نورۋېگىيەدە چاقىرىلغان «دۇنيا پىكىر ئەركىنلىكى مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مۇھىم تېما بولدى
2024.05.29

ھەر يىلى بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان «دۇنيا پىكىر ئەركىنلىكى مۇنبىرى» 27-ماي كۈنى، نورۋېگىيەنىڭ «ئۆتويا» ئارىلىدا «ئۆتويا»، «خەلقئارا پىكىر ئەركىنلىكى كومىتېتى» ۋە «پەن نورۋېگىيە» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش سۆزىنى سۆزلىگەن مۇنبەر ئىجرائىيە مۇدىرى كرىستېن ئېينارسون؛ «بۈگۈنكى دۇنيا ئىنسانلار ئارا، ئورگانلار ۋە تاراتقۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ كىرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋالدا پىكىر ئەركىنلىكى-ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دېموكراتىيەنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاچقۇچى» دەپ تەكىتلەپ، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ شەخسلەر بىلەن ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائىي ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ھەم ئاشكارىلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئەركىن پىكىر بايان قىلىشقا قارىتا دىكتاتورىلىق، مۇستەبىتلىك، ئىنسانلارنىڭ پىكرى، جىسمانىي ھوقۇقىغا قارىتا تاجاۋۇزنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
بۇ ھەقتە، نورۋېگىيەدە ياشايدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، بۇ يىلقى «دۇنيا پىكىر ئەركىنلىكى مۇنبىرى» دە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى، ئۇرۇش، ئەقلىي ئىدراكنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن كېلىپ چىققان ئەندىشىلەر، قۇتۇپلىشىش ۋە دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ ئۇچۇر كونتروللۇقىنىڭ كۈچىيىشى دېگەنلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىلار بولغانلىقى ۋە بۇ مۇنبەرنىڭ ئۆتويا ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.
بۇ مۇنبەرگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، زۇمرەتئاي ئەركىن 27-ماي كۈنى بۇ مۇنبەردە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرغان.
بۇ مۇنبەردە 28-ماي سۆز قىلغان زۇمرەتئاي ئەركىن، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا دېموكراتىيە، پىكىر ئەركىنلىكى دېگەن بىر ئۇقۇمنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، دېموكراتىيەنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزى كۆچمەن بولۇپ چىققان كاناداغا كېلىپ ئاندىن بىلگەنلىكىنى» تەكىتلىگەن. ئۇ، كرىستېن ئېينارسون ئوتتۇرىغا قويغاندەك، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقىنىنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشقا قارىتا دىكتاتورىلىق، مۇستەبىتلىك، ئىنسانلارنىڭ پىكرى ئەركىنلىكى، جىسمانىي ھۆرلۈكىگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق قىلىشتۇر»، دەپ شەرھلىگەن.
بۇ قېتىمقى مۇنبەردە يەنە، يەرشارى دېموكراتىيەسىنىڭ چېكىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟-دېگەن تېمىدا بەس مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان، بۇنىڭغا دۇنيانىڭ پەرقلىق جايلىرىدىن كەلگەن 70 ئارتۇق سىياسىي پائالىيەتچى ۋە دىپلوماتلار، ھەر قايسى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى دېموكراتىك پارتىيەلەرنىڭ ياش ئەزالىرى قاتناشقان. 29-ماي كۈنى ئەتىگەندىكى پائالىيەتكە مىڭغا يېقىن ياش قاتناشقان بولۇپ، 50 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 70 تىن ئارتۇق ياش مۇتەخەسسىس نۇتۇق سۆزلىگەن.
سەمەت ئابلا يەنە، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئۆتويا ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە زۇمرەتئاينىڭ تەكلىپ قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى دىكتاتور دۆلەتلەر، جۈملىدىن خىتايدەك پىكىر ئەركىنلىكى يوق دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بېرىلگەن بىر سىگنال» دېدى.
بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئوتويا ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئالاھىدە سەۋەبى، 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، نورۋېگىيەلىك بىر رادىكال مىللەتچى ئارالغا يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە كەلگەن، نورۋېگىيە لىبېرال پارتىيەسىدىكى 60 دىن ئارتۇق ياشنى قىرغىن قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقە دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ھەم «ئوتويا» نامىدا فىلىم قىلىپمۇ ئىشلەنگەنىدى. بۇ سەۋەبتىن نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئارالنى ئىنسانىيەتنىڭ باراۋەرلىكى، دېموكراتىيە، پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مەخسۇس بىر سەھنىگە ئايلاندۇرغان.