خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ئوت ئاپتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ۋە كىملىكىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا سىر تۇتماقتا

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە بىر ھەپتە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ھەققىدىمۇ تولۇقلىما مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئۇيغۇر ئىكەنلىكى تەكرار ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا يوشۇرىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.

خىتاي دائىرىلىرى 24 ‏-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەققىدە بېرىۋاتقان ئاخباراتلىرىدا، ۋەقەدىكى ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر بولغان ئۆلگۈچىلەرنىڭ كىملىكى، جۈملىدىن مىللىي تەۋەلىكى، يېشى ۋە جىنسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىكى باياناتىدا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنى 10 نەپەر، يارىلانغۇچىلارنى 9 نەپەر دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ قانچىگە چىققانلىقى، يارىلانغانلارنىڭ تولۇق ساقايغان-ساقايمىغانلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى.

بىز ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.

ئۈرۈمچى چاڭجياڭ يولى ساقچىخانىسىنىڭ بىر ساقچىسى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ تىزىملىكى ھەققىدە ساقچى خادىملىرىغىمۇ ھازىرغا قەدەر ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىر خادىمى، بۇ ئۇچۇرلارنى تېلېفوندا دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى»گە ياتىدىغانلىقىنى ئىشارەتلىدى. بۇ ساقچىخانىدىكى يەنە بىر خادىممۇ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ «مەخپىيەتلىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۈرۈمچىدىكى ئوت كەتكەن بىنادا ئىلگىرى بىر مەزگىل ئولتۇرغان ۋە نۆۋەتتە شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ھەبىبۇللا ئىزچى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر بىنا پۈتۈنلەي ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئولتۇراقلاشقان بىنا ئىكەن.

پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ ئۆز ئېنىقلاشلىرىغا ئاساسەن، بىنانىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تىبابەت توختۇرخانىسىنىڭ بىر خادىمى، كارانتىن سەۋەبلىك دوختۇرخانا بىناسىنىڭمۇ بۆلۈملەر ئارا توسۇۋېتىلگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمما ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى بىزنىڭ «ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر، شۇنداقمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن، «شۇنداق، ئۇيغۇر» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن يەنە «ئۆلگۈچىلەر ئارسىدا بىرمۇ خەنزۇ يوقمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ «يوق» دەپ جاۋاپ بەردى.

ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھازىر شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئابلىپىز مەمتىمىننىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقەدە 4 بالىسى بىلەن ئۆلگەن قەمبەرنىسا خانىم ئۇنىڭ ھاممىسى بولۇپ، قەمبەرنىسانىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمى ئابدۇراخمان، ئىمران، شەھىدە ۋە نەھدىيە ئىكەن.

پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئائىلە تارىخىنى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ياكى بىر نەچچە كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىدەك قورقۇنۇچلۇق بىر ۋەزىيەتتنى خەلقئارادىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابلىپىز مەمتىمىنمۇ ھاممىسىنىڭ يولدىشى مەمەتئەلى مەتنىياز ۋە چوڭ ئوغلى ئىلياس مەمتىلىلەرنىڭ 10 ۋە 12 يىللىق كېسىلگەن مەھبۇسلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.