ئامېرىكىنىڭ ئادەم سودىسى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئادەم سودىسى دوكلاتىدا خىتاي دۇنيادىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇۋاتقان ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلدى. دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللار ئەڭ گەۋدىلىك مىسال تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىشقا چاقىردى.

ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئەڭ قەبىھ جىنايەتلەردىن بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئادەم سودىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەمدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردە بۇ ئەھۋاللارنىڭ قايسى دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىمۇ پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى ھەر يىلى مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ۋە پاكىتلار ئاساسىدا دۇنيادىكى دۆلەتلەردە «ئادەم سودىسى» نىڭ مەۋجۇت بولۇش ئەھۋالىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىگە ئايرىپ، سىستېمىلىق دوكلات تەييارلاشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئادەم سودىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى 2017-يىللىق دوكلاتى 27-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بۇ قېتىمقى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ، ئادەم سودىسىنىڭ «زامانىمىزدىكى ئەڭ قاباھەتلىك ھەق ۋە ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بىرى» ئىكەنلىكىنى، «ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ھەر يىلى 20 مىليون كىشىنىڭ ئادەم سودىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن 21-ئەسىرنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىدىغان بىر ئەسىر بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇ، بۇ ھەقتە قىلغا سۆزىدە خىتايدىكى ئادەم سودىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ساھەسىگە دائىر يىللىق كۆرسەتكۈچىنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ تۆۋەنلىگەنلىكىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ بۇ جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا خىتاينىڭ ئادەم سودىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگىتىش جەھەتتە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى تەلەپنىمۇ ئورۇنلىمىغانلىقى سەۋەبلىك بۇ يىل 4 دەرىجىلىك باھالاشتا 3-دەرىجىدىكى دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللار ئەڭ ئېغىر بولغان ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، رۇسىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خىتاي بىلەن بىر گۇرۇپپىغا تىزىلغان.

رادىيومىز ئىلگىرى كۆپ قېتىم خەۋەرلەر بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكىلىشى ھەمدە ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلاردا يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ھاشار ئەمگىكى بۇ قېتىمقى دوكلاتتا ئالاھىدە مىسال تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىنغان.

مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارادىكى «ئادەم سودىسى» (Human Trafficking) ئاتالغۇسىنىڭ شەرھىسى يەنە مەجبۇرىي ئەمگەكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ئادەتتە شەخسلەرنىڭ غۇرۇرىنى پايخان قىلىش، شۇنىڭدەك ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىش، دەپ قارىلىدىكەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۇلارنى رايوننىڭ ئۆزىدە ۋە سىرتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، گەرچە يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنى بىكار قىلىش ھەققىدە قارار ئالغان بولسىمۇ، بۇ قارارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجرا بولمىغانلىقى ئالاھىدە يەر ئالىدۇ.

ئامېرىكىدىكى جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئادەم سودىسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس مارك لاگىن (Mark P. Lagon) بۇ قېتىملىق دوكلات ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بۇ يىلقى دوكلاتنى ئېلان قىلغان يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقاچ، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىمقى دوكلاتتا ئادەم سودىسى بويىچە ئەڭ ناچار كۆرسەتكۈچ تىزىملىكىگە تىزىلغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تىللېرسون دوكلاتنى ئېلان قىلغان ۋە سۆز قىلغان مۇراسىمغا قاتناشتىم. مېنىڭچە بۇ دوكلات بەكمۇ كەڭ مىقياستا تەييارلانغان. خىتاي بۇنىڭدىكى ئادەم سودىسى ساھەسىدە تولىمۇ جىددىي ئورۇن تۇتىدىغان بىر دۆلەت، چۈنكى خىتايدا ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھەرخىل مەجبۇرىي ئەمگەكلەرنىڭ، جۈملىدىن تۈرمىلەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكلەرنىڭ پايدىسىغا تەڭ شېرىك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي تەۋەسىگە قېچىپ كەلگەن شىمالىي كورېيەلىكلەرگە قاچقۇنلار سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى كەلگەن يېرىگە قايتۇرۇلىدىغان ئەمگەكچى كۆچمەنلەر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ بىر تۈرلۈك سىياسىتى بولۇپ داۋام قىلماقتا. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بۇ ئىنسانلار ئۇ جايدا ۋەھشىيانە يوسۇندا ئەمگەك كۈچى ۋە جىنسىيەت ئۈچۈن ئېكسپىلاتاتسىيە ئوبيېكتى بولىدۇ.»

