قانۇن چىقتى، دەۋاگەر چىقسۇن

0:00 / 0:00

«2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۆتتى.

بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتلىك بىر ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇمغا كۆڭۈل بۆلۈش ئامېرىكانىڭ ئەخلاقى مەسئۇلىيىتى، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسئۇلىيىتى، دېپلۇماتىيە ئېھتىياجى بولغان بولسا، ئەمدى قانۇنىي مەسئۇلىيىتىگە ئايلىنىدۇ. قانۇن ئىككىلا پالاتادا ئۈچتىن ئىككىدىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن پرېزېدېنتنىڭ ئىمزاسى بولمىسىمۇ، 10 كۈن ئىچىدە ئاپتوماتىك قانۇنغا ئايلىنىدۇ.

«2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» دە دىققەتكە سازاۋەر نۇقتىلارنى تىلغا ئالساق، بىرى ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن زۇلۇم سىياسىتىنىڭ تارىخى ‍ئېنىق دېيىلگەن. قانۇندا بۇ زۇلۇمنىڭ كومپارتىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىق تارىخىغا باغلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇزاقتىن داۋام قىلىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. مەنچە، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى دۇنيا جامائىتى ئۇيغۇر كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن لاگېرلارغا قامالغان 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پاجىئەسى سەۋەبلىك خەۋەر تاپتى. ئەگەر يۇقىرىقى نۇقتا تەكىتلەنمىگەن بولسا دۇنيا جامائىتى بارچە گۇناھنى بىر گۇرۇپپا رەھبەردىن كۆرۈپ، زۇلۇمنى پەقەت بىر قارارلىق ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىقىدەك ھېس قىلىشى مۇمكىن ئىدى. قانۇن لايىھەسىدە كومپارتىيە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ تارىخىنى ئەسلىتىش كېيىنكى قوللىنىلىدىغان تەدبىر ۋە جازالارنىڭ يالغۇز شى جىنپىڭ ۋەكىللىك قىلغان ھۆكۈمەتكە يۈكلىنىپ قېلىشىدەك پىكىر ئېقىمىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

قانۇندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ خاراكتېرى ناھايىتى ئېنىق ۋە كەسكىن قانۇنىي ئىبارىلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي قىلىۋاتقان زۇلۇم ئىرقىي كەمسىتىش، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، سىياسىي ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دائىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئىمزا قويغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

قانۇن لايىھەسىدە زۇلۇمنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇلاردىن ‍ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو، مۇئاۋىن سېكرېتارلىرى ھەمدە سىياسىي-قانۇن كومېتىتىتىنىڭ سېكرېتارى، 3 مىليونغا يېقىن كىشى سولانغان لاگېرلارنىڭ قۇرغۇچىسى جۇ خەيلۈننىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. قانۇن لايىھەسىدە شى جىنپىڭ تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما 28-ماي ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاش يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق» دېگەن سۆزلىرى تىلغا ئېلىنىپ ئەيىبلەندى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. قانۇن لايىھەسىنىڭ 8-ماددىسىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلاردا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەلۇمكى، سېربىيەنىڭ سابىق دىكتاتورى مىلوشېۋېچ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزگەن زۇلۇمى سەۋەبلىك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك خەلقئارا سوتقا تارتىلغان.

قانۇن لايىھەسىدە خىتاي كومپارتىيەسى لاگېرلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم تېخىمۇ كونكىرېتلاشقان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، پەقەت دىنىي زۇلۇم سۈپىتىدە خۇلاسە قىلىشتىن ساقلانغان. مەسىلەن، قانۇن لايىھەسىنىڭ بەشىنچى ماددىسىدا لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ دىن، مەدەنىيەت ۋە تىل ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئەنسىرەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكانىڭ نەزىرىدە «خىتاي مۇسۇلمانلىرى» دەپ قارىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى سۈپىتىدە قارىلىپ قالارمۇ دېگەن ئەندىشىسىنى يوققا چىقارغان بولدى.

قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكادىكى ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ۋە ھاكىمىيەتتىكى شەخسلەرگە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن تەلەپ قىلىنغانلار: 1. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش. 2. لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلىش 3. (ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان) بارلىق چەكلەشلەرنى ئېلىپ تاشلاش، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش. 4. خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان قېرىنداش، دوست ۋە قەدىردانلىرى بىلەن قايتىدىن نورمال ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇش. بۇندىن باشقا قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەجلىسى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان لاگېر مەسىلىسى، سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلار مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسى، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىڭ ئايرىۋېتىلىش مەسىلىسى، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىش مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ خاراب قىلىنىش مەسىلىسى، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قېلىش مەسىلىسى بىر بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر بېرىگە ئېنىق تەدبىر بەلگىلەنگەن. بۇ زۇلۇملارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئالاقىدار بولۇۋاتقان شىركەت، كارخانا، دۆلەت ئورگانلىرى، تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئورگانلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە كونكرېت تەدبىر، جازا ۋە چەكلىمە قويۇش بەلگىلەنگەن. بۇ ھەقتىكى زۇلۇمنى سادىر قىلغان ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ «يەر شارى ماگنىتىسكى قانۇنى» بويىچە جازالىنىش تەۋسىيەسى تەكىتلەنگەن.

قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى قوللاش، ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر ئاخباراتچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قارىتىلغان زىيانكەشلىككە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلىنىش ئېھتىماللىقىدىن بېشارەت.

خۇلاسە قىلغاندا، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مەسىلىسىنىمۇ، ئۆز ئېلىدىكى مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دېيىشكە بولىدۇ. قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپىتىدە ئۇچراۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن تارتىپ شەخس سۈپىتىدە دۇچ كېلىۋاتقان قانۇنسىز قاماققا ئېلىش، جىسمانىي خورلۇق، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

قانۇن لايىھەسى يۇقىرىقىدەك مەزمۇنلارنى يورۇتقان بولسىمۇ، مەنچە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئۆكسۈك قالغان. بىرى ‍ئۇيغۇرلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇق ئوپېراتسىيە ئارقىلىق جىسمانىي يوقىتىشقا دۇچ كىلۋاتقانلىقى، ئىككىنچىسى خىتايلار بىلەن تويلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق يوقىتىلىۋاتقانلىقى، ئۈچىنچىسى بالىلارنىڭ يەسلى يېشىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ يوقىتىلىۋاتقانلىقى، تۆتىنچىسى ئورگان سودىسىغا مەنبە قىلىنىپ يوقىتىلىۋاتقانلىقى، تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشىچىلىققا يۆتكەپ نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى بوغۇش ئارقىلىق يوقىتىلىۋاتقانلىقى چالا قالغان. بەلكىم بۇ مۇھاجىرەتتىكى داۋاگەرلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تولۇقلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئامېرىكادا قانۇن چىقتى، ئەمما قانۇن دېگەن ئۆزىنى ئۆزى ئىجرا قىلمايدۇ. بۇنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغان، قانۇن ئېڭىغا ئىگە، ئۆز ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا جۈرئەت قىلىدىغان، قانۇن بويىچە دەۋا قىلىدىغان، ئادەم بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇردا «دەۋاگەر سۇس بولسا قازى مۇتتەھەم بولۇر» دېگەن تەمسىل بار. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن بۇ قانۇندىن قانچىلىك پايدىلىنىپ، قانچىلىك ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى پۈتۈنلەي ئۆزىگە باغلىقتۇر.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