پىراگادىكى يىغىندا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان بوش شىركىتىنىڭ مىكروفونىنى ئىشلىتىش بايقۇت قىلىنغان

0:00 / 0:00

چېخىيە پايتەختى پىراگادا چاقىرىلغان يىغىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان.

10-ماي كۈنى چېخىيە پايتەختى پىراگادا «مەجبۇرىي ئەمگەك ئەتكەسچىلىكى ۋە ئامېرىكا، ياۋروپا ئۆرنىكى» دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. يىغىن چېخىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ يىغىن زالىدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقلىرى بىلەن باشلانغان. يىغىنغا ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار، سىياسەتچىلەر، بانكىرلار، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پىراگادىكى ئەلچىلىرى ۋە دېپلوماتلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان.

مەزكۇر يىغىننى پىراگا خەۋپسىزلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى، چېخىيە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى، چېخىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشنىڭ يوللىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن، يەنى 11-ماي كۈنى پىراگادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى بۇ خۇسۇستىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

چېخىيە پايتەختى پىراگادا چاقىرىلغان يىغىندىن كورۇنۇش. 2023-يىلى 10-ماي.
چېخىيە پايتەختى پىراگادا چاقىرىلغان يىغىندىن كورۇنۇش. 2023-يىلى 10-ماي. (RFA/Ekrem)

يىغىندا قىزىقارلىق بىر ھادىسە يۈز بەرگەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، ئۇ ئالدىدىكى مىكروفوننى ئىشلىتىشنى رەت قىلغان. سەۋەبى بۇ مىكروفون گېرمانىيەنىڭ بوش ناملىق شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەن. مەزكۇر شىركەت بولسا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر يىغىندا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىن ئەھلى ھەيران بولۇشقان. دولقۇن ئەيسادىن كېيىن سۆزگە چىققانلارمۇ ئۇنى دوراپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان شىركەتنىڭ مىكروفونىنى ئىشلىتىشنى بايقۇت قىلىشقان.

(سولدىن) پىراگا بىخەتەرلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى روبېنسون، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نىڭ شەرقىي ياۋروپاغا مەسئۇل خادىمى ئىۋېتا خانىم. 2023-يىلى 10-ماي، پىراگا، چېخىيە.
(سولدىن) پىراگا بىخەتەرلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى روبېنسون، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نىڭ شەرقىي ياۋروپاغا مەسئۇل خادىمى ئىۋېتا خانىم. 2023-يىلى 10-ماي، پىراگا، چېخىيە. (RFA/Ekrem)

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى لۇئىسا گرېۋ خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇمۇ يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكادا يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋاللىرى تونۇشتۇرۇلدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋاللىرى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. ئاساسلىق مەقسەت، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت بولدى. مېنىڭ دىققىتىمنى بەكرەك تارتقىنى، چېخىيەنىڭ 3 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە چېخىيە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى سۆز قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي بىلەن گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەمدى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خىتايغا قارىتا سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتى. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم.»

(سولدىن) UHRP نىڭ تاشقى ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى لۇئىسا گرېۋ(Louisa Greve) خانىم، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باياناتچىسى پاتېكوۋا ئاداموۋا(Patecova Adamova) خانىم، د ئۇ ق نىڭ شەرقىي ياۋروپاغا مەسئۇل خادىمى ئىۋېتا ۋانكاكوۋا(Iveta Vancáková) خانىم، پراگا بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ خادىمى روگېر روبىنسون(Roger Robinson) ئەپەندى ۋە پارلامېنت باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى. 2023-يىلى 10-ماي، پىراگا، چېخىيە.
(سولدىن) UHRP نىڭ تاشقى ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى لۇئىسا گرېۋ(Louisa Greve) خانىم، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باياناتچىسى پاتېكوۋا ئاداموۋا(Patecova Adamova) خانىم، د ئۇ ق نىڭ شەرقىي ياۋروپاغا مەسئۇل خادىمى ئىۋېتا ۋانكاكوۋا(Iveta Vancáková) خانىم، پراگا بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ خادىمى روگېر روبىنسون(Roger Robinson) ئەپەندى ۋە پارلامېنت باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى. 2023-يىلى 10-ماي، پىراگا، چېخىيە. (RFA/Ekrem)

چېخىيە پايتەختى پىراگادا تۇرۇشلۇق د ئۇ ق نىڭ شەرقىي ياۋروپاغا مەسئۇل خادىمى ئىۋېتا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەيلى پارلامېنت ئەزالىرى بولسۇن، دېپلوماتلار بولسۇن ياكى مۇتەخەسسىسلەر بولسۇن، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەش توغرىسىدا مۇھىم تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «يىغىندا چېخىيە پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە پارلامېنت ئىقتسادىي كومىسسىيونىنىڭ رەھبەرلىرى سۆز قىلغاندا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگو سىياسىتىنى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق تاۋارلارنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى كۈچەيتىشكە ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىلەر قاتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇنى يىغىننىڭ ئۇتۇقلۇق بولغان بىر تەرىپى، دېيىش مۇمكىن.»

بۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چېخىيەنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ۋە بۇ يىل 10-ئايدا چېخىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى مۇزاكىرە قىلغان.