مايك پومپېيو: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر دۇنياسىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشى چېكىگە يەتتى!»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى يىرىكلىشىپ بېرىشى بىلەن نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «دىپلوماتىيە ئۇرۇشى» مۇ يېڭى تېمىلار بويىچە داۋام قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ 5-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سۆزلىگەن نۇتقىنى بۇ ھالنىڭ ئەڭ تىپىك ئىنكاسى، دېيىشكە بولىدۇ.

مايك پومپېيو ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئەركىن دۇنيا ئۈچۈن قانداق بىر تەھدىتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇنىڭ بۇ قەدەمنى ئىچكى قىسىمدىن باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىكى ئەڭ دەسلەپكى قۇربان بەرگۈچىلەر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. مايك پومپېيونىڭ پىكرىچە، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن تېخى يېقىندا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھەقلەرنى دەپسەندە قىلغۇچى شەخسلەر ۋە مۇئەسسەسىلەرگە «يەر شارى ماگېنتىسكى قانۇنى» بويىچە جازا بەرگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ قېتىمقى نۇتقىدا ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەسىدىكى زورلۇق ھەرىكەتلىرى بولدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئىغۋاگەرچىلىكىدىن باشقا نۆۋەتتە خىتاي بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ بۇ جايلاردا زورلۇق بىلەن بېلىق تۇتۇشى بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە يېڭى تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

مايك پومپېيونىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكى ھازىر بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەستىن ئامېرىكانى يېڭى نىشان قىلغان ھالدا ئۇچۇر دۇنياسىنى بويلاپ كېڭەيمەكتە ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى سۆزلەپ كېلىپ نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «پاكىز تور بوشلۇقى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاللىقاچان «ئىشەنچسىز» دەپ بېكىتىلگەن «تىك-توك» (دۇيىن)، «ئۈندىدار» قاتارلىقلارنى ئەپ ماگىزىنلىرىدىن يوقىتىش بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم قەدەم ئىكەن. چۈنكى بۇ ئەپلەر ئامېرىكا خەلقىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئالىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا ئىكەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلۇت تېخنىكىسى ئارقىلىق تەمىن ئەتكەن تور بوشلۇقىدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇچۇرلارنى ساقلىشى ۋە بىر ياقلىق قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن بىر قاتار جىددىي تەدبىرلەرنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى نۇتۇقتا ئالاھىدە مۇھىم ئۇرۇن ئىگىلىگەن «تىك-توك» 2017-يىلى تارقىتىلغاندىن باشلاپ قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە ئامېرىكادا شىددەت بىلەن كېڭەيگەن ھەمدە شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغان. نۆۋەتتە مىكروسوفت شىركىتى مەزكۇر ئەپنى 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى سودا سۆھبىتى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن. ناۋادا بۇ سودا بۇ يىل 15-سېنتەبىرگە قەدەر ئىشقا ئاشمىسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئەپنى ئامېرىكادا مەنئى قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىدىكەن. چۈنكى بۇ ئەپمۇ خۇاۋېي، جوڭشىڭ (ZTE) قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان شىركەتلەرگە ئوخشاش ئامېرىكانىڭ ئۇچۇر دۇنياسى ئۈچۈن يېڭى تەھدىتلەرنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

مايك پومپېيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇچۇر بوشلۇقىدىكى بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە تور بىخەتەرلىكى بويىچە بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ 5گ تېخنىكىسى ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى تور ئالاقىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پاكىز «ئەپ دۇكىنى» بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئەلى بابا، تېڭشۈن، بەيدۇ قاتارلىقلارنىڭ تور بوشلۇقى ئارقىلىق ئامېرىكا سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلىشىنىڭ، جۈملىدىن تاجسىمان ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى ئوغرىلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىشىغا شېرىك بولۇۋاتقان بۇ بۇ يۇقىرى تېخنىكا گۇرۇھلىرىنى چەكلەش دەل مۇشۇ تەدبىرلەردىن ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى نۇتۇقتا مايك پومپيېو ئالاھىدە تىلغا ئالغان بىر نۇقتا دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى سىياسىتىدە بۇ تېمىدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەندى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

قىزىقارلىق يېرى شۇ بولغانكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 5-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك «سوغۇق ئۇرۇشنىڭ يېڭى تۆمۈر پەردىسى» دەپ ئاتالغان نۇتۇقىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قايتۇرغان بۇ ئىنكاسى ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى «ئۇرۇشقاق بۆرىلەر دىپلوماتىيەسى» دەپ تەرىپلەنگەن پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلگەن ئىبارىلەردىن خېلىلا پەرقلىنىدىغان بولۇپ، تاشقى دۇنيا ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆز ئورامىدا راۋۇرۇس «يۇمشاپ قالغانلىقى» نى بايقىغان. بولۇپمۇ ۋاڭ يى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆتكەن قىرىق يىل مابەينىدە خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىمىزنى بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت، دېيىشكە بولىدۇ،» دېگەن سۆزىگە قارىتا «بۇ ھۆكۈم تارىخىي تەرەققىياتنى توغرا باھالىغانلىق ئەمەس،» دېگەن.

تاشقى دۇنيادىكىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «خىتاي ۋىرۇسى» ئاتالغۇسىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، خىتاي ئاخبارات ساھەسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى «ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى»، «سىياسىي ۋىرۇس» دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ھاقارەتلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم ۋاڭ يىنىڭ «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىش، زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتمەسلىك لازىم» دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلىشىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بولغان دىپلوماتىيەدە ئىشنىڭ چىڭىغا چىقىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىنكاستا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ «ئەگەر ئەركىنلىك دۇنياسى كوممۇنىستىك خىتاينى ئۆزگەرتمەيدىكەن، ئۇ ھالدا كوممۇنىستىك خىتاي ئەركىنلىك دۇنياسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزىگە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەسلىكىنى يەنە بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كرىزىس ئىچىدىكى قىيىن شارائىتتا قالغانلىقى» دېمەكتە ئىكەن.