پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسىغا تايىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئاياللارنىڭ كۆپىيىشى سوئال پەيدا قىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشلىرىنىڭ خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتاينىڭ قەبىھ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشى ئىدى.

رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا دەلىللىشىچە، 2017-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار» غا زەربە بېرىشنى باشلىغان، پىلاندىن «ئارتۇق تۇغقانلار» نى مەلۇم قىلغانلارنى مۇكاپاتلىغان. «پىلاندىن ئارتۇق تۇغقان» ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى، مەيلى ئۇ بالىسى قانچە ياشقا كىرگەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر جازالاشقا باشلىغان، ئاياللارغا تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سېلىش، تۇخۇمدان نەيچىسىنى بوغۇش قاتارلىق تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغانىدى.

چەتئەللەرگە چىقالىغان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرغا كىرگەن ھەرقانداق قىز-ئاياللارنىڭ مەيلى توي قىلسۇن-قىلمىسۇن، تۇغۇت چەكلەش دورىلىرىنى ئىچىشكە مەجبۇرلانغان ۋە شۇ سەۋەبلىك تۇغۇت ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان.

«كومۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ 2021-يىلى ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل» تېمىسىدىكى دوكلاتىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەرەزلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تەبىئىي كۆپىيىشتىن چەكلەۋاتقانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى مۇشۇ تەرىقىدە داۋام قىلسا، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، 2040-يىلىغا بارغاندا تۆت مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ كېمىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئادرىيان زېنز مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» نامىدا تۇغۇت چەكلەش ۋە ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى مەقسەتلىك ئازايتىش سىياسىتىنى «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغانىدى.

ئامېرىكىدىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ يېقىندا رادىيومىزغا تەمىنلىگەن بەزى يىپ ئۇچلىرىدىن، ياش ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ خىتايغا تەگكەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ھامىلە بولغانلىقى، ئىلگىرى تۇخۇمدان نەيچىسىنى بوغۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغانلىقى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بالىلىق بولۇشتىن ئۈمىد قالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە مۇشۇنىڭدىن باشقا تاللاش يولى قالمىغانلىقى مەلۇم بولغان.

خىتاينىڭ دوۋيىن، خاۋكەن قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى»، «ئۇيغۇر، خىتاي تويلىشىش»، «خىتاي دادا، ئۇيغۇر ئانىنىڭ بالىسى» دېگەندەك تېمىلاردىكى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تارقىلىۋاتقان بۇ خىل ۋىدىيولار خېلىلا كۆپ بولۇپ، بۇلارنى تارقىتىۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن خىتايغا تەگكەن ئۇيغۇر ئاياللار ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

زۇمرەت داۋۇتتىن، بۇ خىل ۋىدىيولارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئېيتقاندا، نېمىلەردىن بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. زۇمرەت «مانا بۇ خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە ھەر قانداق ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىنىڭ، ئەڭ ئاز بىر قېتىمدىن لاگېرغا كىرىپ چىققانلىقىنى، ئۇ يەردە تۇغۇت چەكلەش دورىلىرىنى مەجبۇرىي ئىچكەنلىكىنى، شۇنداقلا بالا تۇغقان-تۇغمىغىنىغا قارىماي ئۇلارنى تۇغماس قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك» دەيدۇ.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت-2018 يىلى ئىككى ئايدىن ئارتۇق لاگېردا يېتىپ چىققىنىدا، ئۈرۈمچىدىكى مەھەللە كومىتېتى تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا مەجبۇرىي ئاپىرىلىپ، تۇخۇمدان نەيچىسىنى بوغۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇلغان. يەنى بۇ ئازابلىق ئوپېراتسىيە ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك بالىلىق بولالماسلىقىنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. زۇمرەت ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىن كۆپ قېتىم داۋالانغان بولسىمۇ شۇ قېتىملىق مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئازابلىرىنى تا ھازىرغىچە تارتىپ كەلمەكتە ئىدى.

زۇمرەت بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى شالغۇتلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۇغماس ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بۇ خىل سۈنئىي ئۇسۇللاردا بالىلىق بولۇشقا ئىلھاملاندۇرماقتا ئىكەن.

بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان مەخسۇس پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش ۋە بوغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان ئاياللارغا تۇخۇمدان نەيچىسىنى ئېچىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەلەرنى قىلىۋاتقان «شىنجاڭ ئۈرۈمچى دورىگەرلىك گۇرۇھى تارماق دوختۇرخانىسى» بىلەن ئالاقىلىشىپ تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

دوختۇرخانىنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفونى ئۇلىنىشىغىلا، ئۇلارنىڭ 2 مىنۇتقا سوزۇلغان ئېلانى ئاڭلاندى. ئېلاندىن قارىغاندا، بۇ دوختۇرخانا قۇرۇلغان يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان يۇقىرى تېخنىكىلارنى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنى كىرگۈزۈپ، تۇخۇمدان نەيچىسىنى ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى ۋە، پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسىدا «ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىمارلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلانغان».

دوختۇرخانىنىڭ بىر ئىشخانا خادىمى، سىكانېر ئارقىلىق پۇل تۆلەنمىگەن بولسا دوختۇر ياكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىۋاسىتە مەسلىھەت بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇ خىل ئوپېراتسىيەلەرنى قىلدۇرغان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ سانى، شەرتى دېگەندەك سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىمارلارغا قانداق شارائىت ئاستىدا پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلىدىغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۇخۇمدان نەيچىسى بوغۇۋېتىلگەن ئاياللارغا ئالدى بىلەن نەيچىنى ئۇلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بار-يوقلۇقى ھەققىدە دىياگنوز قويۇلىدىكەن. ئەگەر مۇمكىن بولسا، نەيچىنى ئۇلاپ تەبىئىي ھامىلىدار بولۇش داۋالىشى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئەگەر تۇخۇمدان نەيچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىسا، ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش ئامالىنى قوللىنىدىكەن.

ئۇنىڭدىن «تۇخۇمدان نەيچىسىنى ئۇلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەمدە پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىگە قانچە پۇل كېتىدۇ؟ قانداق ماتېرىياللارنى تەمىنلەش كېرەك؟» دەپ سورىدۇق، ئۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلەيدىغان، سۇغۇرتا ۋە داۋالىنىش چىقىملىرى توغرۇلۇق مەسلىھەت بەرگۈچى خادىمغا تېلېفونىمىزنى ئۇلاپ بەردى.

ليۇ دوختۇر بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئوپېراتسىيەگە قانچە چىقىم كېتىدىغانلىقىنى سورىماقچى بولسىڭىز، قىسقىچىلا دەپ بېرەي، ھازىرقى ئىلغار تېخنىكىدا تۇخۇمدان نەيچىسىنى ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى تېخىمۇ ئاددىيلىشىپ كەتتى، بىرىنچىسى قورساقتىن بىر قانچە كىچىك تۆشۈك ئېچىپلا، نەيچە كىرگۈزۈپ، چىگىلگەن توسۇقنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئىككىنچى ئۇسۇل، قورساقنى ئېچىپ ئوپېراتسىيە قىلىش، ئۇنىڭدا نەيچىنى ئۇلاپ راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق داۋالاپ ھامىلە بولۇشىغا ئىمكان يارىتىش. بۇلارغا ئادەتتە 10 مىڭدىن 15 مىڭ يۈەنگىچە كېتىدۇ. بۇ ئاماللار ئاقمىغاندا، پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىمىز. ئۇنىڭ باھاسى بىمارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.»

بىز «بوغۇش ئوپېراتسىيەسى» دېيىلىدىغان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى، يەنى مېدىتسىنادا ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بوغۇش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ جەريانى، شۇنداقلا پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈشنىڭ، پەرزەنتلىك بولۇش ئىستىكىدىكى ئاياللارغا قانداق شەرتلەر ئاستىدا قوللىنىلىدىغان داۋالاش تېخنىكىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىقراق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، تۈركىيەدە ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئاياللار كېسەللىرىنى داۋالاشتا تەجرىبىلىك تېۋىپ شەمشىنۇر ئابدۇغوپۇر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. شەمشىنۇر خانىم يېقىنقى يىللاردا، خىتاينىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ پەرزەنتلىك بولالمىغان بىر قانچە ئۇيغۇر ئايالنىڭ تۇخۇمدان نەيچىسىنى ئۇلاش ئوپېراتسىيەلىرىگە قاتنىشىش ۋە داۋالاش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئەھۋالىدىن بايقىغانلىرىنى ۋە بۇ ھەقتىكى ئانالىزىنى ئورتاقلاشتى.

شەمشىنۇر خانىم يەنە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقىلىۋاتقان پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئاياللارنىڭ كۈپ بولۇشىنىڭ ئىنتايىن گۇمانلىق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «دورىلار بىلەن زەھەرلەپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ گېن ئۆزگەرتىش، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى خىتايلاشتۇرۇۋېتىش تېخنىكىسى ئۈچۈن تەجرىبە قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەمشىنۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ياش ئاياللىرىنىڭ پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈشنى تاللىشى ئۇلارنىڭ ئۆزىلا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر تاللاش ئىكەن.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قەبىھ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن خىتاينىڭ، يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ خىتايلارنى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا، 2 ھەتتا 3 بالا ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرچە تورلىرىدىمۇ ئاشكارا تەرغىب قىلماقتا.

خىتاي يەنە تەبىئىي كۆپىيىش ئىقتىدارىدىن قالغانلارغىمۇ پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنى ئۇيغۇر ئېلىدە كېڭەيتىش ئۈچۈن پىروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈشنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش سۇغۇرتا ئىدارىسى تورىنىڭ يېقىندا تارقاتقان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، دائىرىلەر ھۆججەت تارقىتىپ، ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتا فوندىنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسىگە 125 يېڭى دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈرىنى قوشقان، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش ياردەملىرى بېرىلىدىغان كۆپىيىش تېخنىكىسى تۈرىمۇ بار ئىكەن.

2025-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قەدەمدە كۆپىيىش تېخنىكىسى تۈرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇقلىمىسىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، تۆلەم دائىرىسىگە كىرگەن كونكرېت تۈرلەر: بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلىش، تۇخۇمدان نەيچىسىنى يۇقىرى بېسىملىق دولقۇن ئارقىلىق تەكشۈرۈش، ئىسپېرما DNA سىستېمىسى قاتارلىقلار ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش سىياسىتى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ قىلمىش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارىلىپ، كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەبىھ سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي سەھىيە تەشكىلاتلىرىغا «يەر شارى ماگنىتىسكى قانۇنى» بويىچە ئورتاق جازا قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.