نۆۋەتتە، PVC پلاستىك پول كاھىشلىرى ئامېرىكا، كانادا ۋە باشقا ئىقتىسادى بار دۆلەتلەردە ئىنتايىن بازارلىق بولغان قۇرۇلۇش ماتېرىيالىدۇر. ئامېرىكادىكى Home Depot قاتارلىق زەنجىرسىمان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكانلىرىدا سېتىلىدىغان بۇ خىل ئاتالمىش «ئالىي دەرىجىلىك پول كاھىشلىرى» ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆيىنىڭ پولىنى ئەرزان باھادا ئالماشتۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ كەلگەنىدى. لېكىن ئەنگلىيەدىكى ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېنىدىي خەلقئارا ئادالەت مەركىزى بىلەن ئامېرىكادىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىمپورت قىلىنغان PVC پلاستىك پول كاھىشلىرىغىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارىلاشقانىكەن.
بۇ مەركەزنىڭ ئامېرىكانىڭ مەيىن شتاتىدىكى ماتېرىيال تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ تەييارلىغان «باستۇرۇش ئۈستىگە بىنا قىلىش» ناملىق دوكلاتىدا، PVC پلاستىك كاھىش سانائىتىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغانلىقى ۋە بۇ مەھسۇلاتنىڭ تارماق شىركەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكاغا قانداق كىرگەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلگەن «شىنجاڭ جوڭتەي خىمىيە شىركىتى» بىلەن «شىنجاڭ تيەنيې شىركىتى» ھالقىلىق يول ئوينىغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان PVC پول كاھىشلىرى دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىلغان PVC مەھسۇلاتلىرىنىڭ خېلى زور سالمىقىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، بۇ شىركەتلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى ۋىيېتنام ئارقىلىق ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ھېلېنا كىنىدىي مەركىزىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان تەتقىقاتچىسى نيۇرىللا ئەلىما 29-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەتتە ئورۇندا PVC پلاستىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بار بولۇپ، بۇ يەتتە زاۋۇت دۇنيادىكى PVC مەھسۇلاتىنىڭ 10 پىرسەنتىنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن.
نيۇرىللا ئەلىما مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادىكى شىركەتلەر ساتىدىغان پول كاھىشلىرى ۋېيتنامدىكى غايەت چوڭ بىر زاۋۇتتا قاچىلىنىدۇ. ‹جۈفېڭ يېڭى ماتېرىياللىرى› ناملىق بۇ زاۋۇت خىتاي شىركىتىنىڭ بىر تارمىقى. بۇ خىل پلاستىك پول كاھىشلىرىنىڭ بەزىلىرىگە مۇھىتقا زىيانلىق ئەمەس، دەپ بەلگە قويۇلغان. بۇ مەھسۇلات ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرىغا ۋېيتنامدا ئىشلەپچىرىلغان، دەپ تونۇشتۇرۇلسىمۇ، بىراق بۇ شىركەت ئىشلەتكەن مۇتلەق كۆپ قىسىم PVC ماتېرىيالى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان. جۈفېڭ، جوڭتەي شىركىتىنىڭ PVC مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدۇ. ھالبۇكى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى جوڭتەي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 4 زاۋۇتى بار. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەنە بىر شىركەت بولغان «شىنجاڭ تيەنيې» دۇنيادىكى 2-چوڭ PVC ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى. بۇلارنى يىغىنچاقلىساق ئۇيغۇرلار دىيارىدا جەمئىي يەتتە PVC ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بار بولۇپ، بۇلار دۇنيا PVC مەھسۇلاتىنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.»
نيۇرىللا ئەلىمانىڭ ئېيتىشىچە، تەتقىقات گۇرۇپپىسى PVC پول كاھىشلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقىنى ئېنىقلاشتا ئىشنى ئاۋسترالىيەدىن باشلىغان. ئۇلار ئاۋسترالىيەگە ئىمپورت قىلىنغان PVC مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، بۇ ماتېرىياللارنى شىنجاڭ جوڭتەي شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقارغانلىقى، ھالبۇكى بۇ شىركەتنىڭ رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىغا ئائىت دەلىللەرگە ئېرىشكەن.
نيۇرىللا ئەلىما: «بىز ئالدى بىلەن ئاۋسترالىيەدىكى PVC مەھسۇلاتلىرىغا قارىدۇق. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ماتېرىياللىرىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن بىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق رايوندىكى يەتتە ئورۇندا PVC ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بارلىقى، بۇ زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى دۇنيادىكى PVC مەھسۇلاتلىرىنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بايقىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭغا جىددىي قاراپ، بۇنى تەكشۈرۈشكە كىرىشتۇق. نەتىجىدە، بىز بۇ شىركەتلەرنى تاپتۇق، جوڭتەينىڭ رايوندىكى ‹ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى›نى ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقى بايقىدۇق. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنچىلىك كۆپ PVC مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلسا، بۇ نەگە بارىدۇ، دېگەن سوئال تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئىز قوغلاش ئارقىلىق ئوچۇق مەنبەلەردىن ۋە بۇ شىركەتنىڭ دوكلاتلىرىدىن، شۇنداقلا ئىمپورت-ئېكسپورت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەزكۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىنىڭ قانداق قىلىپ ئامېرىكا بازىرىغا كىرگەنلىكىنى ئېنىقلىدۇق.»
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا 2019-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى پارتلاپ، پۈتۈن زاۋۇت-كارخانىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تاقالغان بولسىمۇ، بىراق «شىنجاڭ جوڭتەي خىمىيە شىركىتى» ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتمىغان. دوكلاتتا، مەزكۇر شىركەتنىڭ يۇقۇم ئەۋجىگە چىققان بىر ۋاقىتتا، خوتەندىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئىشلەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پروگراممىسىغا ئاساسەن 5500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئىشلەتكەنلىكى، بۇ پروگراممىنىڭ قۇللار ئەمگىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يېقىندىن بېرى ئاشكارىلىنىۋاتقان دوكلات ۋە ھۆججەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا تۈزۈملەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تېخىمۇ تەقەززا قىلماقتىكەن. دۇنيا قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كوئېن ستۇپ مۇنداق دەيدۇ: «يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش› نامىدا يولغا قويغان سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە سادىر قىلىپ كەلگەن قىلمىشلىرىنى تۈزۈملەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. شۇڭا، ھەرقانداق تەكشۈرۈشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىش، ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشلەۋاتقان-ئىشلىمەيۋاتقانلىقى ياكى مائاش بېرىلىدىغان-بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاشنى تېخىمۇ زۆرۈر قىلماقتا.»
كوئېن ستۇپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن سۆزلىشىش ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەن. كوئېن ستۇپ: «شۇڭا، بىزنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە زورلىنىشى ياكى بۇنىڭدا باشقا مەقسەتلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى چۈشىنىشىمىز ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئەركىن سۆزلەشكە ئېرىشسە خىتاي ھېچنېمىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ» دېدى.
لېكىن ھېلېننا كىنىدىي مەركىزىدىكى تەتقىقاتچى نيۇرىللا ئەلىمانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ PVC زاۋۇتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ كونكرېت ئەمگەك شارائىتىغا دائىر تەپسىلاتلارغا ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ زاۋۇتلاردىكى خىمىيەلىك بۇلغىنىش ۋە مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقىغان. نيۇرىللا ئەلىما مۇنداق دېدى: «مەن بۇ زاۋۇتلاردىكى ئىشچىلارنىڭ كونكرېت خىزمەت شارائىتىنى بىلمەيمەن. چۈنكى، بىز ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، ئىشچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەمگەك شارائىتى توغرىسىدا سۆزلىشىپ باقمىدۇق. بىراق بىزنىڭ مۇھىت مۇتەخەسسىسىمىز جىم، ئۇ بىزنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى يازغان 2-ئاپتور. ئۇ 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى بۇ خىل خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇغۇنچىلىقىنى تەتقىق قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر رايونىدا ئېغىر مەسىلە بار ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇلغىنىشتەك بۇلغىنىشنى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان. بىز بۇ توغرىلىق دوكلاتىمىزنىڭ بىر بابىدا مەخسۇس توختالدۇق.»
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى PVC ئىشلەپچىقىرىشىدا سىماپنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئىشلىتىش ئامېرىكادىكى PVC ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدا توختىتىلغانىكەن. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ زاۋۇت يېنىدىكى ياتاقلاردا تۇرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنىغا ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ئۆزى مەسئۇل ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن جىم ۋاللېتنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «دۆلەت ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلىۋاتقان ۋە بۇنىڭ تەسىرىنى ھېسابقا ئالمايدىغان بۇ كۆلەمدىكى بىر شارائىتتا، نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. يەرشارىدا ھاۋا كىلىماتى ۋە زەھەرلىك بۇلغىنىش بىرىككەن، ئىشچىلار ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى 24 سائەت ياشايدىغان ئۇنىڭغا ئوخشاش جاي يوق» دېيىلگەن.