20-ماي كۇچادا يۈز بەرگەن «ئالىقاغا ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن، ۋەقەدە يېتەكچى رول ئوينىدى دەپ قارالغان ئىبراھىم تۇردىنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان.
شۇ كۈنى ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 26 ياشلىق ئىبراھىم تۇردى يېزىدىكى ئىمان-ئېتىقادلىق ياشلاردىن بولۇپ، ئۇ شۇ كۈنى بازارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى ئاياللارنىڭ بېشىدىكى ياغلىققا قول ئۇزاتقاندا، زوراۋانلىققا يولۇققان ئاياللارغا يان بېسىپ خادىملار بىلەن تاكاللاشقان ۋە دەرۋازا ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلار سېپىدىمۇ سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغان.
ئۇ، بۇ قىلغىنى ئۈچۈن خادىملار تەرىپىدىن بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا تارتىپ ئەكىرىپ كېتىلگەندە نامايىش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان ۋە توقۇنۇشقا ئايلانغان. ساقچىلار نامايىشنى بېسىقىتۇرۇش ئۈچۈن ئاممىغا ئوق چىقارغان، ئوقتا يارىلانغان 5 ئادەمدىن ئىككىسى نەق مەيداندا جان ئۈزگەن ئىدى.
يېقىندا ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، 20-ماي يۈز بەرگەن كۇچا ئالاقاغا ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر سىن پارچىسى تارقىتىلدى. ۋىدىيودا دەرۋازا ئالدىدا نەچچە يۈزلىگەن كىشىنىڭ توپلىشىپ «قويۇپ بېرىلسۇن!» دەپ شوئار توۋلاۋاتقانلىقى ۋە تەكبىر ئېيتىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ. كۆرۈنۈشتىكى ئورۇن ۋە توۋلانغان شوئارلار، كۇچا ئالاقاغا ۋەقەسى ھەققىدە رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ ۋىدىيونىڭ راستىنىلا ئالاقاغا ۋەقەسىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.
رادىئومىزغا كەلگەن يەنە بىر ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى نامايىشتا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان ئىبراھىم تۇردىنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى بېكىتىلىپ رەسمىي قولغا ئېلىنغان.
بىز بۈگۈن ئىبراھىم تۇردىنىڭ كىملىكى ۋە شۇ كۈنكى نامايىشتا ئوينىغان رولى ھەققىدە شۇ كۈنىكى ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ئامانلىق مۇدىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق.
ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن ئىبراھىم تۇردى، ئالاقاغا بازىرىنىڭ 3-كەنت 3-مەھەللىسىدىن بولۇپ، ئۇ ۋەقە چىققان كۈنى ئەڭ دەسلەپ تۇتۇلغان ئاياللارغا يان بېسىپ بازارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن تاكاللاشقان. بازارلىق ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلانغان كىشىلەر قاتارىدا تۇتۇلغان ئاياللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلىغان. ئۇنىڭ نامايىشتىكى ئاكتىپلىقىدىن غەزەپلەنگەن خادىملار ئۇنى تارتىپ-سۆرەپ بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا سۆرەپ ئەكىرىپ كەتكەن. ئۇ بىنا ئىچىدىمۇ خادىملارغا باش ئەگمىگەن. سوراق داۋامىدا خادىملار ئۇنى ساقىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇغان، ئۇ ئالاقاغا بازىرىدا بىرمۇ ساقاللىق كىشى قالمىغاندا ئاندىن ئۆزىنىڭ ساقىلىنى چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بىنا ئىچىدە خادىملار بىلەن تاكاللىشىۋاتقان پەيتتە سىرتتىكى نامايىشچىلار، «ئىبراھىم تۇردى قويۇۋېتىلسۇن» دەپ شوئار توۋلىغان، نامايىشچىلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققان خادىملار ئىبراھىم تۇردىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
نامايىش خىتاي قوراللىق قىسمى تەرىپىدىن قانلىق بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇتقۇندا ئىبراھىم تۇردىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا قولغا ئېلىنغانلىق ھەققىدە رەسمىي ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان.