مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى
2018.05.15
بىرقانچە ھەپتىدىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىدە كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن، چولپاننىڭ يۇرتى گۇما ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە ئەڭ دەسلەپتە گۇما ناھىيە سانجۇ يېزىلىق ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى دەلىللەندى.
مودا ئېقىم ناخشىلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ تونۇلغان ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ سەھنىلەردىن غايىب بولغان. ئۇنىڭ ئۈندىدار توپلىرىدىكى دوستلىرىمۇ، 2-ئايدىن باشلاپ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۇچۇر بايقىمىغان. ئۇنىڭ تورغا چىقىش، ئۇچۇر ئورتاقلىشىشى قاتارلىق تور پائالىيىتىمۇ ئوخشاش شۇ ۋاقىتتا توختىغان. بۇ ئەھۋال ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ھېرسمەن ئەگەشكۈچىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. بىر ئايدىن بېرى رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىزچىل ھالدا تەكىتلەنمەكتە.
ئىنكاسچىلاردىن بىرى ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى مالايشىياغا چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى يازسا، يەنە بىرەيلەن، ئۇنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشىدىن چاتاق چىققانلىقى، يەنى ئىئانە قىلغان پۇلنىڭ بىر قىسمى خىتاي تەرەپ نۇقتىلىق ئائىلە دەپ بېكىتكەن ئائىلىلەرگە تېگىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. يەنە بەزىلەر بولسا، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ ناخشا-تېكىستلىرىدىكى مىللەت سۆيگۈسىنىڭ ئۇنىڭ تۇتقۇن قلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلغان.
تورلاردا ساقلانغان ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ماتېرىياللاردىكى مەزمۇنلار، يۇقىرىقى ئۈچ خىل سەۋەبنىڭ ھەممىسىنىڭلا مۇمكىنچىلىك ئېھتىمالىنى كۆرسەتمەكتە.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، 1984-يىلى گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 14 ياش ۋاقتىدا تۇرپاندا ئىككى يىل رەسساملىق ئوقۇغاندىن كېيىن، سانجۇ يېزىسىغا قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 2006-يىلى ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئوقۇش ۋە سەنئەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بۈگۈن ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھېرىسمەنلىرىدىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، ئۆزىنىڭ خوتەندىكى بەزى قاناللار ئارقىلىق، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ 3 ئاي ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن ئېنىق ھالدا خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ يۇرتىغا زىيارەتكە بارغان مەزگىلىدە تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتتى.
بىز بۈگۈن، يەنى 15-ماي كۈنى خوتەندىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملارنىڭ كۆپ قىسمى ئابلاجاننى تونۇيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. خادىملار ئابلاجاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. خادىملارنىڭ ئەنسىز جاۋابلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئابلاجان ھەققىدە راست گەپ قىلىش ئەمەس، ئۇ توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشتىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.
گۇما ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى، قاراقاش ئاقساراي ساقچىخانىسى، خوتەن ئىلىچى ساقچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار، ئەھۋالنى سانجۇ يېزىسىدىن ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. سانجۇ يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفونىمىز باغلانمىغاندىن كېيىن، بىز قياۋدا ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ ساقچى خادىمى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ سانجۇ يېزىلىق ساقچىخانا تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
توردا ساقلانغان بىر تېلېۋىزىيە زىيارەت خاتىرىسىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ تېخى توي قىلمىغانلىقىنى، چۈنكى كەسىپ جەھەتتىن ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى بارلىقىنى، شۇڭا ھازىرچە كۆپ ۋاقتىنى سەنئەت ھاياتىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئويىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.