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك (Sarah Cook) يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھەمدە تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي مەسىلىلىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس. ئۇ بۇ قېتىمقى دوكلات ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ «ئادەم سودىسى» كۆرسەتكۈچىدە بۇنداق ناچار ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدا بىرنەچچە تۈرلۈك ئامىلنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن دوكلاتنى كۆرۈپ چىقىش جەريانىدا ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىكى بەزى تارىخىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە قاراپ چىقتىم. يەنى 2013-يىلىمۇ خىتاي بىر قېتىم مۇشۇنداق تۆۋەن دەرىجىلىك كۆرسەتكۈچكە ئېرىشكەن ئىدى. مېنىڭچە شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسىنى بىكار قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللاردا بەزى ياخشىلىنىشنىڭ بولىدىغانلىقىدىن بېشارەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن پۈتكۈل سىستېمىدا راھەتسىز بولغان بىر تەۋرىنىش ئوتتۇرىغا چىقتى. خۇددى مۇشۇ قېتىملىق دوكلاتتا كۆرسىتىلگەندەك باشقا كۆپلىگەن ساھەلەردە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ سىياسىي، مىللىي، دىنىي ساھەلەردىكى مەھبۇسلارنىڭ خىتاي تەۋەسىدە داۋاملىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەم سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەھۋاللار، بولۇپمۇ شىمالىي كورېيەدىن قېچىپ كەلگەنلەر دۇچ كېلىدىغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرمۇ بىزگە مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. شۇڭا مېنىڭچە مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى بىر نۇقتىغا مەركەزلىشىپ، خىتاينىڭ بۇ يىلقى ئالاقىدار كۆرسەتكۈچتە يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان. شۇنىڭ بىلەن خىتاي 2013-يىلىدىكى باھالاشتا تىزىلغان 3-دەرىجىلىك ئورۇنغا يەنە بىر قېتىم قايتىپ كەلدى.»

خىتايدىكى ئادەم سودىسى زىيانكەشلىكىنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىسمەتلىرى ھەققىدە پروفېسسور مارك لاگىن دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان بەزى مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ توختالدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئۆزى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق «ئادەم سودىسىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىشخانىسى» نىڭ مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋاقىتلاردىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا بۇ يىلقى دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان بەزى مەسىلىلەرنى قاراپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭچە دوكلاتتا ئېيتىلغان يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرىگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق «قانۇنسىز پائالىيەتلەر» گە ئارىلىشىپ قېلىشتىن توسماقچى بولغانلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا 2017-يىلى 4-فېۋرال كۈنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ ئەھۋاللارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە قانداق قىسمەتلەرگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە يېتەرلىك پاكىتلار ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ، بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتايدىغان رايوندىكى ئۇيغۇرلار تولىمۇ قاباھەتلىك ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر خەلقى زۇلۇمنىڭ ۋە دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ نىشانى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ھەدىسىلا ‹تېررورچىلار› دەپ قارىلىۋاتىدۇ، گەرچە ئەمەلىيەتتە بۇنداقلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ. ئەمدى بىز سۆزلىشىۋاتقان (ئۇيغۇرلاردىكى) مەجبۇرىي ئەمگەك بولسا، خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ رايون مىقياسىدىكى ئىقتىسادىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ھازىرقى دۆلەت تۈزۈمى ئەمەلىيەتتە ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك بۇ رايوننى مۇشۇ يول ئارقىلىق كونترول قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يوسۇندا يۆتكىلىشىگە كەلسەك، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتايلارغا خىتاي دۆلىتى ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتايدىغان بۇ ئۆلكىنى كونترول قىلىشنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ.»

خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدە قىزىق مۇھاكىمە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇۋاتقان، يەنە كېلىپ دونالد ترامپ ئاقسارايغا كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەر تەرەپلىمە مۇناسىۋىتىدە جىددىي تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەمدە خىتاينىڭ ئەڭ ناچار كۆرسەتكۈچتىن ئورۇن ئېلىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقى مەلۇم.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى دوكلاتتا ئالاھىدە مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىشى ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم بۇ غۇلغۇلا ئىچىگە ئېلىپ كىرىلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە.