ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شەرقىي «تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى «تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكى» دىن رەسمىي ئۆچۈردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 20-ئۆكتەبىر «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكى» دىن رەسمىي ئۆچۈرگەن بولۇپ، بۇ قارار ئامېرىكا فېدراتسىيە ھۆكۈمەت تور بېتىدە 5-نويابىر رەسمىي ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن قارىلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور شان روبېتس بۇ قاراردىن بىر ئاز ھەيران قالغانلىقىنى، ئەمما ئىلگىرىكى خاتالىقنى تۈزىتىش جەھەتتىن بۇ قارارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ تەشكىلات ھەقىقىي تەشكىلات سۈپىتىدە مەۋجۇت بولمىغان ۋە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىمۇ خاتا ھالدا «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ تىزىملانغان. خىتاي مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نامىدىن ئىستراتېگىيەلىك ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ 18 يىلدىن بېرى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا «تېررورىست» قالپىقى كىيدۈرۈپ باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى خىتايغا ئۇ تۆھمەتنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقىنى جاكارلىغانلىقى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ رەسمىي قارارنىڭ خىتاينىڭ بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئەيبلىشىگە ھەمدە بۇنى باھانە قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېسىم قىلىشىغا بېرىلگەن كۈچلۈك زەربە ئىكەنلىكىنى، بۇ قارارنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ب د ت نىڭمۇ مەزكۇر تەشكىلاتنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بۇش ھۆكۈمىتى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، يەنى 2002-يىلى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن بولۇپ، خىتاي بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلگەن، 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا دۆلەت تېررورىزىمى يۈرگۈزۈپ، بۇنى ئەكسىچە خەلقئاراغا «تېررورلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەۋاتىمىز» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانىدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ قېتىم «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكى» دىن رەسمىي چىقىرىپ تاشلىشى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە يەنىلا تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە قارشى بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ئىكەن.