«ئۇنتۇلغان زېمىن» ناملىق تور بەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر گۇرۇپپا ياشلار تەرىپىدىن ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە تۆت تىلدا چىقىرىلغان ئۇنىۋېرسال تور مۇنبىرىدۇر. يېقىندا مەزكۇر تور بەتتە « قامالدىكى بوستانلىق» ناملىق يۈرۈشلۈك كارتون رەسىملىرى ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوبرازلىق شەكىلدە ئاڭلىتىلغان.
بۇ يۈرۈشلۈك كارتونلۇق رەسىملەردە، ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلدىن بۇيان ئەۋجىگە چىققان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېر سىستېمىسى، رايوندا يىللارچە داۋام قىلغان يۇقىرى تېخنىكالىق تەقىب ۋە قاتمۇ-قات نازارەت، كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قامال سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى قاتارلىق تېمىلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ يۈرۈشلۈك كارتون ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ مۇنازىرە قوزغىماقتا.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى ياشلاردىن ئەركىن ئازات ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئەركىن ئازات ئەپەندى ئالدى بىلەن فىرانسىيەدىكى بىر گۇرۇپپا ياش پائالىيەتچىلەرنىڭ خالىسانە ئۇيۇشۇشى نەتىجىسىدە «فوربىددېن»، يەنى «ئۇنتۇلغان زېمىن» ناملىق تور بەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا «قامالدىكى بوستانلىق» ناملىق يۈرۈشلۈك كارتون رەسىملىرىنىڭ بۇ تور بەتتە ئېلان قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ يۈرۈشلۈك كارتونلۇق رەسىملەر ئارقىلىق، دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراتماقچى بولغان ئىكەن. يەنى نۆۋەتتە دۇنيانىڭ دىققىتى ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىغا ۋە غەززەدىكى قىرغىنچىلىققا مەركەزلەشكەن بىر ۋەزىيەتتە، كوممۇنىست خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكالىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك ئىكەن. ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يۈرۈشلۈك كارتون رەسىملىرىنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىققان ئىكەن.
ئەركىن ئازات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۆت خىل تىلدا نەشر قىلىنغان بۇ بىر يۈرۈش كارتون رەسىملىرىدە، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرى، لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان تۇتقۇنلار، رايوندىكى قاتمۇ-قات قامال ۋە تەقىب، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار، كوۋىد قامالى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ئوت ئاپىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قوزغالغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلار ئىنچىكە ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە كارتون دۇنياسى ئارقىلىق جانلىق ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار بۇ كارتون رەسىملىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان، شۇنداقلا بۇنىڭغا دۇنيانىڭ ئىنكاسىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
بۇ بىر يۈرۈش كارتون رەسىملىرىنىڭ خىتايچە نەشر قىلىنىشى چەت ئەللەردىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان.
ئامېرىكىدىكى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى كارتون رەسىملىرى شەكلىدە ئىپادىلەش ۋە ئۇنى خىتاي تىلىدا تارقىتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئادەتتىكى خىتاي خەلقىنى ئويغىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەيران قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچلۈك ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىدى. ھالبۇكى، خىتاي دۆلەت ئىچىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىشى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتى سەۋەبلىك، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شىنجاڭدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، خىتاي تىلىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش، بولۇپمۇ كارتون رەسىملىرى شەكلىدە بۇلارنى تەسىرلىك ئىپادىلەش ۋە توردا تارقىتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خىتاي خەلقىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بىلىش ئىمكانىيىتى ياراتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قارىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلغىلى بولىدۇ.»
كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي تىلىدا ئىزاھلانغان كارتون رەسىملىرى نۆۋەتتە خىتاي ياشلىرىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان بىر سەنئەت تۈرى بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلۇپتا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.
شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىگە قارىتا ئۇنى بىلىدىغان ۋە تەتقىق قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن تەتقىقاتچىلاردىن باشقا، ئادەتتىكى خىتاي خەلقنىڭ ئۇنى چۈشىنىشى، ئاۋازىنى چىقىرىشى ۋە تەنقىد قىلىشى ھەممىدىن مۇھىم ئىكەن.
شېڭ شۆ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىسىدە ھەقىقەتەنمۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ۋىجدانىي بۇرچىنى ئادا قىلىش زۆرۈر. بولۇپمۇ ئەھۋالنى بىلىدىغان ۋە بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار ئەلۋەتتە ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك، ئەمما تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، مەيلى شەرقىي تۈركىستان، مەيلى تىبەت، مەيلى جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە ياكى مانجۇرىيە بولسۇن، خىتاي كومپارتىيەسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار بۇ زېمىندىكى خىتاي پۇقرالىرى بىلەن بىللە ياشايدۇ ۋە ئالاقىدە بولىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ئاۋام پۇقرالىرىغا خىتاي كوپارتىيەسىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقى سىياسىتىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاڭلىتىش؛ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەر ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىلدۈرۈش، شۇنداقلا خىتاي خەلقىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش تولىمۇ مۇھىم.»