سىياسىي مەھبۇس ئابدۇكېرىمنىڭ ئىنىسى: مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاكام ئۈچۈن دۇئا ۋە ھەرىكەتكە چاقىرىمەن

0:00 / 0:00

مەشھۇر سىياسىي مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 12 يىللىق كېسىلىپ جازا مۇددىتى 4 قېتىم ئۇزارتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇراخمان ئابدۇۋەلى، ئاكىسىنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ يەنە ئۇزارتىلماسلىقى ۋە تەن-سالامەتلىكىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن دۇئا ۋە ھەرىكەت تەلەپ قىلدى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى كېسىلگەن كۈندىن كېيىن، يەنى 24 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئائىلىسى ساقچىلارنىڭ نۇقتىلىق دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان. بۇ سەۋەبتىن ئابدۇراخمان ئابدۇۋەلىنىڭ يېقىنقى 24 يىللىق ھاياتى ساقچىخانىغا بېرىش ۋە كەلگەن ساقچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش بىلەن ئۆتكەن. شۇڭا ئۇ رادىئومىز ئارقىلىق جامائەتكە خىتاب قىلىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ قانۇنلىرى بويىچە ئاكىسىغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.