ئۇيغۇر ئۆمىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرىدىن ئابدۇقادىر ياپچاننى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تونۇلغان دىنىي زات، جامائەت ئەربابى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچان 8-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيە ج. خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.

ئىككى قېتىم قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، قايتا تۇتۇپ كېتىلدى. ھازىر ئىستانبۇل مالتەپە تۈرمىسىدە ئورنىدا ياتماقتا. 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ يۇرتداشلىرى ۋە يېقىنلىرى دەپ تونۇشتۇرغان ھەمدۇللاھ مەمەتوغلۇ باشچىلىقىدىكى 8 ئۇيغۇر ئەنقەرەگە كېلىپ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت گۈنال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى بالدۇرراق قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت ئۈنال ئەپەندى پارتىيە مەركىزىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇيغۇر ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى ۋە ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدىكى يازما دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

قوبۇل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى بۇ ھەيئەتكە ئۇزاتتۇق. ئابدۇرەھىم تۇرسۇن ئەپەندى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىمىز ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەسىلىسى ئىدى. بۇلارغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن سۈيلەڭلار دېمەكچى ئىدۇق. بۇلار بۇ مەسىلىنى بىلىدىكەن، قالغان ئىشلارنى بىزدىن ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ ئىشنىڭ پېشىنى قويۇپ بەرمەيمىز. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ ھەقتە پات يېقىندا سىلەرگە جاۋابىنى بېرىمىز دەپ، ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋالدى، ئۆزلىرىمۇ خۇرسەن بولدى، بىزنىمۇ خوش قىلىپ يولغا سالدى».

ئابدۇرەھىم تۇرسۇن ئەپەندى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت گۈنال ئەپەندى ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇ كىشىمۇ ياخشى بىلىدىكەن، لېكىن بىز چېكىۋاتقان دەرتنى تېتىپ باقمىغاچقا بىزدەك بىلمەيدىكەن. شۇڭا بۇ ھەقتە بىز بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىشقا ۋەدە بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ ئىشنى تاشلىۋەتمەيمىز دەپ ۋەدە بەرگەن بولدى.»

ھەمدۇللاھ مەمەتوغلۇ ئەپەندى مۇنۇلارنى دېدى: «ئابدۇقادىر ياپچان تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن كۆپ قايغۇلارنى چەكتۇق. تەشكىلاتلار دۆلەتلەرگە كۆپ قېتىم ئاڭلاتتى ئاڭلىتىۋاتىدۇ. بىز نەچچە مىليون تۈرك خەلقى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دۆلەت باغچەلى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدۇق، ئەمما جىنازا مۇراسىمىغا كەتكەن بولغاچقا كۆرۈشەلمىدۇق. ئۇنىڭ مۇئاۋىنى مەھمەت ئۈنال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۇق. ياپچان مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نازۇك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. خەۋىرىمۇ بار ئىكەن، بۇندىن كېيىن مەسىلىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، مەنچە بەك ياخشى ئۆتتى. »

ھەمدۇللاھ مەمەتوغلۇ ئەپەندى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ تۈرك پارلامېنتىدىكى ئۈچىنچى چوڭ پارتىيە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇخەمىت داۋۇتوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ باشقا پارتىيىلەرگىمۇ بۇ مەسىلىنى دېيىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بىز بۇ ئۇيغۇر ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت ئۈنال بىلەن ئەپەندى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى.

تونۇلغان دىنىي زات، جامائەت ئەربابى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچان 8-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيە ج. خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. ئارىدا ئىككى قېتىم قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قايتا تۇتۇپ كېتىلىپ، ھازىر ئىستانبۇل مالتەپە تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بىز ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىشى توغرىسىدا ماتېرىيال بەرگەن. مەزكۇر ماتېرىيالدا ياپچان «بۆلگۈنچى، تېررورىست» دەپ ئەيىبلەنگەن ئىكەن.