ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 2021-يىلى 10-يانۋاردا قىرغىزىستاندا بولىدىغان مۇددەتتىن ئىلگىرى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سايلىمى ھەمدە قازاقىستاندا ئۆتىدىغان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ۋە يەرلىك ئالىي كېڭەشلىرىنىڭ سايلىمى ھەققىدە خەۋەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ھەر ئىككى ئەلدە مەزكۇر سايلاملارغا تەييارلىق ئىشلىرى قىزغىن كېتىپ بارماقتىكەن.
مۇددەتتىن ئىلگىرى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سايلىمىنى ئۆتكۈزۈش توغرىلىق قارار ئۆتكەن يىلى 24-ئۆكتەبىردە قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىسسىيەسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئۆكتەبىردە ئۆتكەن قىرغىزىستان پارلامېنتى سايلىمىدىن كېيىن مەملىكەت پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى باشلىنىپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىلگىرىكى پرېزىدېنت سوئورونباي جېيېنبېكوف ئىستېپا بەرگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى ۋاقىتلىق سادىر جاپاروف ئورۇنلاپ كەلگەن.
بىز قىرغىزىستاندا ئۆتىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدىكى ئەھۋال ھەققىدە قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندىدىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا ھازىرقى كۈنگە قەدەر 18 كىشى كۈرەش قىلماقتا، شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرلا ئاداخان مادۇماروف سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفتىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل چوڭ دەرىجىلىك ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغان. قالغانلىرى قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزالىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەنكى خىزمەتلىرىدە ئىشلىگەن. بۇ نامزاتلارنىڭ بىر قىسمى چوڭ ۋە كىچىك مەھكىمىلەرنىڭ، بانكىلارنىڭ مۇدىرلىرى، تىجارەتچىلەر. بۇ سايلامنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ نامزاتلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆتكەنكى سابىق پرېزىدېنتلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئىشلىمىگەن. تاقەتلىك قىرغىزىستان خەلقى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىنى كۈتمەكتە».
رەھىم ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىلگىرىكى پرېزىدېنتلىق سايلاملارغا قانداق ئاكتىپ قاتناشقان بولسا، بۇ قېتىمقى سايلامغىمۇ شۇنداق قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتىكەن. ئۇلار بولۇپمۇ قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىگە ئۇيغۇر نامزاتلىرىنىڭ كۆرسىتىلىشىدىن كۆپ ئۈمىد كۈتمەكتىكەن.
«كېلەركى ئالىي كېڭەش سايلاملىرىغا ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن ئۈچ نامزات بار. بىرىنچىسى، ھازىرقى ئالىي كېڭەش ئەزاسى پەرھات تولېندىبايېف، يەنە ئىككىسى بولسا، ئىسمايىلوف ۋە خەلىلوف. بىز ئويلايمىزكى، بۇ يىگىتلىرىمىز ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ. تارىختا بۇ ھېچ قاچان بولۇپ باقمىغان. ئۇلار ھەم ئىجتىمائىي ئىشتىمۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىمۇ ئاكتىپ. ‹ئىتتىپاق›قىمۇ ياخشى ياردەم كۆرسىتىۋاتىدۇ. مەن ئويلايمەنكى، قانچە ۋەكىللىرىمىز كۆپ بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئۇتۇق بولىدۇ.»
رەھىم ھاپىزوف يەنە قىرغىزىستان خەلقىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىل سىياسەت ئېلىپ بېرىشىنى خالايدىغانلىقىنى، يېڭى پرېزىدېنت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن قەرز ئېلىش ئىشلىرىنى قەتئىي چەكلەيدىغانلىقىنى ھەم خىتايغا بېقىندىلىقتىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل قىرغىزىستان خەلقى يىلدىن يىلغا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى، ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان ۋەھشىيلىكنى، پاجىئەنى چۈشىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى پرېزىدېنت قانداق بولاركىن، قىرغىزىستان خىتاي تەسىرىگە كىرىپ كېتەرمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق ئويلايدۇ؟ دەپ ئويلايدۇ. بۇ ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى».
ئەمدى قازاقىستاندىكى سايلامغا كېلىدىغان بولساق، يېقىندا «ۋلاست» يېڭىلىقلار تورىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان ئالتە پارتىيەنىڭ بەشى قاتنىشىدىكەن. ئۇلار «نۇر ئوتۇن»، «ئائۇل»، «ئادال»، «ئاق جول» ۋە قازاقىستان خەلق پارتىيەسى» دۇر. مەزكۇر سايلام دۇنياغا تارقالغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق بىخەتەرلىك چارىلىرىنى قەتئىي ساقلىغان ھالدا ئۆتىدىكەن.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋە ئالىي كېڭەش سايلاملىرىدىكى رولى قانداق بولغان ھەم قانداق بولماق؟
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائى مۇدىرى زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف ئەپەندى مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاننىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا چوڭ رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بولۇپمۇ قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىگە سايلانغان شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلاردىن بىرىنچى بولۇپ قازاقىستان سېناتورلىقىغا ئىمىنجان ناسىروف سايلاندى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مارىس باتتالوف سايلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار پرېزىدېنت سايلىمى بولسۇن، پارلامېنت ئالىي كېڭەش ۋە باشقىلار بولسۇن، سايلاسلارغا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان مىللەتلەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرقى پارلامېنت ئالىي كېڭىشىدە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف بىر مۇددەت ئەزا بولۇپ ئىشلىدى.»
زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف شۇنداقلا شاھىمەردان نۇرموفنىڭ ئالىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ قايتا ئېچىلىش ئىشلىرىغىمۇ يېقىندىن ئارىلاشقانلىقىنى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر قازاقىستاننىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا، ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرىدا، ئىشلەپچىقىرىش، سالامەتلىكنى ساقلاش، بىلىم، ئىلىم-پەن، يېزا ئىگىلىكى ۋە باشقىمۇ ساھەلىرىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىشلەۋاتماقتىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بولسا، قازاقىستان پرېزىدېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتلىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. قازاقىستاندا يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پۈتۈن جۇمھۇرىيەتكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان سەنئەت ئەربابلىرى، مەدەنىيەت ئەربابلىرى ۋە تەنھەرىكەت ساھەسىدە نەچچىلىگەن دۇنيا چېمپىيونلىرى بار.