شىۋېتسارىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاي كومپارتىيەسى تارىخىدىكى قانلىق ئىزلارنى ئەسكە سالدى

0:00 / 0:00

«شىۋېتسارىيە ئۇچۇرلىرى» (Swissinfo): «ب د ت 2018-يىلى 1 مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرىغا قامالغانلىقىنى، 2022-يىلى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.»

شىۋېتسارىيەنىڭ 10 چوڭ تىلدا ئۇچۇر تارقىتىدىغان «شىۋېتسارىيە ئۇچۇرلىرى» (Swissinfo) ناملىق ئاخبارات مۇنبىرىنىڭ پورتۇگالچە سەھىپىسى 4-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان» ناملىق ئىستاتىستېكىلىق مەلۇماتىدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆز تارىخىدا سادىر قىلغان قانلىق جىنايەتلىرىنىڭ مۇھىم ئۆرنەكلىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

16-ئۆكتەبىر باشلىنىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بۇ مەلۇماتتا، خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئارمىيەسى ئەمەس، بەلكى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئارمىيەسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1921-يىلى قۇرۇلغانلىقى، 1931-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ياپونغا قارشى گومىنداڭ بىلەن بىرلەشكەنلىكى، 1945-يىلى ئۆزئارا ئىچكىي ئۇرۇشقا كىرگەنلىكى، 1949-يىلى گومىنداڭنى مەغلۇپ قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەلۇماتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1956-يىلى «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» ھەرىكىتى قوزغاپ، 2 يىل ئىچىدە «ئېچىلىپ سايرىغان» 500 مىڭدىن ئارتۇق زىيالىينى يوقاتقانلىقى، 1958-يىلى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، 45 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. مەلۇماتتا يەنە بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1959-يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭىنى باستۇرغانلىقى، 1966-يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى قوزغاپ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى ۋە 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمىن ۋەقەسى» نى قانلىق باستۇرۇپ، مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.

ھالبۇكى، «خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان» ناملىق مەلۇماتتا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 73 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇملىرىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئورۇن بېرىلمىگەن. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 2 مەزمۇن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن. بۇنىڭ بىرى، 2018-يىلى 8-ئايدا ب د ت نىڭ تۇنجى قېتىم 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى. ئىككىنچىسى، 2022-يىلى 8-ئايدا ب د ت نىڭ يەنە ئۆز دوكلاتىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 6-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت دا ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا بايان قىلىنغان ۋەھشىيلىكلەرگە قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش-بارماسلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە بىلەت تاشلىنىدىغان بولۇپ، «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان» ناملىق مەلۇمات دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئېلان قىلىنىپ دىققەت قوزغىغان.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ قارىشىچە، مۇبادا 6-ئۆكتەبىر ب د ت دىكى بىلەت تاشلاش ئىجابىي بىر نەتىجە بىلەن خۇلاسىلەنسە، بۇ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ زور ئۇتۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى خەلقئارانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى بولۇپ سانىلىدىكەن.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتىكى غايىلىرىنىڭ بىرىمۇ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.