ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي زۇلۇمنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.06.24
pompeo-diniy-erkinlik-diklat.jpg ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلماقتا. 2019-يىلى 21-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
AP

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى» نى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك دوكلاتنىڭ ئىلگىرىكى دوكلاتلاردىن تۈپ پەرقى بولسا، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە بىر سەھىپە ئاجرىتىلغانلىقتۇر. ئىلگىرىكى يىللىق دوكلاتلاردا تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن) مەخسۇس سەھىپە بويىچە بېرىلگەن بولسا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىمۇ شۇ قاتاردا ئورۇن ئالغان.

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت قىسىمنىڭ كىرىش سۆزىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئايرىم ئورۇن بېرىلىشىدە رايوندىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ كۆلەم ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى نەزەردە تۇتۇلغانلىقى تەكىتلىنىپ ئۆتۈلگەن. دوكلاتتا: «ھەر خىل تاراتقۇلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ 2017‏-يىلى 4‏-ئايدىن بېرى دىنىي ۋە ئېتنىك تەركىبى سەۋەبلىك بۇ ئورۇنلاردا ئىز-دېرەكسىز يوقىتىشقا، قىيىن-قىستاققا، جىسمانىي خورلاشقا، ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن 21-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلغانىدى. يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو سۆزىدە ئالدى بىلەن دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم سىياسەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭمۇ ئىخلاسمەن بىر ئېتىقادچى بولۇش سۈپىتى بىلەن «دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى بىر دىنغا ئىشەنگۈچى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك»، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، دۇنيادا «ئېغىر دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسى بار»، دەپ قارالغان خىتاي، پاكىستان ۋە بىرما قاتارلىق دۆلەتلەرنى بىرمۇ-بىر تىلغا ئالدى. ئۇ خىتاي ھەققىدە: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان بارلىق دىنىي ئېتىقادلارنىڭ ئەشەددىي كۈشەندىسى بولۇپ كەلدى. بۇ پارتىيە كىشىلەردىن پەقەتلا ئۆزىنى خۇدا دەپ قاراشنى تەلەپ قىلدى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «مەن بۇ يەردە بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئەپسۇسكى، خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى ئاڭلىتىدىغان شارائىتى يوق دېيەرلىك. شۇڭا بىز شىنجاڭدا دىنىي ئەركىنلىك ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىكنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي ھەققىدىكى دوكلاتتا شىنجاڭغا ئالاھىدە ئورۇن ئايرىدۇق. تارىخ بۇ زۇلۇمغا ھەرگىز سۈكۈت قىلمايدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئوخشاش ئەركىن ئاۋازلار چوقۇم مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىرىشىمىز كېرەك».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يىللىق دىنى ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت قىسمىدا لاگېرلار مەسىلىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا رادىيومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار نۇرغۇن قېتىم مىسالغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا، لاگېردىكى تۇتقۇنلار ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆلۈم ۋەقەلىرى، دائىرىلەرنىڭ شەخسلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىبادىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى يىغىشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادىتىنى چەكلەشنى قانۇنلاشتۇرماقتا ۋە ئىجرا قىلماقتا» ئىكەن. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەرلەرنىڭ بۇرۇت قويۇشى، ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئورىشى، ھالال ئۇقۇمىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقى، ھەتتا يەنە كىشىلەرنىڭ پەرزەنت كۆرۈش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىغىمۇ» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى «نى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئارىلىشىۋالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تىجارەت ئىشلىرىدا ئېغىر ئىجتىمائىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، تۈركىيە ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە كەتكەندىن كېيىن غايىب بولغانلار، لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى، ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا قامىلىپ تىرىك يېتىمغا ئايلانغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلار ھەققىدە» ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «،» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «قاتارلىق ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرى ۋە شۇنداقلا «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

21-ئىيۇن كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنى ئىشلارغا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەكمۇ ئۆز نۇتقىدا ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دىنغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەرقايسى رايونلاردىكى ئوخشىمىغان پەرقلىق دىنى ئېتىقادلارغا قاراتقان بېسىمىنى ئاشۇرغانلىقىنى كۆردۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئاز دېگەندە بىر مىليون مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قاماش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، مىللىي كىملىكىنى ۋە دىنى ئېتىقادىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ».

سام بروۋنبەك سۆزى داۋامىدا يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە فالۈنگوڭ مۇرىتلىرى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز باشقا ئورگانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى فالۈنگونچىلار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خرىستىئانلاردىن تەركىب تاپقان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭغا ھەممە كىشىنىڭ ۋىجدانى قاينىشى كېرەك».

سام بروۋنبەك سۆزى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دەيدىغىنىمىز شۇكى، سىلەر ھەرگىز دىنغا قارشى قوزغىغان بۇ ئۇرۇشۇڭلاردا غەلىبە قىلىمىز، دەپ قالماڭلار. سىلەر ھامان ھەم دۆلەت ئىچىدە ھەم خەلقئارادا بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيسىلەر» دېدى.

ئۇ، دۇنيادىكى 80 پىرسەنت كىشىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندە قىلىنىدىغان جايلاردا ياشايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قاچان ھۆكۈمەتلەرنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراشتىن توختىغۇچە كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا 24-ئىيۇن كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ بۇ دوكلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ سۆزىدە ئامېرىكانىڭ يىللىق دىنى ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇنداق دوكلاتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىلا 24 مىڭ 400 دانە مەسچىت بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى ھەتتا ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرۇپ: «ئامېرىكادىكى بارلىق مەسچىتلەرنى توپلىسا، شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كەلمەيدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە، «شىنجاڭ» دىكى مەسىلىلەرنىڭ خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، يەنى 20-ئىيۇن كۈنى ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەنىدى. بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 24 ئىچىدە ئىككى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، خىتاينى تەنقىد قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.