مايك پومپېيو بېرلىندىكى مۇھىم نۇتقىدا خىتاي تەھدىتى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو گېرمانىيەدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە «بېرلىن تېمى» ئۆرۈلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ 8-نويابىر كۈنىدىكى «1989-يىلىدىكى ساۋاقلار: ئەركىنلىك ۋە بىزنىڭ كېلەچىكىمىز» ماۋزۇلۇق نۇتقىدا ئاساسلىق نىشانىنى يەنە خىتاي ۋە رۇسىيەگە قاراتتى.

مايك پومپېيو 30 يىل ئاۋۋال قەھرىمان شەرقىي گېرمانىيە خەلقىنىڭ بېرلىن تېمىنى ئۆرۈش ئارقىلىق كوممۇنىست رېجىمىنى ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سوغۇق ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بېرلىن ۋە موسكوۋادا كوممۇنىزمنىڭ بىتچىت بولۇشى جۈملىدىن پۈتكۈل شەرقىي بىلوگدا بىتچىت بولۇشى بىلەن بىز بۇنى دۇنيادا توسۇۋالغىلى بولمايدىغان بىر ئېقىم، دەپ ئويلىغان ئىدۇق. ھەتتا بۇنى ‹بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئاياغلىشىشى› دەپ تەسۋىرلىگەنلەرمۇ بولغان. . . ئەپسۇسكى، بىز خاتالاشقان ئىدۇق. بىز نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىنسانلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ھازىرقىدەك بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ ھازىرقىدەك بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمىدۇق.»

مايك پومپىيو سۆزىنىڭ داۋامىدا رۇسىيەدىن مىسال بېرىپ، سابىق ك گ ب خادىمى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قوشنا دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىپ، ئۆكتىچىلەرنى بولۇپمۇ ئوكرائىنىيە، تاتار ۋە چېچەن ئۆكتىچىلىرىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئارقىدىن خىتاي ھەققىدە ئۇزۇن-ئۇزۇن توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتايدا خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ يېڭىچە نۇسخىسىنى ۋە دۇنيادا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان نۇسخىسىنى شەكىللەندۈرمەكتە. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز پۇقرالىرىغا بېسىم قىلىشتا قوللىنىۋاتقان مېتود ۋە تاكتىكىلار سابىق شەرقىي گېرمانىيەلىكلەرگە ئىنتايىن تونۇش. خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەۋاتىدۇ. ھەتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغان گېرمانىيەلىك پارلامېنت ئەزاسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. خىتاي كومپارتىيەسى چەتئەللەردە پاناھلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تەھدىت قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى بار. نۆۋەتتە بىز ھۆر دۆلەتلەرنىڭ ھۆر بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن قىممەت قاراش رىقابىتى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. . . شۇڭا بىز بۇ ئۆتكەن 30 يىلنى ھەم خۇشاللىق ھەم ئەستايىدىللىق بىلەن تەبرىكلىشىمىز، بۇ دۇنيادا ئەمەلىيەتتە قانداق بولسا شۇ بويىچە باھالىشىمىز كېرەك.»

مايك پومپېيو سۆزىدە يەنە بۇنىڭ ئۈچۈن گېرمانىيە ۋە ئامېرىكانىڭ، بارلىق NATO دۆلەتلىرىنىڭ جۈملىدىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خەۋپكە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە سۆزىدە گېرمانىيەنىڭ خىتاينىڭ 5G تېخنىكىسىنى كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «مانا بۇ نېمە ئۈچۈن مېنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى دۇنياغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلەر ھەققىدە بۇنچە كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ سۆزلەيدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ تېخنىكا شىركەتلىرى دۇنيانىڭ يېڭى ئىنتېرنېت تور قۇرۇلۇشىنى قۇرۇشنىڭ كويىدا بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان،» دەپ ئەسكەرتتى.

مايك پومپېيو سۆزىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن ئاياغلاشتۇردى: «بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزگە قىلىنىۋاتقان تەھدىتنى شۇنداقلا يەنە ئىنسانلارنى باشقۇرۇش ئورنىغا ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى باستۇرىدىغان، بۈگۈن بىز تەبرىكلەۋاتقان بۇ خاتىرە كۈننى بايرام ئەمەس ئەكسىچە قورقۇنچلۇق سىگنال دەپ قارايدىغان رېجىملەردىن كېلىۋاتقان بۇ تەھدىتكە ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. . . بىز ھەممىمىز ئورتاق ھالدا بۇ تەھدىتنى يېڭىش ئۈچۈن بىرلىشىشىمىز كېرەك. . . ھەممىمىز بۈگۈن قەتئىي نىيەتكە كېلەيلى، يەنى ھۆكۈمەتتىكىلەر ۋە تىجارەت دۇنياسىدىكىلەر ھەممىمىز بىرلىكتە دەس تۇرايلى!»

مايك پومپېيو بېرلىندىكى «تاشقى سىياسەتلەر مۇنبىرى» ناملىق يىغىندىكى نۇتقىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن سوئاللارغا جاۋاب بەردى. بۇ قىسىمدا مايك پومپېيودىن سورالغان سوئاللارمۇ يەنىلا خىتاينى ئاساس قىلدى. رىياسەتچى نورا خانىم مايك پومپېيودىن تۇنجى بولۇپ سورىغان سوئالىدا ئۇنىڭ نۇتقىدا خىتاي ھەققىدە ناھايىتى ئۇزۇن توختالغانلىقىنى ۋە بۇ نۇتۇق بېرىلگەن ئورۇننىڭ دەل «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ باشلىنىشى ھەم ئاياغلىشىشىنىڭ سىمۋولى بولغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: ئىزچە بۇ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەت 21-ئەسىردىكى سوغۇق ئۇرۇشمۇ؟» دەپ سورىدى. مايك پومپېيو بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى توقۇنۇش دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىممۇتلەق رېجىمى بىلەن دۇنيادىكى ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان بارلىق خەلقلەرنىڭ رىقابىتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سىلەر ھەممىڭلار بۇنى بايقىيالايسىلەر. خىتايغا بېرىپ باققان كىشىلەر شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى قايسى يۆنىلىشكە ئېلىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. مەسىلەن، پاكىتلارغا قاراپ بېقىڭلار، خىتاي ھازىر جەنۇبىي دېڭىزدا قورال سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى. ئۇلار ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆز پۇقرالىرىغا نومۇر قويۇۋاتىدۇ. بۇ كېلەچەكتە خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى سىستېمىغا كىرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، دېگەنلىك. شۇڭا سىز ئىنتېرنېت تورلىرىنى، كىمنىڭ كېيىنكى ئون يىلدا دۇنيادىكى ئۇچۇر-تور ئېقىمىنى باشقۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ. سىز سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىزنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىڭىزنى، سىزنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە تور قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشىنى خالامتىڭىز. مەنچە، بۇ تولىمۇ لىللا بىر سوئال. شۇڭا بۇ ھۆرلۈكنى قوغداشنى خالايدىغان، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى مۇھىم دەپ بىلىدىغان ۋە ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەرگە قارشى كىشىلەر بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئىدېئولوگىيەسى ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە ۋە دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان رېجىملەرگە زەربە بېرىدىغان رىقابەتتۇر.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ يۇقىرىقى نۇتقى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، پومپېيونى سىياسىي بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە «خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن خىتاي خەلقىنى ئايرىش ئەمەلىيەتتە پۈتۈن خىتاي خەلقىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ ۋە بۇ مۇقەررەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ،» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە BBC قاتارلىق ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي زورىيىۋاتقان ھاكىممۇتلەقنىڭ يېڭى سىمۋولى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىۋاتقان بولۇپ، مايك پومپېيونىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۇ زىددىيەتنى «ھۆر دۆلەتلەرنىڭ ھۆر بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان قىممەت قاراش جەھەتتىكى رىقابىتى» دەپ باھالىشى دىققەت قوزغايدىكەن.