ئىستانبۇلدا 16 كوماندا قاتناشقان «ھۇررا ئۇيغۇر» ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركسىتان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنىڭ تەشكىللىنىشىدە قۇرۇلغان 16 كوماندا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئىستانبۇلدا پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى. «ھۇررا ئۇيغۇر پۇتبۇل مۇسابىقىسى» دەپ ئاتالغان بۇ مۇسابىقە 21-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئاخىرلاشتى ۋە بىرىنجى بولغان كوماندا 5000 لىرا نەخ پۇل ۋە لوڭقا بىلەن مۇكاپاتلاندى.

يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرىقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تاماشبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىش ۋە گۈلدۈراس سادالىرى ئىچىدە ناھايىتى ھاياجانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى.

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 16 كوماندىنىڭ ئىككى ھەپتە داۋام قىلغان مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 21-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 16 كوماندىنىڭ ئىككى ھەپتە داۋام قىلغان مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 21-ئاۋغۇست، تۈركىيە. (RFA/Arslan)

ئاخىرىقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تۆت كۈچلۈك كوماندا ئارىسىدا ئوينالغان بولۇپ، «ئوقۇ ئۇيغۇر» كوماندىسى چىمپىيون بولدى، ئۇلار 5000 لىرا نەخ پۇل ۋە لوڭقا بىلەن مۇكاپاتلاندى، «ئۇدۇن» كوماندىسى ئىككىنجى بولۇپ، 3000 لىرا نەخ پۇل ۋە لوڭقا بىلەن مۇكاپاتلاندى، «ئەينەك» كوماندىسى ئۈچىنچى بولۇپ، 2000 لىرا نەخ پۇل ۋە لوڭقا بىلەن مۇكاپاتلاندى.

نەتىجىگە ئېرىشكەن كوماندىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، شەرقىي تۈركسىتان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراق قاتارلىقلار سەھنىگە چىقىپ، چىمپىيون بولغان كوماندىولارغا مۇكاپات تەقدىم قىلدى ۋە پۇتبۇل ماھىرلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 16 كوماندىنىڭ ئىككى ھەپتە داۋام قىلغان مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 21-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغان كوماندىلارنىڭ پۇتبۇل ماھىرلىرىغا يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مېدالىيون تەقدىم قىلىندى.

بىز بۇ مۇسابىقە توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تاھىر كۆكبايراق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇسابىقە 8-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلىنىلىپ 21-كۈنى ئاخىرلاشقان. جەمئىي 16 ئۇيغۇر كوماندىسى مۇسابىقىغا قاتنىشىپ، چىمپىيونلۇقنى تالاشقان ۋە ئاخىرىدا ئۈچ كوماندا بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغان.

تاھىر كۆكبايراق بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، شەرقىي تۈركسىتانلىق ياشلارنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرىنى تونۇشى، ئۇلار ئوتتۇرىسدا دوستلۇق، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆز ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن مۇسابىقە سورىنى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىمىزدۇر. بىز مۇھاجىرەتتىكى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يامان يولغا كىرىپ كەتمەي، ساغلام ۋە ئەقىللىق چوڭ بولۇشنىڭ ئاساسى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى دەپ قارايمىز.»

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 16 كوماندىنىڭ ئىككى ھەپتە داۋام قىلغان مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 21-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

تاھىر كۆكبايراقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇسابىقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق ئىستانبۇلدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ئىكەن.

تاھىر كۆكبايراق سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ بۇ يىل 4-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، يىلدىن-يىلغا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋەتلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مۇسابىقىدە «ئەينەك» كوماندىسىنىڭ كاپتانى بولغان سەردار ئەپەندى بۇ پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى ئويناش جەريانىدا كۆپ ساندا يېڭى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشقانلىقىنى ۋە دوست بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ مۇسابىقىدە ئۆز كوماندىسىنىڭ بىرىنچىلىكنى قازىنالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر مۇنچە يېڭى ياشلار بىلەن تونۇشۇپ دوستلۇق ئورناتقانلىقىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 16 كوماندىنىڭ ئىككى ھەپتە داۋام قىلغان مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 21-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

بىز يەنە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى باشتىن-ئاخىر ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇرېشىت ئەپەندى، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئالاھىدە چوڭ پائالىيەت بولغانلىقىنى، بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپ دوستلۇق ئورنىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭ ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئاساس سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەقىلفون ۋە ئىنتېرنىت بۈگۈندەك ياشلىرىمىزنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغان، پۈتۈن ۋاقتىنى ئىگىلىۋالغان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە بۇ خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.»

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 16 كوماندىنىڭ ئىككى ھەپتە داۋام قىلغان مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 21-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

ئابدۇرېشىت ئەپەندى ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ھەر زامان ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.