جوۋ بايدىن ئامېرىكىنىڭ 46-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقىنى ئۈستىگە ئالدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 46-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 20-يانۋار كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى مۇراسىمدا قەسەم بېرىپ رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

جوۋ بايدىن ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى كامالا خاررىس خانىم ئەنئەنىۋى قائىدىلەر بويىچە «ئىنجىل» نى تۇتۇپ تۇرۇپ قەسەم بەردى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن بەجانىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئىلگىرىكى ئاساس بويىچە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەنىدى.

Inauguration.jpg

لېيدىي گاگا، جېننېفېر لوپېز قاتارلىق دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە چولپانلارنىڭ نەق مەيداندا ناخشا ئورۇندىشى، مۇراسىمدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلاردىكى ئامېرىكا دېموكراتىيەسى ۋە ئىتتىپاقلىق-بىرلىك ھەققىدىكى بايانلار، شۇنىڭدەك ھەربىي قىسىملارنىڭ پاراتتىن ‍ئۆتۈشى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ بۈگۈنكى مۇراسىمنى ئۆزگىچە جانلاندۇرۇۋەتتى. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە نەق مەيداندىن جانلىق خەۋەر تارقىتىپ، ۋىرۇس ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن مۇراسىمغا قاتناشمىغانلارنى مۇراسىمنى تېلېۋىزوردىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئاق سارايغا كۆچۈپ كىرگەن كۈننىڭ ئۆزىدە پرېزىدېنت جوۋ بايدىن ۋىرۇس، ياردەم پۇلى تارقىتىش، كۆچمەنلەر مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلار بويىچە 17 تۈرلۈك ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «قانۇنسىز» بولۇپ قالغان كۆچمەنلەرنى ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچىمى بويىچە يېڭى ھاياتلىق ماكانىغا ئىگە قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.