جۇجۇ ئېلېكتىر پاراۋۇز شىركىتى خىزمەتچىسى لايىھە مۇدىرى قاھار ئېلىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى خىتاي شىركىتىنىڭ كاپالىتىگە ئىشىنىپ يۇرتى تۇرپانغا قايتقان ۋە 6 ئايدىن بېرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان لايىھە مۇدىرى قاھار ئېلىنىڭ نۆۋەتتە يۇرتىدا تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان خىتاينىڭ جۇجۇ ئېلېكتىر پاراۋۇز شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

مەلۇم بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان، بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، قاھار ئېلى 2010-يىلى ئەتراپىدا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن، ئۇ تۈركىيەدە تۈرك تىلى كۇرسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ جۇجۇ ئېلېكتىر پاراۋۇز شىركىتىنىڭ تۈركىيەدىكى شۆبىسىگە تەرجىمان بولۇپ ئىشقا كىرگەن. ئۇ تەرجىمانلىق جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان. نەتىجىدە شىركەت ئۇنى لايىھە مۇدىرى قىلىپ ئۆستۈرگەن.

توردىكى ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 1936-يىلى قۇرۇلغان مەزكۇر شىركەت، 2000-يىللاردىن كېيىن خەلقئارا مۇلازىمەت قىلىشقا ئاتلانغان. پويىز ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە قۇراشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ شىركەت يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەدىن باشقا يەنە مالايسىىيا، گېرمانىيە، مېكسىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئىش ۋە سودا توختاملىرىغا ئېرىشكەن. نەتىجىدە، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ئاۋانگارت ۋە مەنپەئەتدار شىركەت بولۇپ قالغان.

قاھار ئېلىنىڭ دوستى رەپقەتنىڭ بايان قىلىشىچە، قاھار ئېلى مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئىزمىر قاتارلىق جايلىرىدىكى پويىز قاتناش پىلانلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇجۇ ئېلېكتىر پاراۋۇز شىركىتى، دەسلەپتە ئۆزىنىڭ قاھار ئېلى دەپ بىر خىزمەتچىسى بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. بۇ خادىم ئىلگىرىلەپ سورالغان سوئاللىرىمىزدىن كېيىن، ئەھۋالنى قانۇن ئورگانلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، قاھار ئېلى مۇدىر بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر شىركەتنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى ئېتىبارىدا يۈكسىلىش بولغان. نەتىجىدە شىركەت قاھار ئېلىنىڭ مائاشىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈپ، ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. بۇ كىشىنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، شىركەت تۈركىيەدە ئىش باشلىغان دەسلەپكى يىللاردا، قاھار ئېلىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بەزى پائالىيەتلىرىنى قۇلايلاشتۇرغان بولسىمۇ، كېيىنكى يىللاردا شىركەت تۈركىيەدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، قاھار ئېلىنىڭ شىركەتتە ئالاھىدە بىر ئەھمىيىتى قالمىغان. شۇڭا، ئۇ بۇ قېتىم يۇرتىغا قايتىپ غايىب بولغىنىدا، ئىلگىرىكىدەك دەرىجىدە ئىز-دېرىكى قىلىنمىغان.

جۇجۇ پاراۋۇز شىركىتىنىڭ يەنە بىر خادىمىمۇ، قاھار ئېلىنىڭ نۆۋەتتە نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى قانۇن ئورگانلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن قاھار ئېلىنىڭ بېشىغا قانداق بىر ئاۋارىچىلىك كەلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ جىنايى ئىشلار كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دەلىللىدى.

قاھار ئېلىنىڭ ئادۋوكاتى ۋەدات ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، شىركەت ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىلا بىلگەن، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل نازارەت قىلغان. شىركەتنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئادۋوكات ۋەدات ئەپەندى، ئۇنىڭ شىركەتتىكى خىتاي خىزمەتداشلىرىنىڭ چېقىشى ۋە شىكايىتى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى، قاھار ئېلىنىڭ بەزىدە شىركەتنىڭ بىر ئەزاسى، بەزىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە، ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم خىتاي كونسۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق پائالىيەتلەرگىمۇ قېتىلغانلىقى، ئەلچىخانا ۋە شىركەتنىڭ باش رەھبەرلىك ئاپپاراتى بىلەن مۇناسىۋەتنى قويۇق تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. قاھار ئېلىنىڭ دوستى رەپقەتمۇ، ئۇنىڭ ئەلچىخانا بىلەن بەزىدە ئىش، بەزىدە مۇراسىملار سەۋەبلىك ئالاقىسىنىڭ بولۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇنىڭ بۇ ساداقەت ئىپادىسىنىڭمۇ، بۇ نۆۋەت خىتاي تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، مەزكۇر شىركەتنىڭ كادىرلار بۆلۈمى خادىمى، شىركەتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرقانچە ئايدىن بېرى ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز ئۇنىڭدىن قاھار ئېلىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۆزىنىڭ بۇ تەپسىلاتلاردىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ھەتتا شىركەتتە ئېچىلغان بۇ ھەقتىكى يىغىندا، قاھار ئېلىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكىلەپ سورىماسلىقنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، شىركەتتە بۇ ھەقتە ئېچىلغان بىر يىغىندا قاھار ئېلىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خىزمەتچىلەردىن بۇ ئىش ھەققىدە ئىنچىكىلەپ گەپ سورىماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

يۇقىرىدا، تۈركىيەدىن يۇرتىغا قايتىپ غايىب بولغان مۇدىر قاھار ئېلىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردۇق.