ئوتكەن يىلى ئاقسۇدا لاگېردا جان ئۈزگەن قاھارجان قاۋۇلنىڭ تۈركىيەدىكى ئانىسى تاجىگۈل ۋە ئاچىسى گۈلجامالنىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قاھارجاننىڭ ئۆلۈمىنى ئائىلىسىدىن 6 ئايچە يوشۇرغان. ئاخىرى ئەھۋالنى بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى سۈرۈشتە قىلغاندىن كېيىنلا ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغان. ھازىدار ئانا-بالا بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا قاھارجاننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشىگە سەۋەب بولغان تۈركىيە سەپىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، 22 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە تۈركىيە پۇقراسى بولغان تاجىگۈل ھەمدۇللا ئوغلى قاھارجان قاۋۇل بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2017-يىلى 5-ئايدا ئاقسۇدا كۆرۈشكەن. ئۇ شۇ قېتىم تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، يەنى 2017 -يىلى 7 -ئايدىن باشلاپ ئوغلى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ئۇنىڭ 2 يىلدىن بۇيان ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلغان پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرى ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەن.
بۇ ھەقتە تاجىگۈل ھەمدۇللانىڭ تۈركىيەدىكى قىزى، قاھارجان قاۋۇلنىڭ ھەدىسى بەزى مەلۇماتلارنى بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئارىلىقتا بۇلارنىڭ بەزى تونۇشلىرى قاھارجاننىڭ كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يالۋۇرۇپ تۇرۇپ ئېيتقان قاھارجاننىڭ بىر پارچە رەسىمىنى بولسىمۇ كۆرۈش تەلىپى جاۋابسىز قالغان. ئاخىرى كۆڭلى بىر شۇملۇقنى تۇيغان تاجىگۈل ھەمدۇللا بىلەن قىزى گۈلجامال تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، ئوغلىنىڭ غايىب بولغانلىق ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەن ۋە ئىز-دېرىكىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. دەرۋەقە، ئىككى ئايدىن كېيىن ئەلچىخانىدىن جاۋاب كەلگەن. جاۋابتا خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىككى بالىنىڭ دادىسى 41 ياشلىق قاھارجان قاۋۇلنىڭ بۇلتۇر 11-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان. ئۇلار بۇ ئۇقتۇرۇشقا، بولۇپمۇ قاھارجان قاۋۇلنىڭ كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلگەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنمىگەن. ئۇلار تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات تەلەپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى خەۋىرى ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان. ئوغلىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ تور بېتى ۋە رادىيومىز خەۋەرلىرىدىن ئۇققان تاجىگۈل ھەمدۇللا خىتاينىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ۋەقەسىدە ھەم قاتىللىق ھەم ساختىپەزلىك قىلغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.
بىز تۈركىيە تەرەپنىڭ بۇ ۋەقەگە قانچىلىك دەرىجىدە ۋە قانداق ئۇسۇللاردا ئارىلاشقانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەلچىخانا خادىمى بۇ ئىشقا ئالاقىدار خادىمنىڭ نۆۋەتتە ئىش ئۈستىلىدە يوقلۇقىنى ئېيتىپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق يوللىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ئېلخەت ئەۋەتكەن بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىدىن 24 سائەت ئۆتۈپمۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى.
تاجىگۈل ھەمدۇللانىڭ دېيىشىچە، قاھارجان قاۋۇل 1997 -يىلى تۈركىيەگە كېلىپ بىر يېرىم يىلچە تۇرغان ۋە كۆنەلمىگەندىن كېيىن يۇرتى ئاقسۇغا قايتىپ كەتكەن. تاجىگۈل ئالدىنقى يىلى ئاقسۇغا بارغىنىدا ئوغلى قاھارجاننى تەكرار تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئاقسۇدا ياشاشنى تاللىغان. ئوغلىنىڭ ئائىلىسىنى بېقىشتىن باشقا ئوي-خىيالى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تاجىگۈل خانىم ئۇيغۇر رايوندىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر قاتارىدا ئوغلى قاھارجانغىمۇ ئۇۋال قىلىنغانلىقى ۋە خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياشاش ھەققىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، قاھارجان قاۋۇلنىڭ ئانىسى تاجىگۈل ۋە ئاچىسى گۈلجامال قاھارجان قاۋۇلنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ۋە تەپسىلاتى ھەققىدە تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن يەنە مەلۇمات كۈتمەكتە ئىكەن.
0:00 / 0:00