ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېلوسى تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغان، ئادۋوكات تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، ئالتە ئايدىن بۇيان تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسىنىڭ 11-مارت كۈنى تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغانلىقى مەلۇم.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 19-فېۋرال كۈنى، يەنى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئاي توشۇشقا بىر كۈن قالغان ۋاقىتتا ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ 10-مارت ئەتراپىدا تەپتىشكە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان جىيەنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 11-مارت كۈنى ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن رەسمىي تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 15-يانۋاردىن بۇيان ئۈرۈمچىدە خەۋەر كۈتۈپ تۇرغان چوڭ ئاكىسى يېقىندا دائىرىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن مەخسۇس ئادۋوكات ئىزدىگەن. نەتىجىدە مەزكۇر دېلو ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان ئادۋوكات ئۆز خىزمىتىنى رەسمىي باشلىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر ئادۋوكاتنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن بىللە يەنە دىليار ئوبۇل دېلوسىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ جىيەنى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ چوڭ ئاكىسى بىلەن دىليار ئوبۇلنىڭ ئاكىسىنىڭ بىرلىكتە مەزكۇر ئادۋوكات بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، تەكلىپ قىلىنغان ئادۋوكاتنىڭ 6 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئادۋوكاتنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قامالغان كامېردىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىچىشقاق كېسىلى تارقالغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەزگىل قىچىشقاق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، يېقىندا ساقايغان. ھازىر سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشقان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پەرىزىگە قارىغاندا، ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسىنىڭ مارتنىڭ ئاخىرلىرى ياكى ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا سوت قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتىكەن. ۋەھالەنكى، سوتنىڭ ئېنىق ۋاقتى ۋە ئورنى ھەققىدە تېخىچە رەسمىي ئۇقتۇرۇش يوقكەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.