقخانا باشلىقى مېنى تونۇپ قالدى ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ يەنە قورۇدىن چىقىرىپ، سۇ تۇتۇشقا ئورۇنلاشتۇردى…
سوئال: بۇ يەڭگىل ئىشمۇ؟
جاۋاب: يەڭگىل دەپ كەتكىنى بولمايدۇ، 24 سائەت سۇ ياقىلايدىغان گەپ، ئۇيقۇم كەلگەندە ئېرىقنىڭ قىرىغا بېشىمنى قويۇپ ئازراق ئۇخلىۋالىمەن، بەزىدە چۆلدىكى بۇ قاراڭغۇلۇقتىن قورقىمەن… ئەمما بېشىمدا ساقچى يوق.
سوئال: شۇ يۇيۇنۇش ئىمكانىڭلار بولدىمۇ؟
جاۋاب: ياق، تۇرۇبا بار، يۈز-كۆزۈمىزنىلا يۇيالايمىز.
سوئال: يۇيۇنماسلىق ۋە ئادەم كۆپلۈكىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر كېسەل ياكى ئاغرىق-سىلاق ئەھۋالى كۆرۈلمەمدىكەن؟
جاۋاب: قاتتىق ئىشلىگەچكە يەنى ھەرىكەت قىلىپ تۇرغاچقىمۇ، ئاغرىق سىلاقمۇ بەك بولۇپ كەتمەيدىغان ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىژ-پىژ ئاپتاپتا ئىشلەيمىز. بەلكىم، مەن قىسقا تۇرغاچقا، كېسەل بولغاننى كۆرمىدىم.
سوئال: شۇ 20 كۈندە، سىز شاھىت بولغان بىرەر ئۆلۈم ھادىسىسى بولدىمۇ، ئالمىلىق جازا لاگېرىدا؟
جاۋاب: دېگىنىمدەك قىسقا تۇرغاچقا ئۇچراتمىدىم، ئەمما ئۇ يەردە بولۇۋاتقان قىيىن-قىستاق، تاياق-توقماقلارنى ئويلىسام، چوقۇم يىلدا كۆپ قېتىم يۈز بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئۇ يەردە بىر ساقچى بىر تۇتقۇننى ئۇرسا «بولدى قىل، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتىڭ» دەيدىغان ۋە دېيەلەيدىغان بىر ئادەم يوق، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسىمۇ سۈرۈشتە قىلىدىغان ئادەم ۋە ئورگان يوق…