ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئائىلىسىگە زىيانكەشلىك قىلماسلىققا چاقىردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پامپېيو، 5-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەر ۋە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىغا ئائىت نۇرغۇن خەۋەرلەردىن ئەندىشىلىنىۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن سادىر بولغان.

مەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نامىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باستۇرۇشلىرىغا قارشى تۇرغان ۋە تەسىر كۆرسەتكەن فۇرقەت جەۋدەت، ئارافات ئەركىن، زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق جەسۇر شەخسلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. بولۇپمۇ زۇمرەت خانىم ياشانغان دادىسىنىڭ يېقىندا ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇ شىنجاڭدا كۆپ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇنى ۋە سوراقلىرىغا ئۇچرىغان ۋە يېقىندا نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇر ھەققانىيەت ھېكايىچىلارنىڭ جاسارىتى، خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشى، جۈملىدىن دىنىي ئەركىنلىكلىرىنى باستۇرۇشىغا ئالاقىدار ھەقىقەتنى ئېنىقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. بىز بېيجىڭنى يەنە بىر نۆۋەت چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بارلىق تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشقا، ئاساسسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئەركىن ئالاقىدە بولۇشىغا يول قويۇشى ۋە تەسىرگە ئۇچراتماسلىققا چاقىرىمىز».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ مەزكۇر باياناتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتتا ئالاھىدە تىلغا ئالغان شەخسلەردىن ئامېرىكادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان فىرقەت جەۋدەتنى زىيارەت قىلدۇق. فىرقەت ئۆزىنىڭ بۇ باياناتنى كۆرگەندىن كېيىن زور ئىلھام ئالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگىلا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ۋەتەن ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ۋە دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زۇلۇمدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ بۇ يولدا ھەر قانداق بەدەلگە قارىماي داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

فىرقەت جەۋدەتنىڭ غۇلجىدىكى ئانىسى باشتا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ ئاندىن 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. فىرقەتنىڭ توختىماي مەتبۇئاتلارغا خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىپ گۇۋاھلىق بېرىشى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئانىسىنى 3 ئاي ئىلگىرى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يەنىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توختىماي تەھدىت قىلىشى ۋە پاراكەندىچىلىكلىرىدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئارافات ئەركىنمۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پامپېيو بىلەن كۆرۈشۈپ ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ۋەتەندىكى ئانىسى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ داۋاملىق تەھدىتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پامپېيو لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەندىن باشقا، ئۆزىنىڭ شەخسىي تىۋىتتېر بېتىدە زۇمرەت داۋۇتنىڭ دادىسىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زۇمرەتتىن ئالاھىدە ھال سورايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدا ئۆزىنىڭ لاگېردىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە باشلىغان زۇمرەت داۋۇت، ئۇيغۇر ئېلىدە قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭمۇ زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىدى.

زۇمرەت قايتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تىمەن ئاتىسى داۋۇت ئابدۇراخمان ھاجىمنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈمىگە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، يېقىندىن بۇيانقى قىيىن-قىستاقلىرى سەۋەب بولدى» دېگەن گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زۇمرەت 24-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2018-يىلى 31-مارت كۈنى ئۆيىدىن سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قاماپ قويۇلۇش جەريانلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ۋە خەلقئارا جامائەتتىن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى. زۇمرەت داۋۇت، دادىسىنىڭ 11-ئۆكتەبىر ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئالغان. 13-ئۆكتەبىردە بولسا خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ زۇمرەتنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋىدىيوسىنى تارقاتقانىدى.