خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئەكس ئەتكەن « قامالدىكى بوستانلىق» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كارتون رەسىملىرىدە، ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان «سۈكۈتتىكى بوستانلىق» تېمىسىدىكى ھېكايىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن سىزمىلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ تېمىدىكى كارتون ھېكايىلىرىدە، خىتاي ساياھەتچىنىڭ تىلى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى بويىغا جايلاشقان خوتەن ۋە قەشقەر شەھىرى، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلار نىشان قىلىنغان تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشنى گەرچە ھەممە ئادەم بىلىدىغان ۋە كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاللىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ-قات نازارىتى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا باستۇرۇش نىشانى قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا بارغانچە تارىيىپ كېتىۋاتقان بوستانلىقلارغا ئوخشاتسا، خىتاي ھۆكۈمىتىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىگە سۈكۈت قىلىپ ياشاۋاتقان كىشىلەرنى شامال قاياققا سوقسا شۇ تەرەپكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولىدىغان تەكلىماكان چۆللۈكىدىكى قۇم دانچىلىرىغا ئوخشاتقان. ئاپتور بۇ جايدىكى ھايات مەنزىرىسىنى تەرىپلەپ، «ئىنسانىڭ كۆڭلى بوستانلىققا ئوخشايدۇ، ئۇ قۇملۇقتا بارغانچە تارىيىپ ماڭىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ھاياتى، بىر مىللەتنىڭ ھاياتى ئاشۇ قۇملۇقتىكى بىر تال قۇمغا ئوخشايدۇ. ھالبۇكى قۇملۇق چەكسىز، بوستانلىق بولسا تىمتاس» دېگەن تەسۋىرلەرنى ئىشلەتكەن.
«قامالدىكى بوستانلىق» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كارتون رەسىملىرى ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەركىن ئازاد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «سۈكۈتتىكى بوستانلىق» تېمىسىدىكى كارتون رەسىملىرى ئاپتورنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئەڭ قاتتىق بولۇۋاتقان، قاتمۇ-قات نازارەت ۋە لاگېر تۇتقۇنى ئەۋجىگە چىققان 2017-2018-يىللاردىكى ۋەزىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئەركىن ئازاد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق نازارەت ۋە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان لاگېرلارغا قاماش ئەھۋالىنى ئاڭلىغان ئاپتور بۇنىڭدىن ھەيران قالغان. ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئاندىن جەزم قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەتكە بارغان. ئەمما ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى ئاڭلىغانلىرىدىنمۇ خەتەرلىك ۋە قورقۇنچلۇق بولغان. ھالبۇكى بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا ئۇ يەردىكى خىتايلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنى كونترول قىلىشتا، سىناق قىلىۋاتقان رادىكال باستۇرۇش مودېلىنىڭ دۇنياغا كېڭىيىشىگە بولغان ئەندىشىلەر ئۇنى تېخىمۇ بىئارام قىلغان.
ھېكايىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قەشقەر ۋە خوتەنگە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئۇنچە قاتتىق بولمىغان. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتكە بېرىش يولى ۋە بازار ۋە كوچا دوقمۇشلىرىدا، قاتار تىزىلىپ، سومكا ئاختۇرۇپ كىملىك تەكشۈرۈش، ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈشى، گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ نورمال ھالەتكە ئايلىنىشى رايونغا كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ۋە چۆچۈتكەن. ئۇلار كۆڭلىدە بۇنى ناھەقچىلىك دەپ ھېس قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان.
ئەركىن ئازاد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ھېكايىدىكى شىياۋ چياڭغا ئوخشاش ئىنتايىن ئاز ساندىكى ساياھەتچىلەر بۇ ئەھۋاللارغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما زور كۆپ قىسىم ساياھەتچىلەر ۋە ئۇ جايدا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان خىتايلار، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغان بۇ زېمىندا يولغا قويۇلغان ئاتالمىش مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقى ھەتتا قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
«سۈكۈتتىكى بوستانلىق» ماۋزۇسىدىكى كارتون رەسىملىرىنىڭ 3-قىسمىدا تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى غۇلجا شەھىرىدىكى نازارەت سىستېمىسى، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممە جايلىرىدا قۇرۇلغان جازا لاگېرلىرى، رايونغا مۇخبىرلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىپ، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرلەر بايان قىلىنغان.
ئەركىن ئازاد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى غۇلجىدا ئوقۇغان بىر ئوقۇغۇچى، يازلىق تەتىلدە قايتىپ بارغىنىدا ئىلگىرى ئۆزى ئوقۇغان مەكتىپىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدا، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى قامايدىغان لاگېرلارغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن. يەنە بىرەيلەن بولسا بىللە ئوقۇغان تۇڭگان ساۋاقدىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقىنى بىلگەن. ئەمما ئۇ يەردىكى كۆپ ساندىكى خىتايلار بۇ خىل لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن ۋە بۇ رايوندا يولغا قويۇلغان بارغانچە رادىكاللاشقان مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەققىدە سۆز قىلىشنى رەت قىلغان.
ھېكايىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت جەريانىدا ئۇچرىغان قاتمۇ-قات چەكلىمىلەر، ئۇلارنىڭ پايلاقچىلار تەرىپىدىن ئىزىغا چۈشۈش ۋە ساقچىلارنىڭ سوراقلىرىغا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ خىل نازارەت قىلىشلارغا ئۇچرىغان بىر چەت ئەللىك ساياھەتچى بۇ ئەھۋالدىن شىكايەت قىلىپ، «شىنجاڭ شۇنداق چوڭ ئىكەن. ئەمما مۇشۇنداق ئۇسۇلدا كونترول قىلىنىپتۇ. بۇنى پەقەت خىتايدىلا قىلالىسا كېرەك. ئەمما نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى؟» دېگەن سوئالنى قويغان.
ئەركىن ئازاد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان قاتتىق نازارەت سىستېمىسى ۋە تۇتقۇن قىلىشقا قارىتا، خىتايلار سۈكۈت قىلىش ھەتتا قوللاش پوزىتسىيەسىنى تاللىغان. ھالبۇكى 2020-يىلى باشلانغان كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدە، خىتايدا پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا يولغا قويۇلغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالىدا، خىتايلارمۇ بۇ خىل قاتتىق نازارەت سىياسىتىنىڭ تەمىنى تېتىغان ۋە خىتايلارنىڭمۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قوزغالغان ئىكەن.
ئەركىن ئازاد ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، «قامالدىكى بوستانلىق» ناملىق يۈرۈشلۈك كارتون رەسىملىرىدە، «قارىمايدىكى ئوت ئاپىتى»، «قوشماق تۇغقان سىياسىتى»، «ياردەمچى ساقچىنىڭ ھېكايىسى» قاتارلىق كۆپ خىل تېمىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر تور بېكىتىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتى تېما قىلىنغان كارتون سۈرەتلىك ھېكايىلەرنىڭ داۋاملىق كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.