مەدىنە ھىلالىددىن: «سىڭلىم دۆلەتنى پارچىلاش گۇمانى بىلەن سوتلىنىۋېتىپتۇ»

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.10.04
mewlude-hilalidin مەۋلۇدە ھىلالىددىن «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايەتى» دېگەن گۇمان بىلەن قايتا تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەن (سۈرەتنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنى نامەلۇم)
RFA/Erkin Tarim

ھازىر تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مەدىنە ھىلالىددىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سىڭلىسى مەۋلۇدە ھىلالىددىننىڭ ئىككى يىلغا يېقىن جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئۇزۇن ئۆتمەيلە «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايەتى» دېگەن گۇمان بىلەن قايتا تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىر يىلدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەت كىشىلىرىنى «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولاپ، ئۇلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش، جىسمانىي، مەنىۋى ھەتتا ئېتنىك جەھەتتىن خورلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن سوتلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالماقتا.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيەدە ئوقۇپ يۇرتىغا قايتقان كۆپ ساندا كىشىلەر جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان، بەزىلىرى ھەتتا «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن كېسىۋېتىلگەن ياكى سوتلىنىۋاتقان ئىكەن. بۇلاردىن بىرسى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان  مەۋلۇدە ھىلالىددىندۇر.

ھازىر تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مەۋلۇدەنىڭ ئۆز ئاچىسى   مەدىنە ھىلالىددىن خانىم بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن بىزگە سىڭلىسىنىڭ تەرجىمالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ  مۇنداق دېدى: «سىڭلىم مەۋلۇدە ھىلالىددىن 1986-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى غۇلجا شەھىرى ئىلى كوچىسى 5-مەھەللە 33-قورۇدا تۇغۇلغان. 1992-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1998-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇغان. 2001-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغان.»

مەدىنە ھىلالىددىن خانىم سىڭلىسى مەۋلۇدەنىڭ 2006-يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش مەقسىتى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، 2013-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «سىڭلىم مەۋلۇدە 2006-يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن. تۈرك تىلى تەييارلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ سامسۇن شەھرىدىكى 19-ماي ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ ئىنگىلىز تىلى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. بىر يىل بۇ كەسىپتە ئوقۇغاندىن كېيىن كەسپىنى ئۆزگەرتىپ، İستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ پۈتتۈردى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 2012-يىلىنىڭ ئاخىرى 2013-يىلىنىڭ باشلىرىدا يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.»

مەدىنە ھىلالىددىن خانىم سىڭلىسىنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ھازىر «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن سوتلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:   «سىڭلىم مەۋلۇدە غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن شەخسىي ئاچقان تىل مەكتىپىدە تۈركچە  ۋە ئىنگىلىزچە دەرس بەرگەن. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، 2019-يىلى 5-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ‹دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتى بار› دېگەن گۇمان بىلەن قايتا تەكشۈرۈمىز دەپ ئېلىپ كېتىلگەن.  مەۋلۇدە ھىلالىددىن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشمىغان.»

بىز مەۋلۇدە خانىم توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن غۇلجا شەھرى قازانچى مەھەللىسىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ تېلېفوننى ھېچ كىم ئالمىدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا تۈركىيە نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلدۇق. تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر خادىمى بۇ ھەقتە ئېلخەت يازساق جاۋاب بېرىلىدىغانلىقىنى دېدى. بىز ئېلخەت يازغان بولساقمۇ، جاۋاب قايتۇرمىدى.

مەۋلۇدە بىلەن تۈركچە تەييارلىق سىنىپىدا بىللە ئوقۇغان، كېيىنمۇ ئارىلاشقان، ھازىر ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان مەمەتئەمىن ئەپەندى مەۋلۇدەنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەۋلۇدە ھىلالىددىننىڭ غۇلجا شەھىرىدە بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى ھەنىفە كامال خانىم ئۆزىنىڭ مەۋلۇدە بىلەن بىللە ئوقۇغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1986-يىلىدىن بۈگۈڭىچە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.