نۆۋەتتە فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تۈركۈم ياش پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان « قامالدىكى بوستانلىق» ناملىق يۈرۈشلۈك كارتون رەسىملىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتى جانلىق شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ مەزكۇر كارتون رەسىملەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ ئوخشىمىغان ماۋزۇلار قويۇلغان كارتون رەسىملەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋەقەلىكلەر ۋە پېرسوناژلارنىڭ كەچمىشلىرى دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.
«قامالدىكى بوستانلىق» ناملىق يۈرۈشلۈك كارتون رەسىملىرى ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدىكى ياشلاردىن ئەركىن ئازات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كارتون رەسىملىرىدىكى ھېكايىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شەخسلەرنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشلىرىنى ئاساس قىلغان ئىكەن.
«قايتا تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلغان ئىنژېنېر» ماۋزۇلۇق بۇ ئۈچ قىسىملىق كارتون ئەسىرىدە، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجىگە چىققان ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە بۇ لاگېرلاردا ئازاب چەككەن بىر قىسىم ئۇيغۇر، قازاق تۇتقۇنلارنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن.
ئەركىن ئازات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كارتون ئەسىرىدە كەچمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن قازاق ئىنژېنېر پولات، قازاقىستاندا ئىشلەۋاتقان يېرىدىن مەجبۇرىي چاقىرتىلىپ ئېلىپ كېتىلىپ لاگېرغا قامالغان ئىكەن. كېيىنچە ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قازاقىستانغا قايتىپ كەتكەن ئىكەن. ئەركىن ئازاتنىڭ دېيىشىچە، بۇ قازاق ئىنژېنېر ئەسلىدە ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى بىر نېفىت شىركىتىدە بىللە ئىشلىگەن خىزمەتدىشى ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا قازاقىستانغا چىقىپ كېتىپ، قازاقىستاننىڭ يېشىل كارتىسىغا ئېرىشكەن، ھەتتا قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان بىر قىسىم قازاقلار، خۇددى پولاتقا ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر خىل باھانىلاردا چاقىرتىلىپ ئېلىپ كېتىلىپ، ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا سولانغان ئىكەن. كېيىنچە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىشى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ قازاقىستانغا قايتۇرۇلغان ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇلار قازاقىستانغا قايتىپ بارغاندىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى، قورقۇتۇشلىرى ۋە تەھدىتلىرىدىن خالىي بولالمىغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاللىغان ئىكەن.
كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر كارتون رەسىمى «ئاممىۋى ئاپتوبۇستىكى ئىككى لاگېر» ماۋزۇلۇق ئەسەردۇر. ئەركىن ئازات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭدا 2009 يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» ھارپىسىدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر بىرىنى يەكلەش، ھەتتا ئۆزئارا سۈركىلىش ۋەزىيىتى تەسۋىرلەنگەن.
مەزكۇر كارتونلۇق رەسىمدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئاپتوبۇس شوپۇرى ئاپتوبۇسقا چىققان ئۇيغۇر يولۇچىنى «بېلەت ئالمىدىڭ» دەپ ئاپتوبۇسنى قوزغاشنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئاپتوبۇستىكى خىتاي يولۇچىلار خىتاي شوپۇرغا ھەمدەم بولۇپ ئۇيغۇر يولۇچىنى قايتا بېلەت ئېلىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي شوپۇرنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر يولۇچىنى قايتا بېلەت ئېلىشقا مەجبۇرلىشىنى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھاقارەت ۋە ئادالەتسىزلىك دەپ ئەيىبلىگەن. شۇ سەۋەبلىك ئاپتوبۇستىكى ئۇيغۇر يولۇچىلار بىلەن خىتاي يولۇچىلار ئارىسىدا بىر بىرىنى تۇشمۇتۇشتىن ئەيىبلەش، ھەتتا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
ئەركىن ئازات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتوبۇستىكى بۇ زىددىيەت-توقۇنۇش ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايونغا مۇستەملىكە سىياسىتى ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەل خىتاي شوپۇرغا ئوخشىتىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرسىتىدىغان يالغان تەشۋىقاتلىرىغا تايىنىپ، رايونغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان يەرلىك ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى بارغانچە ئۆتكۈرلەشتۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇ خىلدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى خىتاي خەلقى ۋە دۇنياغا ھەقلىق كۆرسىتىپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتىكەن.