ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەتسىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر ياش تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئاي تولغان كۈنى دائىرىلەر ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېلوسى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئائىلىسىدىكىلەرگە ئاغزاكى ئۇچۇر بەرگەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 15-يانۋاردىن بۇيان ئۈرۈمچىدە خەۋەر كۈتۈپ تۇرغان چوڭ ئاكىسى 20-فېۋرال كۈنى تۇتقۇندىكى ئىنىسى ئابدۇۋەلى دېلوسىنىڭ 10-مارت ئەتراپىدا تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. بۇ 6 ئايدىن بۇيان، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۇقتۇرۇش قىلىنغان تۇنجى رەسمىي ئۇچۇر ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇنداقتا، ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن بىر كۈندە تۇتقۇن قىلىنغان مۇھەممەتسىدىق ۋە دىليار ئوبۇلنىڭ دېلوسى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ مەلۇم ئۇچۇرغا ئېرىشتىمۇ؟
19-فېۋرال كۈنى «ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ تۇتقۇندىكى دىرېكتورى مۇھەممەتسىدىقنىڭ ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان بىر تۇغقان ئاكىسى ئۆمەرجان بۆرە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىنىسىنىڭ دېلوسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئىنىسى تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئاي بولغۇچە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر ئۇقالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۆمەرجان بۆرە زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، خىتاينىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 6 ئاي مۆھلەت ئىچىدە تۇتقۇندىكى ئىنىسى مۇھەممەتسىدىق ھەققىدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىرەر ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ۋەھالەنكى، ئۇ ئۆزى بولسۇن ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بولسۇن، ئىنىسى مۇھەممەتسىدىقنىڭ قاچان سوتلىنىدىغانلىقى ۋە تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
20-فېۋرال كۈنى، يەنى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار تۇتقۇن قىلىنىپ توپ-توغرا 6 ئاي تولغان كۈنى، دائىرىلەر ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ 10-مارت ئەتراپىدا تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ جىيەن ئىنىسى مىرشات بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
مىرشاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 20-فېۋرال كۈنى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىر ئايدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە خەۋەر كۈتۈپ تۇرغان چوڭ ئاكىسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن تۆۋەندىكى جاۋابقا ئېرىشكەن:
«ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قەشقەرگە چۈشۈرۈلۈپ قايتا تەكشۈرۈلگەن دېلو ماتېرىياللىرى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك شۆبە ئىدارىسىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. مەزكۇر شۆبە 10-مارت ئەتراپىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسىنى تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرىدىكەن. ھالبۇكى، مەزكۇر دېلونىڭ قاچان سوتلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. دائىرىلەر يەنە ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسىغا مەزكۇر دېلو ئۈچۈن ئايرىم ئادۋوكات تۇتسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۈرمىدە سالامەتلىكىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈش تەلىپى يەنىلا رەت قىلىنغان.»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.