پۇقراۋىي تەشكىلاتلار: «قىرغىنچىلىق بىلەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى سىغىشالمايدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-05-18
Share
پۇقراۋىي تەشكىلاتلار: «قىرغىنچىلىق بىلەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى سىغىشالمايدۇ!» 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى.
nobeijing2022.org

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە ئەيىبلىشى ھەمدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەبىرىنى قاراردىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىشى ئۆز نۆۋىتىدە كېيىنكى قەدەم ھەققىدىكى سوئاللارغا تۈرتكە بولۇشقا باشلىدى. نۆۋەتتە زور بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ خىل قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش، دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئاپرېل ئېيىدا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ» دېگەنىدى. ھالبۇكى، بۇ ھەقتىكى چۇقانلار ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باك ئۆزلىرىنىڭ «مۆتىدىل» مەۋقەدە تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە سىياسىي مەسىلىلەرنى تەنھەرىكەت بىلەن باغلىماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلەپ «بىز دۇنياۋى قۇدرەتكە ئىگە ھۆكۈمەت ئەمەس» دېدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە مەكتۇپ يوللاپ «تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى سىياسىي-جۇغراپىيەلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس» دېدى.

17-ماي كۈنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى دەل مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە «ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق يوقىتىۋېتىشنى قەستلەۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى بولماسلىقى لازىم» دېگەن مەركىزىي ئۇچۇرنى يوللىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلەشمە ئىمزا قويغان بۇ باياناتتا ئېنىق قىلىپ ; «2022-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىنى قوللىغانلىققا باراۋەر» دەپ كۆرسىتىلدى.

مەزكۇر بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ بىرلەشمە باياناتتا ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئېيتىلىۋاتقان «دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش»، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتلىشىش دېگەندەك ئىبارىلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ مۇسابىقىنى كەسكىنلىك بىلەن بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بۇنىڭدىكى بىر چوڭ يېڭىلىق، دەپ قارالدى. مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلغاننىڭ ئەتىسى، يەنى 18-ماي كۈنى بۇ تەشكىلاتلار بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرگە قاراپ چىقتى.

يىغىن رىياسەتچىسى، «خەلقئارا تىبەت تورى» تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ماندى مەككېيون خانىم ئالدى بىلەن نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى زۇمرەتئاي ئەركىن سۆز ئالدى. . ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ھازىر ھېچكىمگە سىر ئەمەسلىكىنى، نەچچە يىللاردىن بۇيان «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە بولۇشى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ھازىر ئاللىقاچان بۇ دائىرىدىن ھالقىپ چىقىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەكلىنى ئېلىپ بولغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالنىڭ كۈندىن كۈنگە ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى، شۇنداق بولغانىكەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىنسان سۈپىتىدە قەدىرلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان سۆھبەتتە بولغاندا ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپنى «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) غا ۋاكالىتەن بۇ مۇسابىقىنى قەتئىي بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ قاتاردا يۇقىرىدىكى بىرلەشمە مەكتۇپقا ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بىرى، «ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى پېما دوما نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا قاراپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا ئەيمەنمەستىن ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق يوقىتىۋېتىش ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن قىرغىنچىلىق كۆرۈلگەندە بارچە ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھازىرقى رېئاللىقنىڭ ئاللىقاچان «قىزىل لىنىيە» دىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى بىلەن زىچ باغلىغان ھالدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئادۋوكات تېڭ بياۋمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا پىكىر قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خەلقئاراغا تاغاردا بىر ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ۋەدىلەرنىڭ بىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقىنى، ئەمدى بولسا ئاشۇ خىل ئالدامچىلىقنى يەنە بىر قېتىم بازارغا سېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش، مىليونلاپ لاگېرغا قاماشتەك ۋەھشىيلىكلىرىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان مۇشۇ خىلدىكى مۇسابىقىلەرنى ئۆزىنى پەردازلايدىغان بىر تۈرلۈك قورال قىلىۋالىدىغانلىقىنى، شۇنداق بولغانىكەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى بىر تۈرلۈك قورال قىلىشى لازىملىقىنى، بۇنىڭغا ھەممىلا كىشى ۋە شىركەتلەرنىڭ قاتنىشىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ ۋەكىلى جۇلىي مىلسەپنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر 1936-يىلى بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدىمۇ زاھىر بولغان، دېگەن مەزمۇندىكى سۆزلىرى ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىدى. . ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتايدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ۋەھشىيلىك بىلەن ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار، تىبەتلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىشىنى كۆرگەنلىكى، ئەمدى بولسا لاگېرلار سىستېمىسى، جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى، قىز-چوكانلارنى تۇغماس قىلىۋېتىش دېگەنلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى، مۇشۇنداق ئەھۋال يەنە زور بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ۋىجداننى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ «قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسى» بولۇش ئالدىدىكى مۇشۇنداق بىر پائالىيەتتىن نەپ ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بۇ ھالنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندىمۇ خۇددى مۇشۇ شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ «بۇ ھال بىر قېتىم يۈز بەرگەن. بىز نېمىشقا تارىختىن ساۋاق ئالمايمىز؟ كۆز ئالدىمىزدا قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقاندا ئاشۇ قىرغىنچىلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقنىڭ ئۆزى جىنايەتكە شېرىك بولغانلىققا باراۋەر. شۇڭا ھەممەيلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇنى چەكلىشىمىز لازىم» دېدى.

«تىبەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى لادون تېتوڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىكىر قىلىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنىڭ ھازىرقى بىردىن-بىر جاۋاب ۋە قورال بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارىنىڭ 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا دائىر تۈرلۈك سوئاللىرى، جۈملىدىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئ‍ىنكاسى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقى قاتارلىق تېمىلاردىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، باش شتابى شىۋېتسارىيەدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى پۈتكۈل تاپاۋىتىنىڭ 75 پىرسەنتىنى مۇسابىقىنى تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىشتىن تاپىدىغان بولۇپ، قالغىنىنى مۇسابىقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان شىركەتلەردىن تاپىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت