بىز «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خوتەن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇنى مەتسىدىق ئۇراھىمنىڭ ئانىسى تۇردىخان ئاچىنىڭ زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ مەسىلىسىگە دائىر بەزى تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق.
ھازىر قاماق جازاسىنى ئۈرۈمچى 1-تۈرمىدە ئۆتەۋاتقان مەتسىدىق ئۇراھىم، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىپ، بىر يېرىم ئايدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. تۇردىخان ئاچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بىر كۈنى يېزىغا چاقىرتىلىپ كېتىپ، شۇ پېتى قايتىپ كەلمىگەن. ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىدىن خېلى بىر مەزگىلگىچە خەۋەر تاپمىغان. ئۇ دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئارزۇسى «ئوغلى چىقسا، قايتا باغرىغا بېسىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۇردىخان ئاچا: ھەئە، مەن مەتسىدىق ئۇراھىم دېگەننىڭ ئاپىسى بولىمەن. ياخشى ئەھۋالىم. (سالامەتلىكىم) ياخشى.
مۇخبىر: دوختۇرغا كۆرۈنگۈدەك بىر دوختۇرلۇق پاراۋانلىقىڭلار، داۋالىنىش سۇغۇرتىڭلار بارمۇ سىلەرنىڭ؟
تۇردىخان ئاچا: بار، داۋالىنىش ئىمكانىيىتىمىز بار ئەمدى. قېشىمدا شۇ بىر قىزىم بىلەن ئىككىيلەن بار ھازىر. بىر نەۋرەم بار ئەمدى، ئاشۇ قىزىمنىڭ قىزى. (قىزىم) ئاجرىشىپ كەتكەن شۇنىڭ بىلەن بىللە. تۇرمۇشىمىز ئەمدى، ئاۋۇ بالىسىغا 8 يىل بولدى ئاۋۇ يەردە بولۇپ قالغىنىغا. ئادەتتە يەنە بىر ئوغۇل بالام بار قېشىمدا ئۇمۇ خوتۇنى بىلەن. 3 بالام بار، چوڭى يېقىنراق يەردە تۇرىدۇ. ئۇنىڭمۇ ئەر-خوتۇن ئىككى بالىسى. ھازىر بىر قىزىم، نەۋرەم ئۈچەيلەن بىلەن ئەمدى.
مۇخبىر: تۇرمۇشنى قانداق قامدايسىلەر؟ دېھقانچىلىق قىلامسىلەر، باشقا بىر كەسىپ، ھۈنەر بارمۇ ياكى باشقا ئىش قىلامسىلەر؟
تۇردىخان ئاچا: دېھقانچىلىق قىلىمىز. بىرەر يىلدەك بولدى، ئۇ-بۇ دېگەندەك نەرسىلەرنى ھارۋىدا يولغا ئېلىپ چىقىپ ساتىمىز قىزىم بىلەن.
مۇخبىر: بالىڭىز بىلەن ئۆتكەن يىلى كۆرۈشۈپ كەلدىڭىزغۇ دەيمەن، ھەئە؟
تۇردىخان ئاچا: ھەئە، 11-ئاينىڭ 18-كۈنى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپتىكەن، شۇ چاغدا بېرىپ كەلدىم. ئوبدان تۇرۇپتۇ. بالام ئۆزىمۇ ئوبدان تۇردۇم، يامان ئەمەس، دەپ چىرايلىق گەپ قىلدى.
مۇخبىر: خېلى كۆرۈشەلىدىڭلارمۇ مۇنداق بىرەر كۈن تۇرۇپ، قونۇپ يېنىدا ياكى بىر قانچە سائەت بىر قانچە مىنۇتلا كۆرۈشتۈرۈپ بولدى قىلدىمۇ؟
تۇردىخان ئاچا: ئاشۇ پائالىيەتتە كۆرۈشتۇق ئەمدى. پائالىيەت ئەتىگەندە سائەت توققۇزلار بىلەن ئېلىپ كىردى. شۇ كېچە سائەت ئونبىر، ئونبىر يېرىمگىچە كۆرۈشتۈردى. پاراڭلاشتۇق بىر 30-40 ئائىلىنى ئاشۇنداق پائالىيەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەن. چىرايلىق كۆرۈشتۈردى، بىر قۇچاقلىۋالدىم شۇ. ئەھۋالى يامان ئوبدان ئۆيمەڭ، دېدى. ئوبدان نېمە قىلدۇق ئۆيمەڭ مەن ئىش قىلىپ، ياخشى ئىشلەپ كەچۈرۈم قىلىشقا تىرىشىمەن، دېدى. ئاشۇ مۇنداق سەيپۇڭچىلىق قىلىدىكەن. سەيپۇڭچىلىق قىلىمىز، دەيدۇ.
مۇخبىر: ئوغلىڭىز نېمە سەۋەبلىك مۇنداق ئۇزۇن مۇددەت كېسىلگەن بولدى ئەمدى، ئاخىرى؟
تۇردىخان ئاچا: ئۇ بالا تېخى يېشىغىمۇ توشمىغان، ئۇ بالا ئوقۇيتتى تېخى. يەنە يېرىم يىل ئوقۇغان بولسا، ئوقۇشى پۈتەتتى. 10-11 نى ئوقۇيتتى ئەينا. قانداق بولدى، قانداق ئەمەس، مەنمۇ جىق نېمە قىلالمىدىم ئەمدى شۇ خەقنىڭ بالىسىنىڭ كەينىگە كىرىپ، يوقاپ كېتىپ پەيدا بولدى. پەيدا بولۇپ ماڭا ئۇنداق-مۇنداقمۇ دېمىدى. «5-ئىيۇل» دېگەن نېمە چىقتى، چىقىپ ئۇ بولدى، بۇ بولدى، دېدى. پەيدا بولۇپ يول ساقلىغان چازىدا. شۇنىڭ بىلەن (بىر كۈنى) دادۈينىڭ سېكرېتارى ئوغلىڭىز يېزىغا چىقىپ كەلسۇن، دېدى.
ماڭا ئاپا يېزىغا چىقىپ كېلەي دەپ، كەتتى. ھېلى كېلە، ھېلى كېلە بىلەن كەلمىدى. ئەتىسى تاڭ ئاتتى. ئىزدەپ چىقسام مۇنداق بولۇپ ئەكىتىپتۇ، دېدى. ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ كۆرەلمىدىم. ئۈرۈمچىدىن ئادەم كېلىپ بالا بىزنىڭ قولىمىزدا، ئەمدى كۆرۈشكىلى چىقسىلا بولىدۇ، دېگەندە ئاندىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ كۆرۈشۈپ كەلدىم. ئىككى يىلغىچە كۆرۈشەلمىدى. ئەسلى مۇشۇ يەردە سوت ئېچىپتىكەن، لېكىن ئۇقالماپتىمەن سوت ئاچقان ۋاقتىدا.
مۇخبىر: بالىڭىز 5-يۇل ۋەقەسى بولغان ۋاقىتتا ئۈرۈمچىگە كەتكەن؟ ۋەقەدىن كېيىن قايتىپ كەلگەنمىتى كېرىيەگە؟
تۇردىخان ئاچا: كېرىيەگە قايتىپ كېلىپ بولغان. قايتىپ كېلىپ بىر-بىر يېرىم ئايدىن كېيىن ئېلىپ كەتتى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئىككى قېتىم چىقتىم يىلدا. ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ 2 يىلدا بىر قېتىم، بىر يىلدا بىر قېتىم ئەمدى ئىقتىسادىنى قىلالىسام چىقتىم، بولمىسا چىقالمىدىم. ئۆتكەن يىلى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشۇپتىكەن چىقىپ كەلگەن.
«5-ئىيۇل ۋەقەسى» ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا ئىلگىرى يۈز بېرىپ باقمىغان بىر قېتىملىق زور مىللىي توقۇنۇش. بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىغا سالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە 197 ئادەم ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئىزچىل گۇمان بىلەن قاراپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ۋەقەدە ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان، ئۆلگەن، ئۆلۈم جازالىرىغا بۇيرۇلغان ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
