تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ قاماپ قويۇلغان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇشلۇق جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايىتى يوق دەپ قارار چىقىرىلغان بولسىمۇ، 80 كۈندىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئابدۇقادىر ياپچاننى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەردوغانغا يېزىلغان بىر مەكتۇپ بۈگۈن تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن يېڭى ئاقىت، مىللىي گېزىت، سىتار قاتارلىق گېزىتلەردە، خەبەر7، تايىم تۈرك قاتارلىق ئونلىغان تور تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقىتىلدى.

ئالدىنقى كۈنى تۈركىيەدە نەشر قىلىنىدىغان يېڭى شەفەق گېزىتىدە «ئابدۇقادىر ياپچان خىتايغا قايتۇرۇلىدۇ» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا بولدى. ئەھۋالنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ ماقالىنىڭ باش تېمىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئاساسىي مەزمۇنلىرىدا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ھاياتى ۋە ھازىرقى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالغان بولسىمۇ، خىتايغا قايتۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات، سەۋەب ۋە ياكى ئىسپات يېزىلمىغان.

بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنى تېمىغا ماسلاشمىغان يەنى ئوخشاش يېزىلمىغانلىقى ئاشكارا بولدى. بىز بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يېڭى شەفەق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدىكى ئۇ جۈملىنىڭ ئاساسى يوقلۇقنى، ئۇنداق ئەھۋالنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، بۇ مەسىلىنىڭ تېزرەك ھەل بولۇشى ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى، ئىستانبۇل بەكىركۆي سوت مەھكىمىسى ئەڭ ئاخىرىدا چىقارغان قاراردا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوق دەپ قويۇپ بېرىش قارارى ئالغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارغا قاراپلا ئەندىشىگە چۈشمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

يېڭى ئاكىت ۋە مىللىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەكتۇپتىمۇ، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى، ئىستانبۇل بەكىركۆي سوت مەھكىمىسى ئەڭ ئاخىرىدا چىقارغان قاراردا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى، خىتاي دائىرىلىرى داۋا قىلغان شىكايەتلەرنىڭ جىنايەت ئارتىشقا دەلىل-ئىسپات بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جىنايىتى يوق دەپ قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى قايتىدىن تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ھازىر قانۇنىي جەھەتتە ھېچقانداق بىر جىنايىتى يوقلۇقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، بەكىركۆي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايىتى يوق دەپ قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىنغان 5 بەتلىك قارارنامە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاندا ساقلانغان بولۇپ، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، قارارنامىدە خىتاينىڭ ئابدۇقادىر ياپچانغا ئارتقان ئەيىبنامىنىڭ ھېچبىرىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەسلىكىنى، جىنايەت ئارتىش ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، خىتايدىن 40 كۈنى ئىچىدە باشقا دەلىل كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ھېچقانداق دەلىل كەلتۈرمىگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇل باكىركۆي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايىتى يوق دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇ مەكتۇپ ۋە بىر قانچە ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بولۇپمۇ كۆپىنچە تۈركلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ فېسبوك ۋە تىۋېتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر خىل پىكىر -ئىنكاسلار ۋە بەس-مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

بەزى تۈركلەر، تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشى ئۈچۈن بۇنچىۋالا ئېغىر بەدەل تۈلەيدىغان ئىش بولسا كىرمەيلا قويسۇن، دېگەندەك پىكىر بايان قىلغان.

ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ماردىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى پروفېسسور ئەخمەت ئاغرىقچى ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىۋېتتىر ھېسابىدا ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق يازغان: «ئاق پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا پارلامېنت ئەزاسى ياسىن ئاقتاي بىزگە ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بەرمىسە خىتاي نېمە قىلالايدۇ؟ دەرھال مۇداخىلە قىلىش كېرەك.»

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەلى قۇرت ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تىۋېتتىر ھېسابىدا بايانات بېرىپ مۇنداق يازغان: «شەرقىي تۈركىستانلىق جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىنى خىتايغا ۋە ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە چىقارماسلىقى كېرەك. زۇلۇمغا ۋاسىتە بولماسلىق كېرەك.»

ژۇرنالىست ئوسمان ئاتالاي ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ تىۋېتتىر ھېسابىدا پىكىر بايان قىلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا 15 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئابدۇقادىر ياپچان خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى كېرەك» دېدى.

بۈگۈن يەنە تايىم تۈرك تاراتقۇسىدا ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغانغا خىتاب قىلىپ، «خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەڭ!» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى.

يېڭىچاغ گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى دوكتور كۇرشاد زورلۇ ئەپەندى ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا، خىتاي دائىرىلىرى، «خىتاينى پارچىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان» دەپ تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئابدۇقادىر ياپچاننى پەقەت بولمىغاندا بالقان دۆلەتلىرىدىن بىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولىدۇ» دەپ يازغان.

سۈرىيە تۈركلىرى نامىدىكى بىر تىۋېتتىر قوللانغۇچى«ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرماسلىق كېرەك، بۇ زۇلۇمنى توختا دەيلى» دەپ يازغان.

ئەردوغانغا يازغان مەكتۇپتا ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا توختىلىپ، ياپچاننىڭ تېررورچى ئەمەس، بىلىملىك كىشى ئىكەنلىكىنى، 15 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش تەلىپى رەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئايالى ۋە قىزىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى يېزىلغان.

مەكتۇپتا يەنە، ئابدۇقادىر ياپچاننى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: «مەھكىمە تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قاماپ قويۇلغان، باكىركۆي جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ۋە ئاساسىي قانۇن يۇقىرى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىتاينىڭ قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان قارارى چىققان ئابدۇقادىر ياپچاننى، نە خىتايغا، نە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتمەسلىكنى، نازارەت ئاستىدا بولسىمۇ قويۇپ بېرىلىپ، تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئايال باللىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدە سىياسىي پاناھلانغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياشىشى ئۈچۈن قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.»

بۇ مەكتۇپ شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدا ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى تەرىپىدىن ئەردوغانغا يېزىلغان.